ئۇلار مۇسۇلمان دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ!

0:00 / 0:00

ئۆتكەن بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ غەش قىلغان بىر خەۋەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا قىزىق نوقتا بولدى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب دەل 8-يانۋار كۈنى ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى» (The World Muslim Communities Council) نىڭ 30 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا، ئۇيغۇر ئېلىغا زىيارەتكە كەلگەن بۇ 30 كىشىنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، بوسىنىيە، سېربىيە قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كەلگەن «مۇسۇلمان ئالىملار» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىغان.

ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغىنى «مۇسۇلمان ئالىملار» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا زىيارەتكە كېلىشى بولماستىن، بەلكى مۇسۇلمان دۇنياسىدا «ئالىم» لىق شەرىپىگە ئېرىشكەن بۇ شەخسلەرنىڭ مۇسۇلمانلىققا ۋە ئىنسانلىققا يات شەكىلدە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلاش تەرەپدارى بولۇشىدۇر. ئۇ ھالدا بۇ كىشىلەر زادى كىملەر؟ ئۇلار ۋەكىللىك قىلىۋاتقان «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى» چۇ؟

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇۋانى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە مەزكۇر زىيارەت ۋە زىيارەتكە كەلگەن ھالقىلىق شەخسلەر ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. خەۋەردە، ۋەكىللەرنىڭ ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرگەزمىسى» دىن باشلاپ، موزېيخانىغىچە، مەسچىدلەردىن تارتىپ، ئىسلام ئىنىستىتۇتىغىچە زىيارەت قىلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ، شارائىتىنى توختىماستىن ياخشىلاۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، غەربنىڭ خىتايغا قارا سۈرگەنلىكى ئاشكارا بولغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنى ۋەكىللەرنىڭ «شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمىخانىسى» دا 1990-يىلىدىن تاكى 2016-يىلىغىچە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ تۈرلۈك تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «‹ئۈچ خىل كۈچ›كە بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، بۈگۈنكىدەك تىنچ ۋە بەختلىك تۇرمۇشنى ياراتقان» لىقىنى كۆرگەنلىكى يېزىلغان. فىلىمدىكى قانلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن بەزى ۋەكىللەرنىڭ ھەتتا «ئاھ. . . !» دېيىشىپ قاتتىق چۈچۈشكەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكى، ھەتتا بۇ «تېرورچىلار» غا قاتتىق غەزەبلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇخبىرى ئاتالغان فاھاد جامېل ئاخمەد، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى توختىماستىن سۈرەتكە ئېلىپ، «بۇنداق تېرورلۇقنىڭ دىن بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ۋە بۇنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى رەزىللىك» لىكىنى بىلدۈرگەن. «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى» نىڭ رەئىسى ئالى راشىد نۇئامىمۇ، (كۆرگەزمىدە) بۈگۈن كۆرگەنلىرىنىڭ بۇ رايوننىڭ ئەسلىدىكى ھالىتى ئىكەنلىكى، بۇ خىل تېرورلۇق يالغۇز خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخقا يېزىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

«دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى» (The World Muslim Communities Council) نىڭ 30 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى يانۋار، ئۈرۈمچى.

بۇ «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى» نىڭ رەئىسى ئالى راشىد نۇئامىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تۇنجى قېتىم كېلىشى، ئەمەس. ئۇ خىتايغا داۋاملىق كېلىپ تۇرىدىغان، خىتاي بىلەن ئۇزۇن يىللىق «چوڭقۇر دوستلۇق» قا ئىگە بولغان بىر شەخستۇر. ئۇ 2019-يىلى بېيجىڭ خەلقئارا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدە «بېيجىڭ خەلقئارا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كۆرگەزمە ئورنى» نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقان. ئەل راشىد ئەل نۇئامىنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتى بولسا ئەبۇزەبىدىكى تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش خەلقئارالىق مەركىزى رەھبەرلىك كومىتېتىنىڭ باش رەئىسى، شۇنداقلا ئۆزى قۇرۇپ چىققان «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى» نىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى.

دەرۋەقە، خىتاي ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن چاپان ياپقان، خىتاينى ئاقلاش ئۈچۈن 14 دۆلەتتىن كەلگەن ئاتالمىش «مۇسۇلمان ئالىملار ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ ئۆمەك باشلىقى بولغان ئەل راشىد ئەل نۇئامى، خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ھەمكارلاشقۇچىسى بولغانلىقى شەكسىز. ئەل راشىد ئەل نۇئامى خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى كۆرەش» لىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئۆتكەن يىلى ئاپرىلدا خىتاي سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ئىكرانلىق تەشۋىقات يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار سىياسىتىنى كۈچلۈك قوللىغانىدى.

مەزكۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىدىكى بوسىنىيەنىڭ سابىق مۇپتىسى مۇستاپا سېرىچمۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا «ئىناق-ئىجىللىق مىۋىسى» نى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ماختىغان. ئەمەلىيەتتە 1999-يىلىدىن باشلاپ بوسىنىيەنىڭ مۇپتىسى بولغان مۇستاپا سېرىچنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسى ناھايىتى قويۇق بولۇپ كەلگەن. ئۇ خىتاي تارىخىي، مەدەنىيىتىگە يۇقىرى باھالارنى بەرگەن بولۇپ، 2013-يىلى ئۇ يەنە خىتاينىڭ كۆپ مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىرگە ياشىشىدىكى دۇنياغا ئۈلگە بولالايدىغان بىر دۆلەتلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارەتلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا «ئۈچ خىل كۈچ» تىن ئىبارەت «تېرورچى، ئەسەبىي ۋە بۆلگۈنچى» لەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشنى ئالدىنقى نىشان قىلغان. ئاندىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىدلەر، ئىسلام ئىنىستىتۇتلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» لىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «تەربىيىلىنىش» تىن كېيىن، يېڭى ھايات، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى تۇتقا قىلىپ، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلىماقچى بولغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل نەيرەڭۋازلىق، ساختا تەشۋىقاتلارنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچۋاقىت بۈگۈنكىدەك مەغلۇب بولمىغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىملىق ئاتالمىش «مۇسۇلمان ئالىملار» دىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىشى ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقى ئېنىق.

چۈنكى بۇ قېتىملىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەنلىكى، شۇنداقلا مەزكۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىدا خىتاي ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك ئاۋاز چىقارغۇچىلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان «دوستلۇق ئالاقىسى» دىن قارىغاندا، مەزكۇر زىيارەتنىڭ مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېنىق.

يەنى خىتاينىڭ مەزكۇر شەخسلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا باشلاپ كېلىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش، يالغانغا چىقىرىش ۋە غەربنىڭ ئويۇنى كۆرسىتىپ، دۇنيانى ئالداش. ئاتالمىش ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللىگۈچى ئورۇن بولغان «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ككېڭىشى». بۇ ئورگان خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى بولغان ئەل راشىد ئەل نۇئامى يېقىنقى يىللاردا قۇرۇپ چىققان يېڭى ئورگان. ئاتالمىش ۋەكىللەرمۇ يىللاردىن بۇيان خىتاينى قوللاپ، خىتاي ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەن خىتايپەرەس مۇسۇلمانلار. تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى بولسا، خىتاينىڭ مۇشۇنداق بىر ئورگان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن زىيارەت ئۆمىكى تەشكىللەش دەرىجىسىگە چۈشۈپ قېلىشىدۇر. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانچىلىك يېتىم ۋە بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئامېرىكا ياكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويۇنى ئەمەس، بەلكى پولاتتەك ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىسپاتلار يېتەرلىك تۇرۇپتۇ. ئۇيغۇر لاگېر شاھىدلىرى، خەلقئارا نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ۋە نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات دوكلاتلىرى، ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ مىسالىدۇر.

ئۇيغۇرلاردا «قورققان يەردە جىن بار» دەيدىغان بىر سۆز بار. يەنى خىتاي جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپ باقمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر قاماللىقىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئاقلاشقا يول ئاچسا توغرا بولاتتى. ھالبۇكى، خىتاي بارلىق ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ، ئىسپاتلارنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقئارادىكى خىتايپەرەسلەر ئارقىلىق جىنايىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. گەرچە خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى قولى بەكمۇ ئۇزۇن، تەسىرى تولىمۇ چوڭ بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلارمۇ خۇددىي ئۇيغۇرلارغا ۋە غەربلىكلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان. مۇھىمى ئۇلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئېتىقاد نوقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلىق نوقتىسىدىنمۇ قوللىمايدۇ.

نۆۋەتتە، غەرب دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەرەپدارى بولىۋاتقان مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى خىتايپەرەس مۇسۇلمانلار ياكى دۆلەتلەر بىلەن ئاددىي ئاۋام خەلقنى بىر بىرىدىن ئايرىپ قاراشنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇلارنى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئورتاق ۋەكىلى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى مۇسۇلمانلارنى ئورتاق قارىشى دەپ قارىمايدۇ. شۇنداقلا ساقال، ئۇزۇن كۆينەك، ئەرەبچە ئىسىملىرى بولغانلىقى، ھەجگە بارغانلىقى سەۋەبلىكلا جازا لاگېرىغا قامالغان مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «تېرورچى» ئەمەسلىكىگە ھەقىقىي ئىمان ئەھلى ئىشىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەگەر خىتاي ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولسا، خەلقئارادىكى خىتايپەرەسلەرگىلا تايانماي، بەلكى بارلىق ئېقىمدىكىلەرگە ھەقىقەتنى كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىغا ساختا تەشۋىقاتلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش بىلەن جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى ئېنىق!

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.