13-نويابىر كۈنى «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىدا «زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش-كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالىتى، غەرب جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىغا ‹قوش ئۆلچەم› قويماسلىقى كېرەك» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىنغان. ياڭ چېنچىڭ ئىمزاسىدىكى بۇ ئوبزوردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە چاپان يېپىلغان.
ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ مەقسىتى «خەلق ئاممىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ» دېيىلگەن.
ماقالىدە خىتاينىڭمۇ غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتكەن بىر مەزگىلدە خىتاي جەمئىيىتىدە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپەيدى. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى›، 2013-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ‹28-ئۆكتەبىر تىيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى›، 2014-يىلى يۈز بەرگەن ‹كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى› قاتارلىق بىر قاتار تېررورلۇق ۋەقەلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىغا بىر كېچىدىلا تېررورلۇق ۋەھىمىسىنى ھېس قىلدۇردى.»
ئامېرىكىدىكى گېئورگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىسى سۇلايمان گۇ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ خىل ئوبزورلار ئېلان قىلىپ ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاشقا مەجبۇر قېلىشىغا نۆۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارغا جىددىي رەۋىشتە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى سەۋەب بولغان، دېدى.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مېنىڭ ئالدى بىلەن تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، ھازىر پۈتكۈل خىتاي ئاللىقاچان بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ بولدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان بىر سىياسەت دېيىش مۇمكىن. بۇنى ئىككى جەھەتتىن ئىزاھلاشقا بولىدۇ: بىرى، ئىرقىي تازىلاش سىياسىتى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى زور مىقداردا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ۋە ھەربىيلەرنى يۆتكەش ئارقىلىق رايوندىكى مىللىي قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› دېگەن شوئار ئاستىدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلاپ، شالغۇت ئەۋلاد شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ساپلىقىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچەۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا زور كۆلەملىك لاگېرلارنى قۇرۇپ، كىشىلەرنى تەقىب ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر بۇ لاگېرلاردا ئۆلۈۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىي قىرغىنچىلىق! يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي بۇ زېمىندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىسى شۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىدى. ئۇيغۇر بالىلىرىغا مەجبۇرىي خىتايچە كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى چەكلەۋاتىدۇ، ھەتتا چوشقا باققۇزۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنى مەدھىيەلەشكە، ئۇنىڭغا چوقۇنۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ يەرنى ساقچى دۆلىتى دېيىش مۇمكىن، بەلكى خىتاي پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ دېيىش مۇمكىن. مانا بۇ ئەھۋاللار خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللاردۇر»
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى قانلىق باستۇرۇشلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دېدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي تاراتقۇلىرىدا گەرچە «خىتاي تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تەشۋىقاتلارنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدەك بىر ئەمەلىيەتنىڭ ئاللىقاچان غەرب تاراتقۇلىرىغا مەلۇم بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بويىچە لاگېرلارغا قامىشى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ رايوندىكى قانلىق باستۇرۇش قىلمىشلىرى خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
سۇلايمان گۇ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى غەربنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىگە باغلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ مەقسىتى غەرب دۆلەتلىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، غەربتىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئاساسلىقى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلغان، ئۇ بەزىدە سىياسىيلاشتۇرۇلغان. ئەمما غەرب دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆز سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىدى. چۈنكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك يوقىتىشىغا قارىتا كۆپلىگەن پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ھەقتە ئاشكارىلانغان ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلارمۇ بار. ئەمما خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى ئاتالمىش ‹زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق› ۋەقەلىرى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى زادىلا تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەردى دېگەن ۋەقەلەرمۇ ئەمەلىيەتتە خەلقئارا تاراتقۇلاردىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان، ئېنىقسىز ۋە ئىسپاتلانمىغان ۋەقەلەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا خىتاي تاراتقۇلىرىدىلا بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىق قىلىنغان ئويدۇرما ۋەقەلەر، خالاس.»
سۇلايمان گۇ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى» غا ئوخشاش بىر قىسىم ئېنىقسىز ۋەقەلەرنى داۋاملىق تىلغا ئېلىپ، «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى نەزەرىيە ئاساسىي قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقەتەن بەزى زوراۋانلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتىشكە يېتەرلىك ئاساس يوق ئىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىزمنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللەت گەۋدىسى بويىچە زەربە بېرىشنى تېزلەتمەكتە ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىرىقىدەك تەشۋىقات ئويۇنلىرىغا قاتتىق رەددىيە بەردى. رەددىيە بەردى.
0:00 / 0:00