دونالد ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتى خىتايغا نىسبەتەن كەسكىن پوزىتسىيەدىكى سىياسىيونلاردىن تەشكىل تاپماقتا (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.11.18
Marko-Rubio-Michael-Waltz-1920 ھازىرغىچە ۋەزىپىگە قويۇلۇشى مەلۇم كىشىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغانلىرىدىن، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل ۋالتىز (Michael Waltz) بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن بىلىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ كابېنتقا ئېلىنىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا
Photo: RFA

ئامېرىكانىڭ بۇ نۆۋەت قايتا سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، خىتايغا تۇنجى قېتىم تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش بىلەن زەربە بەرگەن پىرېزىدېنت بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ قايتا سايلانغاندىن كېيىن كەلگۈسى ھۆكۈمىتىگە تاللىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى خىتايغا قارشى كەسكىن مەيدانى ۋە قاتتىق پوزىتسىيەسى بىلەن تونۇلغان سىياسەتچىلەر بولماقتا.

14-نويابىر، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، بۇ قېتىم قايتا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە خىتايغا باشلاتقان سودا جېڭىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە بۇ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2019-يىلدىن باشلاپ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاينىڭ سودا-ئىقتىساد كېڭەيمىچىلىكى ۋە كۈنسېرى كۈچىيىپ بارغان تەھدىتلىرىگە قارشى تەدبىر ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئۇنى قوللىغان، پىرېزىدېنت بايدىنمۇ ئۇنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشى ھەمدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا تۆكمە قىلىدىغان ماللىرى ئازايغان، خىتاينىڭ ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلىگەن. بىر نەچچە يىللىق كوۋىد ۋاباسىمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئىقتىسادى بىر ئىزىدا توختاپ قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۈچلۈك زەربە بېرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر دونالد ترامپ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خىتايغا قاراتقان كۈچلۈك پوزىتسىيەسى، قاراتمىلىق تاكتىكىسى ۋە قاتتىق پىرىنسىپىنى بىرلەشتۈرسە، خىتاي كەلگۈسى تۆت يىلدا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا تىركىشىدۇ. ئامېرىكا ئۈچۈن بۇ، خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ قالىدۇ».

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، پىرېزىدېنت بايدىن ۋەزىپە ئۆتىگەن 4 يىلدا گەرچە دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ، «خىتاي بىلەن توقۇنۇشماسلىق» ئۈچۈن تىرىشىپ، يۇمشاق قوللۇق سىياسەت قوللانغان. ھالبۇكى، بۇ پۇرسەتتە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، خىتاينى تېخنىكا، سودا جەھەتتە كۈچلەندۈرۈپ، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشقا باشلىغان، تاشقى جەھەتتە رۇسىيە بىلەن بىرلىشىۋالغان.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پىلانلىق ئىقتىسادى بىلەن ياساش سانائىتى مودېلى بىر خىل تالان-تاراج قىلىش شەكلىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن خىتايدىكى ئىشچىلارنى ئېزىدۇ، بىر ياقتىن ئامېرىكا ئىشچىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭا خىتايدىن كىرىدىغان مالغا 60 پىرسەنت باج ئالغاندا، كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقى ئازىيىدۇ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئاز دېگەندە ئىككى پىرسەنت تۆۋەنلەيدۇ.

دونالد ترامپنىڭ مەقسىتى، خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشلا ئەمەس، بەلكى بۇ رىقابەتتە خىتاينى مەغلۇپ قىلىش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى كابېنتقا خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرىدىغان «لاچىن گۇرۇھى» دىكىلەرنى تاللىغان. بۇنىڭدىكى نىشان، خىتاي كومپارتىيەسى رەھبىرى شى جىنپىڭنى نەپەس ئالدۇرماسلىق، ئۇنى ئالدىراپ كونترول قىلالمايدىغان ياكى پەرەز قىلالمايدىغان خەتەرلىك ۋەزىيەتكە مەھكۇم قىلىش ئىكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ قېتىم خىتايغا قارشى مەيدانغا چۈشەلەيدىغان سىياسەتچىلەرنى تاللىشى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىكەن.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ كۆرسەتكەن ماركو روبىيو خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئوغرىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يالغۇز تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان چوڭقۇر مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ھەقتە رويتېرس ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى بولغان ماركو روبىيو خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىدىن ئىشىنىدىغان سىياسەتچى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ماركو روبىيونى تاللىشى ئۇنىڭ خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت قوللىنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى قىلىپ تاللىغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك ۋالتىز (Mike Waltz)، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى قىلىپ تاللىغان جون راتكىلىف (John Ratcliffe) قاتارلىقلارمۇ خىتايغا قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، شۇ سەۋەبتىن خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقان سىياسەتچىلەر ئىكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ترامپ بۇ قېتىم نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايغا قاتتىق قول بولۇشنى ياقلايدىغانلار. بولۇپمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ماركو روبىيو ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك مەيدانىنى ئىپادىلەپ كەلدى. يەنە كېلىپ، ئۇ خىتاينى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان سىياسەتچى. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نامزاتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كىشىلەردۇر. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەت كابېنتى ئامېرىكانىڭ نەچچە نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدىن بۇيان خىتايغا ئەڭ قاتتىق سىياسەت قوللىنىدىغان كابېنتى ھېسابلىنىدۇ».

ھالبۇكى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ كۆرسەتكەن بەزى نامزاتلار، مەسىلەن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېت، ئەدلىيە مىنىستىرى مەت گېتىز (Matt Gaetz) ۋە دۆلەت ئىستىخبارات دىرېكتورى تۇلسى گەبېرد (Tulsi Gabbard) قاتارلىقلارنىڭ بۇ ئورۇنغا لايىق ئەمەسلىكى ھەققىدە تالاش-تارتىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى، دوكتور رايموند كو خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش نۇقتىسىدىن، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ كۆرسەتكەن يېڭى كابېنت ئەزالىرىغا باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، مايك ۋالتىز خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى نامزات، ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسىنى ئىشقا سېلىپ، ھەر قايسى مىنىستىرلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى خىتايغا قارشى رىقابەتكە مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېت بىلەن دۆلەت ئىستىخبارات دىرېكتورى تۇلسى گەبېرد (Tulsi Gabbard) قاتارلىقلار خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشكە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان سىياسەتچىلەردۇر».

كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تاللىغان يېڭى كابېنت ئەزالىرى گەرچە خىتايغا قارشى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغان كىشى يەنىلا دونالد ترامپ بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايغا قارشى مەيدانىنى ئىزچىل ساقلىيالىشى ناھايىتى مۇھىم ئىكەن.

پىروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا، دونالد ترامپ باشچىلىقىدىكى «لاچىن گۇرۇھى» نىڭ كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن سودا-ئىقتىساد ۋە يۇقىرى تېخنىكا جەھەتتە ئېلىپ بارىدىغان كۈرىشى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىنلىكى ھەمدە بۇ توقۇنۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.