دونالد ترامپنىڭ قايتا پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.11.09
donald-trump-AP جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ سايلام نەتىجىسىنى كۆزىتىش يىغىلىشىدا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 6-نويابىر، چارشەنبە، غەربىي پالما ساھىلى، فىلورىدا
AP/Ted Shaffrey

5-نويابىر پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئاخىرى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. 2016-يىلى سىياسىي ساھەگە ناتونۇشلۇقىغا كۆرە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ تاللىشى بىلەن دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق ھاياتىنى باشلىغانىدى. پىرېزىدېنت ترامپ 4 يىللىق پىرېزىدېنتلىق ھاياتىدا ئامېرىكا ۋە دۇنياغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. 2020-يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان ترامپنىڭ، 2024-يىلى ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن ئەڭ يۈكسەك قوللاش بىلەن قايتا پىرېزىدېنتلىققا لايىق كۆرۈلۈپ، پۈتكۈل دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تارىخىدا دەۋر ئاتلاپ پىرېزىدېنت بولۇشتەك يېڭىلىقنى ياراتقان دونالد ترامپ ۋە ئامېرىكانىڭ كېيىنكى يۈزلىنىشى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بەزىلەر ئەندىشىلەنسە، بەزىلەر ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلەشتى. ھەتتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇ ھەقتىكى پەرقلىق قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى تەبىئىي. چۈنكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە خىتاينى داۋاملىق جازالاش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى، دەل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىدى. ئۇنداقتا، دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ؟

مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكادا دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئۆز ئارا رىقابەت مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇ ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى بىردىنبىر ئورتاق تېمىغا ئايلانغانلىقى ئامېرىكىلىقلارلا ئەمەس، دۇنيامۇ ئېتىراپ قىلىدىغان ھەقىقەتتۇر. ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بەزى قانۇنلارمۇ بۇ ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا روياپقا چىققان. بۇنداق ھەمكارلىق ئامېرىكا تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن دېسەك ئەسلا ئارتۇق كەتمەيدۇ ئەلۋەتتە!

ئۇيغۇرلار 2016-يىلىدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سىرلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىسمەتلىرى سەۋەب، ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە بۇ پىرېزىدېنت بىلەن تەڭلا خەلقئارا سىياسەت سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يول ئالدى. دونالد ترامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارغا قالدۇرغان ئەڭ چوڭ تەسىرىمۇ مۇنداق 3 جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھەققىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى تەستىقلاش؛ ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ 300 دىن ئارتۇق كارخانىلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش؛ ئۈچىنچىسى، بايدېن ھۆكۈمىتىگە ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار ئۈستىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلاشتۇر.

دەرۋەقە، كوممۇنىست خىتاي 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايەتلىرىگە، ترامپ دەۋرىدە تۇنجى قېتىم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تامغا ئۇرۇلدى. بۇ ھادىسە خىتاينى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك سەكرىتىۋەتكەن، ھەتتا دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مەغلۇپ بولغىنىدا، خىتاي ئەڭ خۇشال بولغانىدى. ھەتتا خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا تورى ئەينى چاغدىكى تۋىتتىر ھېسابىدا «ئاخىرى كەتتىڭ دونالد ترامپ!» دېگەن مەنىدە ئۇچۇر ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ترامپ ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ماركو رۇبىئو، مايك پومپېئو قاتارلىق يىگىرمە نەچچە سابىق ئەمەلدارغا جازا ئېلان قىلغانىدى. دېمەك، خىتاينىڭ يىللارچە ساختا تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە دۇنيانىڭ كۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغانلىرى ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانىغان يارىسىغا سۈركەلگەن ئەڭ دەسلەپكى مەلھەم بولدى. ئۇيغۇرلار بۇ سەۋەبلىك كەلگۈسىدىن قايتا ئۈمىد ھېس قىلغانىدى.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا تورى ئەينى چاغدىكى تۋىتتىر ھېسابىدا «ئاخىرى كەتتىڭ دونالد ترامپ!» دېگەن مەنىدە ئۇچۇر ئېلان قىلغان
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا تورى ئەينى چاغدىكى تۋىتتىر ھېسابىدا «ئاخىرى كەتتىڭ دونالد ترامپ!» دېگەن مەنىدە ئۇچۇر ئېلان قىلغان

پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى ئاجىزلاپ قالغىنى يوق. ئەكسىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن باشلاندى. شۇنداقلا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ھەتتا ترامپ ھۆكۈمىتىدىنمۇ كۈچلۈك بىر دەۋرگە كىردى. 2021-يىلى بايدېن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تەستىقلىدى. بايدېن ھۆكۈمىتى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ سانى بولسا، ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. ھەتتا بايدېننىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ ياۋروپا شۇنداقلا باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە كۈنتەرتىپكە كېلىشى، ھەتتا بىر قىسىم دۆلەت پارلامېنتلىرىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا يول ئاچتى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈن تەرتىپكە كېلىشى دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەن يۈز بەرگەن بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا ھەل قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىشى بايدىن دەۋرىدە يۈز بەردى. يەنى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇھىم كۈن تەرتىپتە تۇتۇشى ۋە خىتايغا قاراتقان كەسكىن سىياسەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلاندۇردى. بايدېن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن تۆت يىلدا گەرچە خىتاينى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مەيدانى ئېنىق، پوزىتسىيەسى كەسكىن، خىتاي ئىقتىسادىغا بەرگەن زەربىسىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۆتكەن تۆت يىلدا خىتاينىڭ ۋاي جېنىنى چىقارغانىدى. يېقىندىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان چېكىنىشلەر، خىتاي جەمئىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مۇقىمسىزلىقلار، ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى دەل ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ بۈيۈك نەتىجىسى ئىدى. ناۋادا كامالا خارىس سايلامدا غەلىبە قىلغىنىدا، بەلكى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى بۇ سىياسەتلىرىنىڭ داۋام قىلىشى ئېنىق ئىدى.

ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشكە ئالدىرىمايمىز. لېكىن بۇ يىل سايلام مەزگىلىدە ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئېلان قىلغان 2024-يىللىق ئېلان نىزامدا خىتاينىڭ «ئېتىبار بېرىلىدىغان ئىمتىيازغا ئىگە دۆلەت» سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتىنىڭ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنىمۇ كۆرەلەيمىز. ئەگەر پەرق بار دېيىلسە، ئۇ ھالدا بۇ يەردىكى پەرق شۇكى، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينى «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى» دەپ بېكىتكەن. ئەمما ئۆتكەن سەككىز يىلدىن بۇيان، ئامېرىكانىڭ خىتاي قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىدە كۈچىيىش بولدىكى، چېكىنىش بولغىنى يوق. شى جىنپىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دەپ نام ئالغان جىن سەنروڭمۇ، 7-نويابىر بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆز بىلوگىدا ترامپنىڭ قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى خىتاي ئۈچۈن «تېخىمۇ دەھشەتلىك بولغان سودا ئۇرۇشىنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ يازغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكسەپ بەرپا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

دەرۋەقە، خىتاي مەيلى ئامېرىكانىڭ «رىقابەتچىسى» دەپ ئاتالسۇن، ياكى «دۈشمىنى» دەپ ئاتالسۇن، ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولغانلىقىدا ئىختىلاپ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىدە دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىرەر چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. ئەكسىچە ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى بىرلىكىنى كۈچەيتىشتە، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيانىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى قوغداشتىكى قىزىل سىزىقىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دەرۋەقە، دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىققا «قايتىپ كېلىشى» خىتاينى يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ سودا ئۇرۇشى بىلەن ئەندىشىلەندۈرۈشكە باشلىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى خىتاي مەيلى ئامېرىكانىڭ «رىقابەتچىسى» دەپ ئاتالسۇن، ياكى «دۈشمىنى» دەپ ئاتالسۇن، ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولغانلىقىدا ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن ئىختىلاپ يوق. ئەمما ترامپنىڭ نۆۋەتتىكى «ئۇرۇشنى توختىتىش» ۋە بارلىق زىددىيەتلەرنى «تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش» پوزىتسىيەسى، خىتاي بىلەن ئامېرىكانى ئاتالمىش «ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمى» سۆھبىتى ئۈچۈن بىر ئۈستەلگە ئېلىپ كېلەمدۇ يوق؟ بۇنىسى يەنىلا نامەلۇم. ناۋادا خىتاي بىلەن ئامېرىكا سۆھبەت ئۈچۈن بىر ئۈستەلگە كەلگىنىدە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ-يوق، دېگەن مەسىلىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆتكەن 6-7 يىلدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ زەربىسىگە قاتتىق ئۇچرىغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ تۈركىي قېرىنداشلىرى ۋە مۇسۇلمان دىنداشلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋېتىلگەن، يەنى ھېچقانداق قوللاشقا ئېرىشەلمەي، ئۇلار خىتاينىڭ مەيدانىنى قوللىغاندا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئەگەردە ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتىپ، بىر قاتار قانۇنلارنىڭ قوبۇل قىلمىغان ۋە خىتاينى ئىزچىل ئەيىبلىمىگەن بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىن قىلىشى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ئىدى. ئامېرىكادەك قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر كاپالىتىدەك تۇيغۇ ھاسىل قىلدى.

دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللىشىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇشىنى، قىسقىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ توختىتىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەلۋەتتە!

شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇرلار ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ترامپ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتتە، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى قوغداپ قېلىشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.