سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقان دولان مەدەنىيىتى ۋە «دولان» نامى

0:00 / 0:00

21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى 20 يىل مابەينىدە، «دولان» نامىنىڭ تۈرلۈك شەكىل ۋە مەزمۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا سۇيىئىستېمال قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«دولان» نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان قىلمىشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغانلىرىدىن بىرى، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن ناخشىچى لو لىننىڭ «دولان» نىڭ خىتايچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان «داۋلاڭ» نى ئۆزىگە تەخەللۇس قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدۇر. ئۇ 1995-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، دولان ناخشا-مۇزىكىلىرىغا بولغان ھەيرانۇ-ھەۋىسى سەۋەبىدىن، بۇ ئىسىمنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان. ئىلگىرى ئانچە تونۇلمىغان بۇ ناخشىچى، «داۋلاڭ» تەخەللۇسىنى قوللىنىپ ناخشا ئېيتقان، ھەتتا ناخشا ئالبوملىرىنى نەشر قىلغان. بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، بىردىنلا خىتايدا داڭقى چىقىپ تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك شان-شەرەپلەرگە نائىل بولغان.

خىتاينىڭ مەۋجۇت رېئاللىقىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر خىتاي ناخشىچىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناخشا كېچىلىكلىرىنى ئۇيۇشتۇرالىشى ۋە ناخشا ئالبوملىرى نەشر قىلدۇرالىشىنىڭ كەينىدە ئۇنى قوللاۋاتقان كۈچلۈك بىر قولنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس. ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ناخشا ئوغرىسى» دەپ ئاتالغان ۋاڭ لوبىڭنىڭ ئوخشىمىغان زاماندا زاھىر بولغان يەنە بىر نۇسخىسى- «داۋلاڭ» تەخەللۇسلۇق بۇ ناخشىچىنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇزىكىسى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن ئوغرىلانغان، مەزمۇن جەھەتتىن كومپارتىيەنى كۈيلەيدىغان ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەنىۋى ئوزۇق بېرىدىغان مەزمۇنلاردىكى ناخشىلاردۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ناخشىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياغدەك ياققان ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن دەستەككە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي سازلىرىدىن دۇتار، راۋاب ۋە تەمبۇردا چېلىنغان خەلق ئۇستىلىق بىلەن مۇزىكىلىرى كىرىشتۈرۈلگەن؛ ناخشا تېكىستلىرىدىكى خىتايچە مىسرالارنىڭ ئارىسىغا «سالام» (萨拉木) ، «ياخشى» (亚克西) دېگەندەك ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئېيتىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىتاي ناخشىچى ناخشىلىرىدا خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىتىۋاتقاندەك ياكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ئەلچىسى بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىشكە ئۇرۇنغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېر ( (Darren Byler ئىلگىرى ئۆز بىلوگىدا «داۋلاڭ» تەخەللۇسلۇق بۇ خىتاي ناخشىچى ھەققىدە كۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلغان ئىدى: «لولىن ئىسىملىك خىتاي ناخشىچى ئۆز-ئۆزىنى قەھرىمان قىلىپ ياراتقان بىر شەخس. ئۇ سىرتتىن كۆزەتكۈچىلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كۆزىتىدىغان بىر كۆزنەك ھازىرلىغاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغان. ئەپسۇس، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىي دۇنياسىنى خاتا ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ ناخشىچىنى كۈچلۈك ئىدېئولوگىيەلىك ئىستراتېگىيەنى مەقسەت قىلغان دېيەلمەيمىز، ئەمما ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پىلانلىرىنىڭ بىرى بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەشتىن ئىبارەت سىياسىي چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان ۋە دەۋەتچىلىك قىلغان دەپ ئېيتالايمىز. »

مەلۇمكى، نەشر ھوقۇقى نۇقتىسىدىن ياكى مىللەتلەرنىڭ كوللېكتىپ مەدەنىيەت مىراسىغا دائىر خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەر نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەلۇم بىر شەخسنىڭ مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپلۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئومۇمىي نامنى خالىغانچە ئۆزىنىڭ شەخسىي نامى سۈپىتىدە قوللىنىشىغا ياكى يېنىكلىك بىلەن ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ. «دولان» نامى دولانلىقلارنىڭ ئۆزىگە خاس جۇغراپىيەلىك ۋە مەدەنىيەت بەلگىسىدۇر. بۇ نامنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ دولان دەپ ئاتالغان جۇغراپىيەلىك رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەر ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ يەرلىك ۋە مەدەنىيەت كىملىكى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەن. بۇ نام ئۇزاق تارىختىن بېرى دولانلىقلارغا روھىي ئوزۇق، غۇرۇر ۋە كۈچ ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس نامدۇر. خىتاي ناخشىچى لولىننىڭ بۇ نامنى ئۆزىگە شەخسىي تەخەللۇس قىلىپ قوللىنىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ دولانلىقلارغا قىلغان مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىدۇر. ئۇنىڭ «دولان» دېگەن ئىسمىنى خالىغانچە سۇيىئىستېمال قىلىشى، يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىجتىمائىي توپلۇقىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىغا قىلىنغان ھاقارەت، سىياسىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولغان بىر مىللەتنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا قىلىنغان تالان-تاراجدىن باشقا نەرسە ئەمەس!

«دولانلار» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر تۈركۈمى يەركەن دەرياسى ۋە تىزناپ دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسىنىڭ مەكىت، مارالبېشى ۋە ئاۋات ناھىيەلىرى تەۋەسىدىكى بوستانلىقلارغىچە بولغان جۇغراپىيەدە ياشاپ كەلگەن يەرلىك خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، دولانلىقلار بۈگۈنكى كۈندە يەركەن ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يېزا-كەنتلىرى، مەكىت، مارالبېشى ۋە ئاۋات ناھىيەلىرىنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت بەلبېغىدىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن تەركىب تاپقان. دولانلار ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە ياشاش ئۇسۇلى، مەۋجۇتلۇق روھى، ئەقىدە-ئۇدۇملىرى، ئۆرپ-ئادىتى، ئەخلاق قائىدىلىرى شۇنداقلا بەدىئىي زوق ۋە ئېستېتىك ئىنتىلىشلىرى مۇجەسسەملەنگەن دولان مەشرەپ-مۇقاملىرىنى ياراتقان خەلق. دولان مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان دولان مەشرەپ-مۇقاملىرى، دولان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ ئۆچمەس يالدامىسىدۇر.

يەركەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ رەسمىي سىستېمىلىشىشقا باشلىغان ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقام سەنئىتىدە، بولۇپمۇ يەرلىك ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان دولان مەشرەپ-مۇقاملىرىدا دىنىي مەزمۇندىكى تېكىستلەر ۋە ۋە فولكلورلۇق مەدەنىيەت ئامىللىرى چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. بۇ دەۋرلەردە دولان خەلقى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە مۇقام تېكىستلىرىگە سەپلىگەن. ھالبۇكى، يېقىنقى چارەك ئەسىردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن دولان مۇقاملىرىنىڭ تېكىستلىرى ۋە ئېيتىلىش شەكلى جەھەتتە بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر ۋە بۇزغۇنچىلىقلار يۈز بېرىشكە باشلىغان.

2000-يىللاردىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇقام تېكىستلىرىگە قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ياكى تېكىستلەردىكى ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز-جۈملىلەرنى چىقىرىۋېتىش قاتارلىق سىياسىي چەكلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچى نېيسېن لايت (Nathan Light) ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا، ئەسلىدىكى تېكىست ۋە كۈي يىلتىزىدىن ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى، سىياسىي ۋە ئېتىكا جەھەتتىن ئاتالمىش «توغرا» يولغا باشلىنىپ، دىندىن خالىي «سوتسىيالىستىك يېڭى مۇقام» يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

دولان مۇقاملىرىنىڭ تېكىستلىرى ئۆزگەرتىلىشتىن باشقا يەنە داۋاملىق تۈردە ئۇنى خىتاي چاڭچىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئورۇنداش، قىزىل ناخشىلارغا قوشۇپ ئورۇنداش ۋە «دولان كىچىك ئالما ئۇسسۇلى» قاتارلىق بىمەنە مەزمۇنلار بىلەن بېزەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. نەتىجىدە دولان مۇقامى ئەسلىدىكى ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ، مەنىۋىي ئەھمىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا.

تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دولان دېھقان رەسىملىرى» دەپ ئاتالغان ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقانلار سىزغان رەسىملەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرۇلماقتا، شۇنداقلا پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئېلىنماقتا. ھۆكۈمەت دېھقانلارنى مالىيە جەھەتتىن قوللاپ، قەرەللىك رەسىم كۇرسلىرىنى ئېچىپ، دېھقانلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيەلەيدىغان ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى كۈيلەيدىغان مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى يارىتىشقا زورلىغان. دائىرىلەر يەنە دېھقان رەسساملارنى «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى تەشۋىقاتلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ سىزىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، «ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش» تەك قىسمەتكە دۇچار قىلماقتا.

«دولان» نامىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىدىكى يەنە بىر گەۋدىلىك ھادىسە، «دولان» نامىنىڭ تاۋارلاشتۇرۇلۇشى بولماقتا. خىتاي دائىرىلىرى دولانلىقلارنى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ناھايىتى سىرلىق ۋە پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپا كىشىلىرى قاتارىدا كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مىللەت گەۋدىسىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا. شۇنداقلا دولانلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى «ئىپتىدائىي» ، «قالاق» مەدەنىيەتلەر قاتارىدا كۆرگەزمە قىلىپ، خىتاي ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي پايدا قازانماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي، جاڭسۇ ۋە ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ساياھەتچىلىك كەسپىدىكى ئۈچ بۇرجەك ھەمكارلىق بىرلەشمىسى» قۇرۇپ، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيەلىك سىياسىتىنى داۋاملىق تۈردە ئىجرا قىلماقتا. ئاۋات ناھىيەسىدە قۇرۇلغان ئۈستى ئوچۇق مۇزېي شەكلىدە ياسالغان «دولان قەبىلىسى ساياھەتگاھى» بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «دولان قەبىلىسى» ساياھەتگاھىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى دولان مەدەنىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاش، دولان خەلقنىڭ كۈرەش روھىنى ئۇرغۇتۇش جەھەتلەردىكى ئىدىيەۋىي قىممىتى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق مەدەنىيەت يارىتىشتىكى رولىنى تولۇق قوزغاپ، بۇ ساياھەتگاھنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتە يۇقىرى سەۋىيەدىكى مەدەنىيەت كىملىكىنى بەرپا قىلىشتىكى يېتەكچىلىك نوپۇزىنى تىكلەش ئۈچۈن ئىكەن.

دولانلىقلارنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا «دولان قەبىلىسى» دەپ ئىستىمال قىلىنىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك پۈتۈنلۈك جەھەتتىن پارچىلاش، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنى بۇرمىلاشتىن ئىبارەت يامان غەرىزىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا «دولان قەبىلىسى» نىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى دولانلىقلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىگە ئائىت بىر تۈركۈم سىرلىق رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ھېكايىلەر ئورۇن ئالغان.

«دولان قەبىلىسى» ساياھەتگاھىدىن كۆرۈنۈش
«دولان قەبىلىسى» ساياھەتگاھىدىن كۆرۈنۈش (xinhua)

دولانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تۈرلۈك-تۈمەن كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بىر تۈركۈم چەت ئەللىك سەيياھلار «دولان» دېگەن نامغا ئاساسەن يەكۈن چىقىرىپ، دولانلارنى موڭغۇللارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولسا كېرەك، دېگەن كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف قاتارلىقلار تىل ۋە ئېتنوگرافىيە جەھەتتىن ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دولانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى موڭغۇللارنىڭ ئويرات ۋە دوغلات قەبىلىسىگە ياكى قىرغىزلارغا باغلاپ قويۇشتەك كۆز قاراشلارنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

خۇلاسە قىلغاندا، دولانلىقلار باشقا يەردىن كۆچۈپ كەلگەن ياكى ئايرىم بىر ئېتنىك گەۋدە بولماستىن، بەلكى ئەزەلدىنلا مۇشۇ تۇپراقتا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىدۇر. دولانلىقلارنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزىگە خاس تىل ئادەتلىرى، مۇقام-مەشرەپلىرى، ئىگىلىك شەكلى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئەقىدە-ئۇدۇملىرىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن سەھنىگە چىققان ۋە نام چىقارغان خىتاي سەنئەتكارلىرىنىڭ «دولان» نامىنى ئۆزىنىڭ ماركىسىغا ئايلاندۇرۇپ تۈرلۈك شەكىللەردە سۇيىئىستېمال قىلىشى، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلىشىشكە چاقىرىق قىلىش بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مەزمۇنىنى پۈچەكلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغاندۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك بەلباغلىرىدا يىلتىز تارتقان دولان مەدەنىيىتى، دەريا بويى مەدەنىيىتى ۋە لوپنۇر مەدەنىيىتىنى «ئۇيغۇرلاردىن ئايرىم بىر مەدەنىيەت توپى» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشىنىڭ ئارقىسىغا ئۇيغۇر مىللىتىنى پارچىلاش، قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبلىرىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەسى بويىچە شەرھلەشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.