خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئۈچۈن زور سەپەرۋەرلىك قوزغاپ، بارلىق تەشۋىقات قوراللىرىغا تەڭ مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھالبۇكى بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن زاتلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاشقۇنلۇققا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقلارنى تونۇشقا چاقىرىدى.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك تەشۋىقات فىلىملىرى» دىكى كۆرۈنۈشلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» كۈرىشى ئۈچۈن غايەت زور ئېنېرگىيە سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.
خىتاي ئاخباراتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئۇيغۇر دىيارىدا يالغۇز گېزىت-ژۇرنال، ئىنتېرنېت، يېزا-قىشلاقلارغىچە داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىش، ئونمىڭلارچە كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىشى شەكلىدىلا ئەمەس، بەلكى كىنو فىلىملىرى ئىشلەش، كارتون فىلىملار ئىشلەش، دراما ۋە ئىتوتلار ئورۇنلاش، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ توۋىنامىسىنى ئېلان قىلىش، مەھبۇسلارنى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا پۇشايمان قىلدۇرۇپ سۆزلىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللاردا داۋام قىلماقتا.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟ خىتاي « دىنىي ئەسەبىيلىك» نى تۈگىتىش ئۈچۈن نېمىشقا بۇ قەدەر زور كۈچ سەرپ قىلىدۇ؟
بىز بۇ ھەقتە يەنە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭمۇ پىكرىنى ئېلىشقا تېرىشقان بولساقمۇ، ئۇلىشالمىدۇق.
ئەمما بىز بۇ خۇسۇستا بىز گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زاتلاردىن تۇرغۇنھاجىم، جېلىلقارىھاجىم ۋە گېرمانىيەلىك سىياسەتچى، سولچىللار پارتىيىسىنىڭ برېمىن پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى جىندېل تونجى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.
تۇرغۇنھاجىم سۆزىدە ئەسەبىيلىك ئۇقۇمىغا تەبىر بېرىپ، ئۇيغۇرلاردا «دىنىي ئەسەبىيلىك» دېگەن نەرسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مەقسىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ئايرىپ تاشلاش ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى.
سىياسەتچى جىندېل تونجى ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا قانات يايدۇرۇۋاتقان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: « ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەر ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە، بىراق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار تىبەتلىكلەرنىڭكىدىن كۆپ ئېغىر، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. كوچىلارنى ھېلىمۇ ساقچى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار ئىگىلەپ تۇرماقتا. ئۆلۈم جازالىرى ئىجرا قىلىنماقتا. تۈرمىلەرگە بەند قىلىش داۋاملاشماقتا. كىشىلەر يوللاردا خالىغانچە تەكشۈرۈلمەكتە، نازارەت قىلىنماقتا. ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىنماقتا. بۇ قەدەر زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن بىر مىللەت ئىچىدىن ئەسەبىيلىشىدىغان ئادەملەرنىڭ چىقماسلىقى مەنچە نورمال ھادىسە ئەمەس. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاز ساندىكى ئەسەبىيلەرگە قارشى قورالنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە تەڭلىمەكتە. بۇ، مۇقەررەر ھالدا قارشىلىقلارنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.»
جېلىلقارىھاجىم بولسا، خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» قالپىقىدىن پايدىلىنىپ، نورمال دىنىي ئېقىمنى قارىلاپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھەققىدە توختالغان جىندېل تونجى ئەپەندى جېلىل قاراجىمنىڭ بۇ يۇقىرىقى مەيدانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىرگە خىتاينى ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىدىن، تىلىدىن، مىللىي مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقى دۇنياغا مەلۇم بولماقتا. 18 ياشقا توشمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇشى چەكلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇش، روزا تۇتۇشى، مىللىي كىملىكىگە مۇۋاپىق ياشىشى مەنئى قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق قىلىپمۇ بۇنىڭغا قارىتا قايىل قىلارلىق بىر تەبىر بېرەلمەيدۇ، ياكى ھەقلىق ئىكەنلىكىدە ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ. دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ياكى تېررورغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن گۇمانلانماقتا. مەنچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىيلىكتە ئەيىبلەشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشى لازىم.»