دەۋا شۇنداق بولىدىكەن
2020.04.07

«دەۋا» ئۇيغۇر تىلىدا قەدىمدىن بار سۆز. «دەۋاگەر شۇ بولسا قازى مۇتتەھەم بوپتۇ» دېگەن ماقال-تەمسىلدىن قارىغاندا، بۇ سۆزنىڭ تارىخى ئۇزۇن. ماقال-تەمسىللەر تىل بىناسىنىڭ ئۇلىنى ھاسىل قىلىدىغان تاشلارغا ئوخشاش مۇقىم بولۇپ ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى ماقال-تەمسىلدىن قارىغاندا، «دەۋا» سۆزى ئۇيغۇرلاردا سوتچىلار «قازى» دېيىلىشكە باشلىغان مىڭ يىللىق تارىخقا تۇتىشىدۇ. ئەمما ھەيران قالارلىقى ماۋزۇيىمىزدا دېمەكچى بولغان «دەۋا» سۆزى تېخى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» گە كىرمىگەن. لۇغىتىمىزدە بار بولغان «دەۋا» پەقەتلا بىر قانۇن ئاتالغۇسىدۇر. شۇڭا ماۋزۇيىمىزدىكى «دەۋا» سۆزىنى لۇغەتتىكى جىنايى ئىشلار، ھەق-تەلەپ دەۋاسى بويىچە بويىچە چۈشەنگەندە شەرقى تۈركىستان دەۋاسى، لاگېر داۋاسى، كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى دېگەندىكى «دەۋا» دېگەن سۆزنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق» لۇغىتىمۇ ئىزاھلاپ بېرەلمەيدىغان «شەرقى تۈركىستان دەۋاسى» دېگەن ئاتالغۇدىكى «دەۋا» دېگەن بۇ ئىبارە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىزاھلىنىشقا موھتاج. بولۇپمۇ دەۋانىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان، دەۋاغا تەشەببۇسكار بولۇۋاتقان ياكى دەۋاغا ئەگىشىۋاتقان ئاۋامغا بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى زور.
«شەرقى تۈركىستان دەۋاسى» دېگەن بىرىكمىدە كەلگەن «دەۋا» سۆزىدىكى مەنا ئۇيغۇر تىلىغا تۈركچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن. ئەمەلىيەتتە تۈركچىدىمۇ بۇ سۆز ھەم بىر ھەقلىق كۈرەشنىڭ ئىسمى، ھەمدە بىر قانۇن ئاتالغۇسىدۇر. «سىياسىي دەۋا» دېگەن بىرىكمىدىكى مەنا قانۇن ئاتالغۇسىنى بىلدۈرىدىغان مەنانىڭ كېڭىيىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ مەلۇم كىشىلەر، مىللەت ۋە ياكى ئىنسانلار جەمئىيىتى ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان، دۇچ كەلگەن ياكى دۇچ كېلىدىغان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەقلىقلەشتۈرۈش ۋە ھەل قىلىش ھەققىدە قىلىنغان تىرىشچانلىق دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىكەن. ئوردۇچە، ئەرەبچە ۋە پارسچىدىمۇ «دەۋا» سۆزىنىڭ قانۇن ئاتالغۇسى سۈپىتىدىكى مەنىسىدىن باشقا يۇقىرىقى «كۈرەش» دېگەن مەناسىمۇ بار ئىكەن. ئۇيغۇر تىلىغا بۇ سۆزنىڭ تۈركچىدىن كىرىشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان داۋاسى ياكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تۈركىيەدىن باشلانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مەن ئۆزۈمنى مۇھاجىرەتتىكى دەۋاگەرلەردىن دەپ سانىمايمەن. چۈنكى مەن دەۋانىڭ زادى قانداق قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچ بىر مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس. دەۋانى قانداق قىلىش ھەققىدە ھېچ بىر تەربىيەلەشنى باشتىن كەچۈرگەن ئەمەسمەن. شۇڭا مەن دەۋاگەرلىك يولىدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ قانداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن.
2020-يىلى 16-مارتتىن 25-مارتقىچە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكادا ئاقساراي، دۆلەت مەجلىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق ئورۇنلاردا زىيارەتتە بولدۇم. بۇ يەرلەردىكى ئۇچرىشىشلاردا دەۋاغا شاھىت بولۇش جەريانىدا ۋە دۆلەت مەجلىسىدىكى يىغىن ئەسناسىدە داۋانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پېشقەدەملىرىنى سانىلىدىغان ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولدۇم. ئۇنىڭدىن دەۋانىڭ تۈركىيەدە باشلىنىش، ياۋروپاغا كېڭىيىش ۋە ئامېرىكىغا قاراپ تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىگە ئالاقىدار بارلىق تەپسىلاتلارنى ئاڭلاپ چىقتىم دېسەممۇ بولىدۇ. دەۋانىڭ تارىخى ھەقىقەتەنمۇ مۇرەككەپ بىر مۇساپە ئىكەن. ئۇنداقتا، دەۋانىڭ بۈگۈنىچۇ؟ ئامېرىكاغا تەرەققىي قىلغان دەۋانىڭ بۈگۈنى قانداق كېتىپ بارغاندۇ؟ دەۋا قانداق بولىدۇ؟ دەۋادا كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى قانداق بولۇشى كېرەك؟ دەۋانىڭ ئىستىقبالى قانداق؟ بۇ سوئاللارغا تاپقان جاۋابىم ۋە مېنىڭ ئون كۈنلۈك كۆزەتكەنلىرىمدىن ھېس قىلغانلىرىم تۆۋەندىكىچە:
1. «دەردىمىز بولسىلا بولمايدۇ»
داۋانىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە پاراڭلاشقىنىمىزدا ئۆمەر قانات ئەپەندى: «كىشىلىرىمىز بىز دەردىمىزنى شۇنچە ئاڭلاتتۇق، ئەھۋالىمىز شۇنچە ئېغىر تۇرسا، دۇنيا نېمە ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دەپ قاقشايدۇ. ئەمەلىيەتتە دەردىمىز بولسىلا بولمايدۇ، ئاخباراتقا چىققان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، ئۇنى بىر دوكلات ھالىتىگە كەلتۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا سۇنۇش، توختىماي سۈرۈشتە قىلىش، ئۇلارنى مەسىلىمىزگە بايانات ئېلان قىلغۇزۇش ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ دەردىمىزگە داۋا بولىدىغان بىر سىياسىي تەدبىر ياكى بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك،» دەيدۇ. ئۇ دەرتنىڭ بولسىلا بولمايدىغانلىقىغا بېرمادا ياشايدىغان روھىنگالىقلارنىڭ پاجىئەسىنى مىسال قىلدى. روھىنگالىقلار قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادا دەۋاگەرلىرى ۋە بىرەر تەشكىلاتى بولمىغىنى ئۈچۈن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېلىنىدىغان قارارلار، تەدبىرلەر كېچىككەن. ئاخىرى بۇ مەسىلىنى بىر مۇسۇلمان تەشكىلاتى ۋاكالىتەن قولغا ئېلىپ، بۇ ھەقتە لوبىيچىلىق قىلغان. نەتىجىدە روھىنگا مەسىلىسى خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىنگەن.
2. «ئاخبارات بىرىنچى قەدەم ۋە دائىملىق قەدەم»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە بىر رەھبىرى نۇرى تۈركەل بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئاخباراتنىڭ بىر دەۋانىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە بەزى تونۇشلارغا ئىگە بولدۇم. ئۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ۋاكالىتەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا كۆپ ئىشتىراك قىلىدىغان بولغاچقا ئاخباراتنىڭ رولى ھەققىدە تەجرىبىسى مول ئىكەن. ئۇ: «ئاخبارات بىرىنچى قەدەم، ھەمدە دائىملىق قەدەم، ئەمما مەسىلىمىزنىڭ ئاخباراتقا چىققانلىقىلا ئۇنىڭ سىياسىيلاشقانلىقى ئەمەس،» دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاخبارات پەقەت كىشىلەرگە نېمە بولۇۋاتقانلىقىدىن، ھادىسىلەرنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدىكەن. ئەمما شۇ يۈز بەرگەن پاجىئە، ۋەقە ياكى ھادىسىلەرنى بىر دەۋاغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ياكى شۇنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ئاساسىدا بىر دوكلات تەييارلىنىشى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزۈلۈشى، ئاندىن تا چارە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەمەلگە ئاشقىچە سۈرۈشتە قىلىپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن.
3. «دەۋادا ھەر خىل كۈچلەرنىڭ بولغىنى ئەۋزەل»
ئۆمەر قانات دەۋادىكى ھەر خىل يوللارغا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. ئۇنىڭچە، دەۋادا پەرقلىق يوللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھەر خىل ئېقىملاردىن ھاسىل بولغان بىر دەريا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىققا باراۋەر ئىكەن.
ئۇ: «بىزدەك تىنچلىق تەشەببۇسىدىكىلەرنىڭلا بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پەرقلىق يوللار بىلەن دەۋا قىلىۋاتقانلارنى ئېتىراپ قىلمىساق بەك ئاجىز كۆرۈنۈپ قالىمىز. بىز بىر-بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىش بەدىلىگە كۈچلىنەلەيمىز ۋە باشقىلارغا كۈچلۈك كۆرۈنەلەيمىز» دېدى. بۇ گەپ ماڭا دەۋا يولىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى «كىشىلىك ھوقۇقچى، مۇستەقىلچى، تىنچلىقچى، قوراللىق كۆرەشچى» دېگەن ئېقىملارغا بۆلۈپ، بىر-بىرىنى چەتكە قېقىشلىرىغا قارىتىلغاندەك تۇيۇلدى. ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە كۆپ خىل ئېقىمنىڭ بولۇشى ئەمەس، بەلكى بولماسلىقى ئاجىزلىق ئىدى. ئۇيغۇردىكى ھەممە كۈچلەر ئوخشاش پىكىر قىلىۋاتىدۇ، ئوخشاش يول تۇتۇۋاتىدۇ، بىر ئېقىمدا ئېقىۋاتىدۇ دېگەنلىك ئۇيغۇرلار بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ دېگەنلىك بولاتتى.
4. «تىزگىن ئۆزىمىزنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك»
ئۆمەر قانات ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېقىندىن بېرى بىر تۈركۈم چەتئەللىكلەر، بولۇپمۇ غەربلىكلەرنىڭ كىرىپ كېلىشىنى ئىجابىي تەرەققىيات دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بولۇپمۇ ئامېرىكادا بۇرۇن مەلۇم مىنىستىرلىق، كومىتېت ياكى مەجلىسلەردە ئىشلىگەن تەجرىبىسى بار پىداكارلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئىشتىراك قىلىشى خىزمەتلەردە يېڭىلىقلار، ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەن. ئۇ: «ئەمما لايىھە، مەسلىھەت ۋە كونترول يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ۋەزىيەتنى بىزدەك چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلار، تەتقىقاتلاردىكى چۈشەنچىلەر بويىچە مەسىلىمىزنى چۈشەندۈرۈپ قېلىش ئېھتىمال بار، شۇڭا تىزگىن يەنىلا ئۆز قولىمىزدا بولۇشى كېرەك،» دەپ قارايدىكەن. بۇ قاراشنى مەنمۇ توغرا تاپتىم ۋە شۇ كۈنلەردىكى دۆلەت ئورگانلىرىدا بولغان بىر قانچە ئۇچرىشىشتا ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەكلىكى ئىسپاتلاندى.
5. «دەۋايىمىز مىسلىسىز پۇرسەتلەرنىڭ بوسۇغىسىدا»
ئۆمەر قانات ئاقسارايدىن چىقىۋېتىپ: «دەۋايىمىز مىسلىسىز پۇرسەتلەرنىڭ بوسۇغىسىدا،» دېدى. ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى ئاساسلىرى بىر قانچە تۈرلۈك ئىكەن. بىرى، ئامېرىكادا ئەلنىگار ئىلتەبىردەك بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاقسارايدا خىزمەت قىلىشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىنى يېقىندىن ۋە بىۋاسىتە كۆزىتەلەيدىغان بىر كۆزنەك ئېچىلغانغا باراۋەر ئىكەن. ئامېرىكادا يەنە ھەر قايسى ساھەلەردە ئۇتۇق قازانغان بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇرلار دەۋا سېپىگە قوشۇلغان بولغاچقا ھازىر ئامېرىكادا ئەلنىگارغا ئوخشاش بىر تۈركۈم سەرخىللەر دەۋانىڭ ۋەزىپىلىرىنى پىدائىيلىق بىلەن ئۈستىگە ئالماقتا ئىكەن. ئىككىنچى بىرى، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇپ چىققان ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى بولۇپ، بۈگۈن ئامېرىكا تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۈچىنچىسى، خىتاي ئامېرىكا قوغداۋاتقان دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى مىزان قىلغان دۇنياۋى يۈزلىنىشكە قارشى بولغان بىر سىستېمىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، بۇ دۇنياغا تەھدىت ئىكەن. شۇڭا ئەگەر ئۇيغۇر دەۋاسىدا تەييارلىق پۇختا قىلىنىپ تۈرلۈك پۇرسەتلەردىن ئاقىلانە يوسۇندا پايدىلىنىلسا، غەلىبە يىراق ئەمەس ئىكەن. ئەمما ئامېرىكا دۇنياۋى قىممەت قاراشلارنى قوغداش، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتە يالغۇز بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ ياۋروپاغا ئوخشاش بىر ئىتتىپاقدىشىدىنمۇ يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمەي كېلىۋېتىپتۇ. بولۇپمۇ بۇرۇنقى شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتاي مەبلەغلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىغا پاسسىپ مۇئامىلىدە بولۇپ كەپتۇ. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر كىرزىسىدا توغرا مەيداندا تۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ.
ئۆمەر قاناتنىڭ ئۈمىدۋارلىقى ئاساسسىز ئەمەستەك قىلاتتى. ئامېرىكادىكى ۋاقتىمدا كەسپىي دەۋاگەر تەشكىلاتلاردىن ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بىلەن بىرگە بولۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۈمىدلىنىشكە لايىق ماسلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇم. بۇ ئۈچ تەشكىلاتنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن داۋانىڭ قانداق بولىدىغانلىقنى بىرەر قۇر چۈشەنگەن بولدۇم. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ داۋادا غەلىبە قىلىش ۋە قىلالماسلىقىمىز پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە باغلىق ئىكەن. بىز تەدبىرىمىزچىلىك كۈچلۈك ئىكەنمىز. دەۋادا قانچە سەمىمىي بولساق، تەدبىرىمىز قانچىلىك دەل، ئەتراپلىق ۋە ئىلمىي بولسا كۈچىمىز شۇنچە زورىيىدىكەن. ئامېرىكادا بولۇۋاتقان يۈكسىلىشكە ئوخشاش داۋادا ئىقتىدارلىق، تەدبىرلىك ۋە پىداكار بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قوشۇنىدا زورىيىش بولمايدىكەن، داۋادا كەسپى ئاڭ، كەسپىي سەۋىيە يارىتىلمايدىكەن، مەسىلىمىز يەنىلا ئاجىزلىقتىن قۇتۇلالمايدىكەن.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ