دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ؟

0:00 / 0:00

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە «خىتاي سەھىيە تەشكىلاتى»، «ۋۇخەن سەھىيە تەشكىلاتى» دەپ مەسخىرە قىلىنماقتا.

بۈگۈن 4-ئاينىڭ 7-كۈنى «دۇنيا سەھىيە كۈنى» دۇر. ب د ت «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى ۋە «دۇنيا سەھىيە كۈنى» نى خاتىرىلەۋاتقان بۇ كۈن پۈتۈن دۇنيا خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان، 70 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان مۇسىبەتلىك بىر كۈن بولدى شۇنداقلا «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى» خەلقئارادا تۈرلۈك ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر كۈن بولدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1945-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش بىلەنلا ب د ت دا دۇنيا خەلقىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى» نى قۇرۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1946-يىلى 61 دۆلەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بۇ تەشكىلات نيۇ-يوركتا قۇرۇلغان. 1948-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ نىزامى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. بۇ تەشكىلات شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىنى مەركەز قىلىپ تاللىغان ھەمدە 4-ئاينىڭ 7-كۈنىنى «دۇنيا سەھىيە كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. ھازىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 194 دۆلەت ئەزا. ئۇنىڭ جەنۋەدە 5 خىزمەت بىناسى، 150 دۆلەتتە ئىش بېجىرىش ئورنى، 7 مىڭ خىزمەتچىسى بار.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىق تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق سەھىيە خىزمەتلىرى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا تارقالغان چوشقا زۇكىمى، قۇش زۇكىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئىشلىرىدا زور تۆھپىسى بولغان. ئەمما خىتايدا پەيدا بولغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلالمىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ۋىرۇسنى يوشۇرۇشىغا سۈكۈت قىلغانلىقى، ھەتتا ئاخىرقى ئايلاردا خىتاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا «ياراتقان تۆھپىلىرى» نى مەدھىيەلىگەنلىكى سەۋەبلىك كۈچلۈك نارازىلىقلارغا ئۇچراشقا باشلىغان.

شىۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى زۇرۈكلىكلەر گېزىتى» 6-ئاپرېل كۈنى «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن دىكتاتور خىتايغا ئىللىق، دېموكراتىك تەيۋەنگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ؟» سەرلەۋھەلىك بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. ئوبزوردا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا بۇ ۋىرۇس پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە پەقەت كۆزىتىش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكى، تاكى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى كورونا ۋىرۇسى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتكە تارقاپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا بۇ ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن كۈچلۈك نارازىلىقلارغا دۇچار بولغانلىقى مۇقەددىمە قىلىنغان.

ئوبزوردا تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ۋۇخەندە پەيدا بولغان ۋىرۇسنى دەسلەپكى مەزگىللەردە بىرقانچە ھەپتە يوشۇرغان بولسىمۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۈگۈنگە قەدەر خىتاينى بۇ توغرىسىدا ئەيىبلەپ باقمىغان. بۇنىڭغا قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى «ۋۇخەن سەھىيە تەشكىلاتى» دەپ مازاق قىلىدىغان كارىكاتۇر رەسىملەر تارقالغان. ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى تارۇ ئاسۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى «خىتاي سەھىيە تەشكىلاتى» دەپ مەسخىرە قىلغانغا ئوخشاش تەيۋەنلىكلەرمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى غەبرەيەسۇسنى «ئىش بۇزىدىغان ئادەم، يارىماس ئادەم» دەپ مەسخىرە قىلغان.

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى تەنقىدلىيەلمەسلىكىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولغانلىقى، ئۇنىڭ سەھىيە ياردىمىدىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن ئىكەن. ھالبۇكى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 30 پىرسەنت مەبلىغىنى ئامېرىكا تەمىنلەۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتقا بېرىۋاتقىنى ئاران 0، 44 پىرسەنت ئىكەن. قالغان مەبلەغنى گېرمانىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئوبزوردا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويماسلىق، ئۇنىڭغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ۋىرۇسنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ماختىغانلىقىنىڭ ھەيران قالارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكى، ئەكسىچە بۇ ۋىرۇس توغرىسىدا دۇنيانى مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەۋاتقان تەيۋەنگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشىنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىكسىز بىر ھال ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ئالدىنقى ئاي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۇنياغا ناچار سەھىيە ئۈسكۈنىلىرى ۋە سۈپەتسىز ماسكىلارنى سېتىپ پۇل تېپىشنىڭ كويىغا كىرىپ كەتكەن بىر چاغدا تەيۋەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە 4 مىليون دانە سۈپەتلىك ماسكىنى ھەقسىز تەقدىم قىلىپ خىتاينىڭ يۈزىنى تۆككەن. خىتايغا رەھمەت ئېيتىپ باقمىغان ياۋروپا كومىسسىيۇنىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا خانىم تەيۋەن´گە ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرى تەيۋەندىن مىننەتدار بولغان. بۇ ھال خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

ئوبزوردا ئەسكەرتىشىچە، تەيۋەن بۇندىن 17 يىل ئىلگىرى تارقالغان سارس كېسىلىنى داۋالاشتا مول تەجرىبىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى كورونا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشتىمۇ غەلىبە قازانغان بىر دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما تەيۋەن دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ جەھەتتە ياخشى باھاسىغا ئېرىشەلمىگەن. زۈرىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سىمونا گرانو بۇ ھەقتە توختالغاندا «گەرچە تەيۋەن دېموكراتىك ۋاسىتىلەر بىلەن غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ناچار ۋە ئەخلاقسىز مۇئامىلە قىلىنماقتا» دېگەن. خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشى ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشماي كەلمەكتە.

«دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن دېكتاتور خىتايغا ئىللىق، دېموكراتىك تەيۋەنگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ؟» سەرلەۋھەلىك ئوبزوردا يەنە خىتاينىڭ ب د ت غا ئۇزارغان قولى توغرىسىدا توختالغان. ئۇنىڭدا ئىزاھلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت نى چاڭگىلىغا ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ب د ت دىكى ئامېرىكا سەل قارىغان چوڭ تەشكىلاتلارنى قولغا كىرگۈزۈشكە زور ئېنېرگىيە سەرپ قىلىپ نەتىجە قازانغان. ھازىر ب د ت دىكى 15 تېخنىكالىق تەشكىلاتنىڭ تۆتىنى خىتايلار باشقۇرىدىكەن.

خىتايلارنىڭ ب د ت ئۇزارغان قارا قولى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن. د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىگە ئۇزۇندىن بۇيان ھەر خىل توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.