تەكلىماكاندىكى ساتما ئۆيلەر

0:00 / 0:00

2019-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىگە قاراشلىق دەريا بويى يېزىسىدىكى ئاھالىلەرگە نىسبەتەن بىر تارىخىي كۈن بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، ئونلىغان يۈك ماشىنىلىرى دەريا بويى يېزىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى 114 ئۆيلۈك كەنت ئاھالىسىنى كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، مىڭ يىللاردىن بېرى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرى قىسمىدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن 362 ئۆيلۈك ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ھەممىسى تەلتۆكۈس يېڭى ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈرۈلدى.

دەريابويى كەنتى كېرىيە ناھىيە بوستانلىقىنىڭ شىمالىغا، چوڭ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىگە جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 365 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 96 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارانلا 1300 دىن ئارتۇق نوپۇسى بولغان، يەر كۆلىمىگە نىسبەتەن ئاھالىسى ناھايىتى شالاڭ ۋە تارقاق جايلاشقان بۇ يېزىدا ئەگەر بىرەرسىنىڭ ئۆيىنى سورىماقچى بولسىڭىز، «ئاۋۇ يەردە!» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ «ئاۋۇ يەردە» دېگىنى 30-40 كىلومېتىر ئارىلىق بولۇپ، پىيادە 2-3 سائەت يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.

ئەسىرلەر بويى بۇ جايدا ياشاپ كەلگەن دەريابويىلىقلار مۇشۇ خىل تارقاق ئولتۇراقلىشىش ئۇسۇلىغا ئادەتلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن يېزا ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. بۇ جەرياندا دەريابويىلىقلار ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ جايدىن خىتاي يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقان قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىمىز، زامان ئېقىملىرىدا توزان باسقان ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ۋە تارىخنىڭ قۇم باسقان يالدامىلىرى تېپىلىدۇ. بۇ رايوندا ياشاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزگىچە تىل ئادىتى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت كۆزقاراشلىرى، تىلشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك ماتېرىياللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، دەريابويى يېزىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىرتقا كەڭ ئېچىۋېتىلىشى بىلەن تەڭ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يوپۇرۇلۇپ كەلگەن تەكشۈرگۈچى، ساياھەتچىلەرنىڭ زىيارەتلىرى بىلەن تۈگەنلەنگەن. مەسىلەن، تاشيول ياساش، نېفىتلىك ئېچىش ۋە توشقان زەدىكى، چۈچۈك بۇيا قاتارلىق قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى قېزىش، جەرەن قاتارلىق ياۋا ھايۋاناتلارنى ئوۋلاپ ئېكېئولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان ھالدا دەريابويىلىقلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشقا سەۋەبچى بولغان. بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە دەريا بويىلىقلارنىڭ تىنچ ياشاپ كەلگەن ھايات مۇۋازىنىتى بۇزۇلۇپ، تۇرمۇش ئادەتلىرى ئۆزگىرىشكە باشلىغان.

ming-mil.jpg

دەريابويى خەلقى گەرچە ئەسىرلەر بويى تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى تەكلىماكاننىڭ قۇم-بورانلىرى ئارىسىدا تاۋلىنىپ، باتۇرلۇق شەجەرىسىنى ياراتقان قەھرىمان خەلق بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە، قاغجىرىغان دىللارغا ئۈمىد بېرىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ قەدىمىي يېزا خۇددى قۇملۇقتىكى ئۈستى ئوچۇق فولكلور مۇزېيىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بىز ئۈچۈن كولدۇرما ئاۋازى تېخى سېھرىي كۈچىنى يوقاتمىغان، ھەقىقىي مىللىي خاسلىق ئوقچۇپ تۇرغان بىر پارچە ئالتۇن تۇپراقتىن دېرەك بېرىدۇ.

دەريابويىلىقلارنى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا باغلاپ تۇرغان مۇھىم ئامىل ئۇ يەردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەردۇر. تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان 3-4 مىڭ يىل بۇرۇنقى تارىخىي دەۋرلەرگە ئائىت بولغان قەدىمىي خارابىلىكتىكى ئۆيلەرنىڭ ياسىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە دەريابويىدا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلمىسىغا ئوخشايدىغانلىقى بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خارابە ئۆيلەردىن تېپىلغان بورا، يۇڭ، ياغاچ ۋە لىملار ئۈستىدە قىلىنغان ئانالىزلارغا ئاساسەن، ئەينى ۋاقىتتىكى قوتان-ئېغىللارنىڭ تۈۋرۈكلىرى توغراق بادرىلىرىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۆگزىسىگە قومۇش يېپىلغان. بىر ئېغىز ئۆي ئىككى ئاسماق قىلىپ بۆلۈنگەن بولۇپ، يەرگە ئاۋۋال بورا بىلەن سېلىنچا سېلىنىپ، ئۈستىگە كىگىز سېلىنغان. ئۆينىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا ئوچاق قويۇلغان. بەزى ئۆيلەر 3-4 ئېغىز بولۇپ، ھەممە ئۆيلەردە قازناق ئۆيلەر ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن. قازناق ئۆيلەر ئاساسلىقى زاپاس بېلىق ۋە ئىسلانغان ئۆردەكنى ساقلاشقا ئىشلىتىلگەن. بۇ خىل ئۆي قۇرۇلمىسىنى بۈگۈنكى دەريابويىلىقلارنىڭ ئۆي تۈزۈلۈشىگە سېلىشتۇرساق، دەريابويىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن ساتما ئۆي ۋە قوشام ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. ساتما ئۆيلەر ياسىلىش شەكلىگە قاراپ كۈزلۈك ساتما، يازلىق ساتما ۋە قىشلىق ساتما دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلغان. ساتمىلارنىڭ ھەممىسىلا يۇلغۇن ياكى قومۇش بىلەن يېپىلىدۇ. ئۆينىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت تۈۋرۈك ئورنىتىپ، توغراق ياغىچىنى تىكلەپ تام قىلىپ، ئۆگزىسىنى توغراق، يۇلغۇن شېخى ۋە قومۇشلار بىلەن ياپىدۇ، لاي چاپلانمايدۇ. ئۆي ئىچىگە ئوچاق، سۇپا، ھاۋادان، كۇلاڭ، ئاسقۇ، تەكچە قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جاينى ئويۇپ ئوچاق قىلىدىغان بولۇپ، يىل بويى ئوت يېقىلىدۇ.

ئابدال كەنتىدىكى ئاھالىلەر، مەنبە: ( Sven Hedin « ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى، 1899-1902»)
ئابدال كەنتىدىكى ئاھالىلەر، مەنبە: ( Sven Hedin « ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى، 1899-1902») (Sven Hedin)

تارىم، كۆنچى ۋە چەرچەن دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان لوپ رايونىدىكى لوپنۇرلۇقلار دەپ ئاتالغان، ئەمما ئۆزلىرىنى «لوپتۇقلار» دەيدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئادىتىدىمۇ ئۆيلەر تام ئۆي، چاپلىما ئۆي، قومۇش ئۆي دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ. چاپلىما ئۆي پۈتۈنلەي قومۇشتا ياسىلىپ، ئۆينىڭ ئىچى-تېشى ۋە ئۈستى سامانلىق لاي (كاكۇل) دا سۇۋۇلىدۇ. تورۇس ۋە ئىشىكلىرى پۈتۈنلەي قومۇشتا ياسىلىدۇ.

abdal-kenti-1.jpg

دەريابويى رايونىدا ئاساسلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن قومۇش، كەندىر، توغراق ۋە يۇلغۇن قاتارلىقلار بولۇپ، دەريابويى خەلقى ئۆي سېلىش، يېقىلغۇ، كىيىم-كېچەك ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ كەلگەن. قومۇش-لوپنۇر رايونىدا خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك لوپتۇقلار قومۇشنى «قامىش» دەپ ئاتايدۇ.

شىۋېتسىيەلىك ئارخېئولوگ سۋېن ھېدىن 1899-1902-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ئېكىسپېدىتسىيەسى ئاساسىدا 1902-يىلى «ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدىكى ئىلمىي ھاسىلاتلار» ناملىق تۆت توملۇق كىتابىنى ئېلان قىلغان. بۇ كىتابنىڭ «لوپنۇر» ۋە «تارىم دەرياسى» غا ئائىت قىسىملىرىدا، 1899-يىلى سۋېن ھېدىننىڭ ھازىرقى دەريابويى رايونى دەپ ئاتالغان قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى بۇ رايوننى كېزىپ ئۆتكەنلىكى ۋە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلار بايان قىلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، سۋېن ھېدىن «چىگەلىك ئۆي»، «ئالقاتىق چېكە»، «يۇرت چاپقان» دېگەن كەنتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ساتمىلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ شۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنى يەنە ئۆزى سىزغان تەكلىماكانغا دائىر رەسىملىرى ئارىسىغا كىرگۈزگەن. بۇ ماتېرىياللار ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى بىرىنچى قول مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ۋېنگىرىيەدە تۇغۇلغان ئەنگىلىيەلىك ئارخېئولوگ ئاۋرېل سىتەيىنمۇ ھىندىستاننىڭ كالكۇتتادىن يولغا چىقىپ، 1901-يىلى دەريابويى كەنتىگە يېتىپ بارغان. ئۇ ئۇيغۇر يول باشچىلىرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن كېرىيە دەرياسى بويىغا جايلاشقان «قارا دۆڭ» قەدىمىي شەھىرى ۋە نىيە خارابىلىقىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى مەلۇم. ئاۋرېل ستەيىن خارابىلىقلاردىن تېپىلغان بىر قىىسم گىلەم ۋە پالازلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ دەل شەرقىي تۈركىستان ئۆيلىرىنىڭ ئايۋانلىرىغا سالىدىغان گىلەملەر بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

يېرىم ياسالغان ساتما ، سۋېن ھېدىن سىزمىسى، مەنبە:( Sven Hedin «ئاسىيا: ناتونۇش يوللاردىكى مىڭ مىل»)
يېرىم ياسالغان ساتما ، سۋېن ھېدىن سىزمىسى، مەنبە:( Sven Hedin «ئاسىيا: ناتونۇش يوللاردىكى مىڭ مىل») (Sven Hedin)

سۋېن ھېدىننىڭ ئېكسپېدىتسىيە خاتىرىلىرىدە، ساتما ئۆي ياساشتا قومۇشتىن باشقا يەنە توغراق ياغىچىمۇ قوللىنىلىدىغانلىقى، يەرلىك تىلدا ئۆينىڭ بۇلۇڭ قىسمى «تۈلۈك»، ئۆگزىنىڭ لىملىرى «باراج»، توغرىسىغا قىلىنغان ياغاچلار «بەلدەڭ»، ئۇنىڭغا پاراللېل جايلاشقان تار ياغاچلار «تارغاق ياغاچ»، تورۇسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ياغاچ «قالقان»، كىچىكرەك ياغاچلار «چاساياغاچ» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيمىز. سۋېن ھېدىن بۇندىن بىر يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى ساتما ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆينىڭ تەئەللۇقاتلىرىنىمۇ تەپسىلىي كۆزەتكەن ۋە مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئوچاق» يەرنى كولاپ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا ياسىلىدۇ، چۆرىسىگە ياغاچلار بىلەن توسۇق توسۇپ قويۇلىدۇ ۋە بۇ توساقلار «پەچ» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئوچاقتىن چىققان ئىسنىڭ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن دېرىزە-پەنجىرە بېكىتىشنىڭ ئورنىغا، تورۇستىن تۆشۈك ئېچىپ «تۈڭلۈك» ياسايدۇ؛ يەرگە بىۋاسىتە گىلەم ياكى كىگىز سالمايدىغان بولۇپ، قومۇشتىن توقۇلغان بورىنى «پىسات» دەپ ئاتايدۇ ۋە بورىنىڭ تۆپىگە گىلەم سالىدۇ؛ تامنىڭ يېنىغا ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان «چۇكۇچەك» دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ ساندۇق قويۇلغان بولۇپ، كىيىم-كېچەكلەرنى، يوتقان-كۆرپىلەرنى ساقلاش ئىشلىتىلىدۇ. ئۆي بىساتلىرىدىن «كېمە» دىن باشقا يەنە «گۆلمە» دەپ ئاتىلىدىغان بېلىق تورى بار. كېمىنىڭ پالىقىنى «كۇجەك» دەپ ئاتايدۇ. ئائىلىدە كۆزگە چېلىقىدىغان ئەسۋاب ۋە سايمانلاردىن يەنە تۆۋەندىكىلەر ئۇچرايدۇ: يۇڭ-قوي يۇڭى، پۇستۇن-تېرە، كىنلار-كىيىم-كېچەكلەر، ئۇرغاق-ئورغاق، پۇرۇچ-ياغاچ ئاياق، چۆيچۈك-كىچىك ياغاچ ئاياق، چۆمۈچ، قارا چۆگۈن، سېۋەت، تەڭنە، قازان، پالتا ۋە غەلۋىر قاتارلىقلار بار.

سۋېن ھېدىن قەبرىغول قەبرىستانلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، خارابىگە ئايلانغان كروران دۆلىتىدىكى ئۆيلەرنىڭ بېزەش ۋە سەرەمجانلاشتۇرۇش شەكلىنىڭ دەل بۈگۈنكى كۈندىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئايۋان-ھويلىلىق مېمارچىلىق ئۇسۇلىغا ئوخشايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خارابىلىكتىكى ئۆيلەرنىڭ تۈزۈلۈشىدىن قارىغاندا، پۈتكۈل شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستان يېزىلىرى ۋە شەھەرلىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ جايلىشىشىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆيلەرنىڭ جايلىشىشىمۇ خۇددى 19-ئەسىردىكىدەك بولۇپ، مەھكىمىلەر، كارۋانسارايلار ۋە بازارلار بىلەن باغچە، گۈللۈك ياكى تېرىلغۇ يەرلەر ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى. ئەينى ۋاقىتتا ساتما ئۆيلەرگە سېلىنغان بورىلارمۇ بەئەينى ھازىر شەرقىي تۈركىستان بازارلىرىدىكى تار كوچىلاردا لەمپە قىلىپ يېپىپ قويۇلىدىغان بورىلارغا ياكى كىگىزنىڭ ئاستىغا سالىدىغان بورىلارغا ئوپمۇئوخشاش شەكىلدە توقۇلغانىدى.

تەكلىماكاندىكى ساتما ئۆيلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرقى ياشاش مۇھىتىنى ئۆزئارا باغلاپ تۇرىدىغان ئەڭ جانلىق كۆزنەكتۇر. ساتما ئۆيلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرلىرى كۆمۈلگەن تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەنلىكىنىڭ يىمىرىلمەس بىر پاكىتىدۇر. تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمىي خارابىلاردا ھېلىھەم ئىزلىرى يوقالمىغان تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياسىلىش تېخنىكاسىدىكى ئىزچىللىق تاكى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى نەپىسلىك، ئىشلىتىلىشچانلىق ۋە قولايلىقلىق ئۇيغۇر ئۆي-جاي مەدەنىيىتى ۋە بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا. تارىم ۋە لوپنۇر ۋادىسىدىكى قەدىمكى تۇرالغۇ ئۆيلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ھاياتىغا باغلانغان ئۈزۈلمەس يىپلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تىپىنىڭ يۈكسەك ھاياتىي كۈچكە، قايتا گۈللىنىش ئىقتىدارىغا، ئىزچىللىق قابىلىيىتىگە، شۇنداقلا ئالەمشۇمۇل قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.