دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر ۋە خىتاي يەر مۈلك ئەرزدارلىرىدىكى پەرقلەر ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆيى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆرۈۋېتىلگەن ما ئىسىملىك بىر خىتاي ئايال ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كېلىپ خىتايدىكى ماكانىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ داۋاملىق نامايىش قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بىرنەچچە ھەپتە ئىلگىرى، بىرەيلەننىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى دەرۋازىسىغا «چېقىلىدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان تاختا ئېسىپ قويغانلىقىنى كۆرگەن. تۆت كۈندىن كېيىن ئوخشاش خەت يېزىلغان تاختىنىڭ كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگىمۇ ئېسىلغانلىقى مەلۇم بولغان.

گەرچە، كىشىلەر بۇ تاختىنى 2010 يىلى ئامېرىكىدا خىتايلار قۇرغان قۇرغۇچى قارلىغاچلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېسىلغان دەپ پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەشكىلات باشلىقى ياڭ جيەنلى تاختىنى ئۇلارنىڭ ئاسمىغانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، تاختا ئۆيى چېقىۋېتىلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن كانادا ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئېسىلغان.

يەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان خىتاي پۇقرالىرى ئامېرىكىغا كېلىپ 2010-يىلى خىتايدىكى ماكانلىرىنى بۇزغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قۇرغۇچى قارلىغاچلار تەشكىلاتىنى قۇرغان. قۇرغۇچى قارلىغاچلار تەشكىلاتىدىكى خىتايلار ھەر يىلى نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەرزلىرىنى سۇنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇۋاتقان ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان خىتاي ئەرزدارلىرىنىڭ ئەرزلىرى بىلەن ئۇيغۇر زېمىنىدىكى ئۆي-ماكانلىرى چېقىلىپ، يەرلىرى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزلىرى قانداق ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرگە ئىگە؟ بىز بۇ توغرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلدۇق.

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خىتاي ئەرزدارلىرى زىيارەت قىلىنىپ يېزىلغان بۇ ماقالىدە، ئەرزدارلارنىڭ پائالىيەتلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ما ئىسىملىك خىتاي ئايالنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدا توختىماي 3 ئاي نامايىش قىلغانلىقى، كېيىن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئوغلى بىلەن بىللە ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ «زوراۋانلىق بىلەن بۇزۇپ چېقىشقا قارشى تۇرايلى! پۇقرالارنىڭ مۈلكى قايتۇرۇپ بېرىلسۇن!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ماقالىدە، شاڭخەيلىك ئەي فۇرۇڭ ئىسىملىك 53 ياشلىق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ شاڭخەيدىكى دۇكىنى ۋە قاۋاقخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاز مىقداردا تۆلەم بەرگەنلىكى يېزىلغان. ئەي فۇرۇڭ ئىككى يىلدىن بېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلىگەن. ئەي فۇرۇڭنى خىتايلار سەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىنى تۆكتۈڭ دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ھەتتا دىققەت تارتىش ئۈچۈن باشقا بىر خىتاي ئايال بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىل 7-ئايدا يېرىم يالىڭاچ بولۇپ نامايىش قىلغان. ئەينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدا پاناھلىق تىلەپ قېلىش ئۈچۈن يالغاندىن ئەرزدار قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتايلارمۇ كۆپ ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ ئەرزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ھەقىقىي ئىكەنلىكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇستىدىن ئەرز قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن شەخسى يوقىتىشلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا بۇ ئەرزلەرنىڭ ئومۇمىي ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەمئىيەت ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى 11 ماددىسىدا يېزىلغان قانۇندا، ئۆي مۈلكتىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش چەكلەنگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇنغا ئۈزلۈكسىز خىلاپلىق قىلىپ كەلمەكتە.