دەريابويى يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كېرىيە ناھىيە بوستانلىقىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ.
دەريابويى يېزىسى تۈرلۈك ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ شاھىتلىرى بولغان شەھەر-قورغانلارنىڭ ئىزلىرىنى، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆز ئۆز قوينىغا ئالغان بىر ماكان. بۇ جاي ئۆزىنىڭ ئىپتىدائىي بوستانلىق مەنزىرىسى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە فولكلور مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلمەكتە.
ھالبۇكى، ئۇزۇندىن بېرى دەريابويى يېزىسىدىن ئىبارەت يەر ئاستى بايلىقى مول، سۇ مەنبەسى ۋە نېفىت زاپىسى باي بۇ ماكانغا كۆز تىككەن خىتاي دائىرىلىرى بۇ جايدا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، دەريابويىلىقلارنى ماكانىدىن كۆچۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. 2019-يىلى 9-ئايدا دەريا بويى يېزىسىدىكى ئاخىرقى ئائىلىلىكلەر ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يېڭى ئولتۇراق رايونى» غا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دەريابويى يېزىسىنىڭ قەدىمدىن داۋاملاشقان ھاياتىي كۈچىمۇ ئاخىرلىشىپ، پەقەتلا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېكسكۇرسىيە قىلىنىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئىزچىل تۈردە دەريابويى ۋە دەريابويىدا ياشىغان ئۇيغۇر خەلقى توغرىسىدا خاتا ۋە ھاقارەتلىك تەشۋىقاتلار ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.
1988-يىلى باھاردا، بېيجىڭدا چىقىدىغان «يەرشارى» ژۇرنىلىدا «قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خالىي دۇنيا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، دەريا بويى خەلقىنى «ياۋايى ئادەملەر»، دۇنيادىن خەۋەرسىز، ئىپتىدائىي ئىنسانلار دەپ تەشۋىق قىلىنىپ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغان. يېقىنقى يىللاردا، تور مېدىيا ۋاسىتىلىرىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ، تور دۇنياسىدىمۇ دەريابويىلىق بۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۈرلۈك سىنلار ۋە يازمىلار تارقالغان. «تىك توك» ۋە «خاۋكەن» ئەپلىرىدە تارقالغان سىنلارنىڭ بىر قىسمىدا، دەريابويىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئېنىق ئەمەس، ئۇلار موڭغۇللار ياكى تىبەتلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى دېگەندەك، يەنە بىر قىسىملىرىدا دەريابويىلىقلار ئايرىم بىر مىللەت ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم بىر تارمىقى دېگەندەك ئويدۇرمىلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇنداقتا دەريابويىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى توغرا مەلۇماتلار قايسىلار؟ ھازىرقى دەريابويى يېزىسى تەۋەلىكىدە تارىختا يۇمۇلاققۇم قەدىمكى شەھىرى ۋە قارادۆڭ قەدىمكى شەھىرى ۋە مارجانلىق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر بەرپا قىلىنغان بولۇپ، كېيىن ئىقلىم ۋە ياشاش شارائىتىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كاتتا شەھەرلەر قۇم بارخانلىرى ئاستىدا غايىب بولغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە مەۋجۇت بولغان قەدىمىي شەھەرلەر بىلەن دەريابويىلىقلار ئارىسىدا مەدەنىيەت بېغى بولسىمۇ، لېكىن بۇلار دەريابويىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئېنىقلاشتا يېتەرلىك ئىلمىي پاكىت بولالمايدۇ. شۇڭا دەريابويىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن، تەخمىنەن يېقىنقى بىرقانچە يۈز يىل مابەينىدىكى تارىخقا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
دەريابويى يېزىسى ئاھالىلىرى بىلەن كېرىيەنىڭ يېقىن مۇناسۋىتى بار بولۇپ، بىرقىسىم ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرقانچە يۈز يىللار بۇرۇن كېرىيە تەرەپتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار كېرىيە دەرياسىنى بويلاپ ئەلۋەك سۇ ۋە بوستانلىق ئىزدەپ كېلىپ بۇ جايلاردا ماكانلىشىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە دەريابويى ئاھالىسى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئېيتىلغاندەك «سىرلىق ۋە يوچۇن» بىر خەلق بولماستىن، شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇلار كېرىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت. ئۇلار ھەر ۋاقىت ئاساسىي ئېقىمدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتلىرىدا بىرلىكىنى ساقلاپ كەلگەن.
دەريابويى ئۇيغۇرلىرى كېرىيە شېۋىسىدە سۆزلىشىدىغان بولۇپ، بۇ، ئۇلارنىڭ ئايرىم مىللەت كاتېگورىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ پەرقلىق شېۋە ۋە دىئالېكتلىرىغا ئىگە. ئۇيغۇر خەلقى ياشاپ كەلگەن جۇغراپىيەۋى مۇھىتتا، ئۇزاق دەۋرلەرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ شەكىللەنگەن دىئالېكتلىق پەرقلەر خىتاي تىلىنىڭ دىئلېكتلىق پەرقلىرىدەك ئۆزئارا ئۇقۇشۇشقا توسالغۇ بولارلىق دەرىجىدە چوڭ ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈچ دىئالېكتىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېچقانداق ئالاقە توسالغۇسى، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت توسالغۇسى يوق، لېكىن خىتايلار ئەگەر ئورتاق تىلىنى قوللانمىسا گۇئاڭدوڭلۇق بىلەن شىماللىق، شاڭخەيلىك بىلەن يەنە بېيجىڭلىق بىر-بىرىنى تەرجىمانسىز چۈشۈنەلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى ئايرىم مىللەتلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىراق ئۇيغۇرلار ئۇنداق ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتىنىڭ كېرىيە شىۋىسىدا سۆزلىشىدىغان مەزكۇر دەريا بويىلىقلارنىڭ تەققى-تۇرقى، كىيىم-كېچەك، تىل-يېزىق ۋە دىنى ئېتىقادىنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىىيۋېتىش مۇمكىن ئەمەس، بۇلار باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىلەن ئوخشاش ھەم ئۇيغۇر ئومۇمىي مىللىي گەۋدىسىنىڭ تەكىبىي قىسمى خالاس. ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتقا ئىجادىي ھالدا ماسلاشقان بولۇپ، بىر قىسىم مۇراسىم، توي-دەپنە ئادەتلىرى قاتارلىق مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە خۇددى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ھەرقايسى يۇرتلارغا تەۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ئوخشاش ئۆزگىچە خاسلىق شەكىللەندۈرگەن.
دەريابويىلىقلارنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە مۇھىتتا يېگانە ياشاپ كېلىشى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ، دەريابويىلىقلارنىڭ گېن نۇقتىسىدىن تەۋەلىكىنى بېكىتىش مەقسىتىدە ئوخشىمىغان كۆلەملەر بويىچە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان. ھەتتا بەزى خىتاي گېن تەتقىقاتچىلىرىمۇ دەريابويىلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان. سۈي يىنچۇۋ قاتارلىقلار چەتئەل ۋە خىتايدىكى مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئومۇملاشتۇرۇلغان خۇلاسىلەر بىزگە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، دەريابويىلىقلارنىڭ گېنى خىتايلار، موڭغۇللار ۋە تىبەتلەر بىلەن ئەڭ يىراق ئارىلىق ساقلىغان، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارغا ئەڭ يېقىن ئىرسىي مۇناسىۋەتنى ئىپادىلىگەن. گەرچە نەچچە يۈز يىللىق بېكىنمە ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن دەريابويىلىقلار گېن قۇرۇلمىسىدا قىسمەن، ھەتتا كۆرۈنەرلىك خاسلىق شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، پاكىتلار دەريابويىلىقلارنىڭ يەنىلا ئۆز توپى بولغان ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى، يەنىلا ئۇيغۇر توپىنىڭ بىز قىسمى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەيدۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى باشلانغان تەكلىماكان قىزغىنلىقىنىڭ نەتىجىسىدە ئېكسپېدىتسىيەچى، ئارخېئولوگلار بۇ ماكاندا قەدەم ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ، دەريابويى ۋە دەريابويىلىقلارنى دۇنياغا تونۇتقان. دەريابويى رايونىنى تۇنجى دۇنياغا تونۇتقان ئادەم شىۋېتسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى سۋېن ھېدىن بولۇپ، ئۇ 1896-يىلى كېرىيە دەرياسى بويىدىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە قارادۆڭ خارابىلىقىنى بايقايدۇ. سۋېن ھېدىن ئۆز خاتىرىلىرىدە، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىدە، كېرىيە دەرياسى بويىدا قۇملۇق ئىچىدە چاقناپ تۇرغان گۆھەرگە ئوخشايدىغان كىچىك بىر بوستانلىقنى بايقىغانلىقىنى ۋە بۇ جاينىڭ «توڭگۇزباستى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ جاي دەل بۈگۈنكى دەريابويى كەنتى دەپ ئاتالغان جاي ئىدى. كېيىن بۇ جاينىڭ خەرىتىگە ئېلىنىشى بىلەن، باشقا ياۋروپالىق سەيياھ ۋە ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرمۇ بۇ جايغا كېلىشكە باشلىغان.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر خەلقىنى قىلچە چۈشەنمەيدىغان ۋە ياكى چۈشەنسىمۇ غەرەزلىك ھالدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى بۇرمىلاش، ھەتتا ئۇنى خىتاي، يەنى جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىگە قوشۇپ كۆرسىتىش، شۇنىڭدەك «ئۇيغۇرلار شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن خەلق»، «ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇن خەنزۇلار بۇ جايدا ياشىغان» دېگەننى بازاغا سالىدىغان خىتايلارنىڭ
دەريا بويىلىقلارنى ئايرىم مىللەت قاتارىدا كۆرسىتىشىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھازىرقى بۇزغۇنچىلىق ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئۇلار تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولۇپ، دەريابويىلىقلارنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ قاراشتىن باشقا يەنە يېقىندىن بۇيان خۇددى يۇرت كىملىكى بويىچە قەشقەرلىق، خوتەنلىك دېگەندەك «دولانلىقلار»، «لوپنۇرلۇقلار» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئايرىم مىللەت قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ تەشۋىق قىلىش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى پارچىلاش، كېلىپ چىقىش تارىخىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە بۇرمىلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىنى ئامال بار خىتايلارغا باغلاش ئىدېئولوگىيەسىدىن بىخلانغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورالغا ئايلانغان دېيىشكە بولىدۇ.
دەريا بويىلىقلارنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىش سەپسەتىسى يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دەريابويىلىقلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇلارنى ماكانلىرىدىن ئايرىۋېتىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى جۇڭخۇا مىللىتى نامىدا خىتايلاشتۇرۇش ۋە بىمالال ھالدا ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىشتەك غەرىزى يوشۇرۇنغان.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ھازىرقى دەريابويىلىقلار تەكلىماكاندا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى، شۇنداقلا ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۇيغۇر دەپ بىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان بىر توپ ئۇيغۇر ئاھالىسىدۇر.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.