سەنئەتچىدىن تەشۋىقاتچىغا: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللادىن قانداق پايدىلىنىۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 7-مارت كۈنىدىكى سانىدا، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 14-نۆۋەتلىك 1-ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر داڭلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قەلبلەرگە سىڭىپ كەتسۇن» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. مەزكۇر دوكلاتىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان.

دىلنار ئابدۇللا سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش›، ‹جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شىنجاڭغا سىڭدۈرۈش› قاتارلىق يوليورۇقلىرىنى، «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ۋە شىجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيە» دەپ مەدھىيەلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «باش سېكرىتار شى جىنپىڭ، مەدەنىيەتنى تونۇش ۋە ئەڭ چوڭقۇر تونۇشنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنى ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىجىل-ئىناقلىقىنىڭ روھى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش يۆنىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى› دەپ كۆرسەتتى. بىز جوڭخۇا مەدەنىيىتىنى زېمىنى كەڭ بولغان شىنجاڭغا سىڭدۈرەيلى.»

دىلنار ئابدۇللا يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تەشۋىقاتىنىڭ نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە ئايرىم توختالغان.

ئۇ، رايوندا جوڭخۇا مەدەنىيىتى ئورتاق ئېڭى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغانلىقى، ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ تەتقىقاتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقى، شىنجاڭ مۇزېيى، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى، شىنجاڭ رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق مەخسۇس ئورۇنلار قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تارىخىنىڭ جوڭخۇا مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش كۆزنىكىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئۇ دوكلاتىدا ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىدىكى يېتەرسىز تەرەپلەرنىمۇ ئايرىم شەرھىيلەپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە بۇ نۇقتىلارنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

ئۇنداقتا، دىلنار ئابدۇللا تەكىتلەۋاتقان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش دېگەنلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىي تەشۋىقاتلىرى نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى دىلنار ئابدۇللاغا ئوخشاش خىتايدا تونۇلغان ئۇسسۇل چولپانلىرى، ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ياكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؟

ئامېرىكادىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئاتالمىش ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش›، ‹جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› دېگەنلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تەدبىقلىغاندا، بۇلار مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇلار بۇ ئاتالغۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بارماقتا. ئۇلارنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى، مىللى كىملىكىنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سەرىىلىرىنى تېپىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش›، ‹جوڭخۇا مەدەنىيىتى› دېگەنلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى سۆزلىتىشىنىڭ ئۆزىنى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنى زۇلۇم قىلغۇچىغا مەدھىيە ئوقۇتۇش دېسەك بولىدۇ. بۇ خىل مەجبۇرلاشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى تولىمۇ قورقۇنچلۇق. بۇلار قارىماققا ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە ئابىستىراكىت ئۇقۇملاردەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغىنى قورقۇنۇچ ۋە زوراۋانلىقتۇر. بۇ خىل زوراۋانلىق ئەۋجىگە چىققىنىدا، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنى زۇلۇم قىلغۇچىغا مەدھىيە ئوقۇتۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدۇ.»

خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا دىلنار ئابدۇللا ئاخىرىقى سۆزلىرىنى «‹جوڭخۇئا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتسۇن!» دېگەن دەبدەبىلىك شوئارلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، دىلنار ئابدۇللاغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەرخىللىرى بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئادەتتىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرى بولسۇن، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشنى تاللاش ھوقۇقى يوق ئىكەن.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى ئۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولسۇن ياكى ئاددىي پۇقرا بولسۇن، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ سۆز ئېيتىمىدا تاللاش ھوقۇقى يوق. بولۇپمۇ ئادەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇلارغا ماسلىشىپ ئويۇن ئوينىمىسا، ئۇلار ئۇرۇق-ئەۋلاتلىرىغىچە يوقىتىلىش قىسمىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قورقۇنۇچ ئىچىدە ۋىجدانىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى بولسا ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلەش ۋە خىزمەت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.»

تېڭ بياۋنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاشتا ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق غەربنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ كەلمەكتىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلار دائىم خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن غەرب دۇنياسىغا قارشى تەشۋىقاتقا سېلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ رايوندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتىمۇ ناھايىتى ئېنىق. بۇ يىللاردا خەلقئارا جەمئىيەت، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. خىتاي كومپارتىيەسى بولسا، ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە تاقابىل تۇرماقتا. بۇ ئەھۋال زادىلا توختاپ باقمىدى.»

ئامېرىكانى ھاۋاي شىتاتىدا تۇرشلۇق تەتقىقاتچى، دوكتۇر ھېنرى شاجېۋسكىي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئۆز تەشۋىقاتىنىڭ قۇرالى قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بۇ جەھەتتە ئۇزۇن بىر تارىخى بار. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا بىز ئىلگىرىكى تارىخلارنى ئەسلەپ ئۆتسەك بولىدۇ. مەسىلەن، قۇربان تۇلۇم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت قوللانغان تەشۋىقات مودېللىرىنىڭ بىرىدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل تەشۋىقات تارىخى بەك ئۇزۇن. بۇ خىل كىشىلەر پەقەت سىياسىي تەشۋىقات ئېھتىياجىدىنلا پايدىلىنىپ قېلىنماستىن، بەلكى يەنە ئىقتىساد، مەدەنىيەت ساھەلىرىدىمۇ پايدىلىنىپ كېلىنمەكتە. شۇنداق، بۇ ئۇزۇن بىر تارىخىي دەۋردە شۇنداق بولدى. ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ كەلمەكتە.»

ھېنرىي شاجىۋسكىي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» دېگىنى، ھەرگىزمۇ خىتادىكى ھەممە مىللەتلەر باراۋەر دېگەننى كۆرسەتمەيدىكەن، ئەكسىچە، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش، بۇ تەشۋىقاتنىڭ نېگىزى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «جوڭخۇا مىللىتى دېگەنلىك، خىتايدىكى ھەممە مىللەت بباراۋەر دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇ خىتاي مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى، كۈندىلىك ياشاش ئادەتلىرىنى ئاتىئېستىك ئىدىيە ئارقىلىق دىندىن يىراقلاشتۇرماقچى. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقاتماقچى. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى كونترول ئاستىغا ئالماقچى.»

ھېنرىي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۆز سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە ئاسان بولغان ئۇسۇللاردىن ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن ئىمىرباقى، زۇلھايات ئىسمائىلغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى چەت ئەللەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنلىرىدا سۆزلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاش پائالىيەتلىرىدە بولغان ئىدى. ئۇندىن باشقا، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگىلىيە ۋە بېلگىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئەركىن تۇنىيازنىڭ ياۋروپا سەپىرى ئەمەلدىن قالغان ئىدى.

تېڭ بىياۋ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى:

«ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى غەرب دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى سۆزلىتىشىدىكى مەقسىتى، غەرب دۆلەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى مەسخىرە قىلىشتۇر. چۈنكى بۇ ئەمەلدارلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماسلىشىپ بەرگەنلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغانلار ئىدى. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئەمەلدارلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇلارغا ئىمبارگو قۇيۇلغان دۆلەتلەرگە ئەۋەتەلىسە، ئۇ ھالدا بۇ غەرب دۆلەتلەتلىرىگە ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئىنتايىن چوڭ مەسخىرە بولغان بولاتتى.»