ئېلى، مەۋلان قاتارلىقلارنىڭ ھەرىكىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا مەسئۇل كادىرى ئېلى ئابلىمىت، مەۋلان قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر، ئىككى خىتايدىن تەشكىللەنگەن تۆت كىشىلىك بىر گۇرۇپپا 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلار ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشتەك ھەرىكەتلەردە بولماقتا.

مەزكۇر تۆت كىشىلىك گۇرۇپپا ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى ئىككى ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ گۇرۇپپىدىكى ئىككى نەپەر خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىكى مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرىدىن ئىبارەت ئىكەن.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، «7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن شىنجاڭ مۇھاجىرلار ئاخبارات-ئۇچۇر تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئىستانبۇلدىكى شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى» دېيىلگەن. يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى خىتاينىڭ باش كونسۇلى تەن بىلەن ئېلى ئابلىمىتنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغانلىقى، ئۇندىن باشقا بېيجىڭدىكى مۇھاجىرلار ئىشخانىسىدىن چاڭ ۋە شياڭ فامىلىلىك ئىككى خىتاينىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر، قازاقلاردىن بولۇپ جەمئىي ئون كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يىغىندا ئاساسلىقى «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەتلەش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ھەسسە قوشۇش » تىن ئىبارەت بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

چەتئەلدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلى ئابلىمىت ئىلگىرى پاكىستان، قىرغىزىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.

ئېلى ئابلىمىت 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن مەزكۇر تەشكىلات ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پاكىستاندىكى رىزاخان، قەييۇم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار جەمئىيىتىگە خىتاي پۇلىدىن ئۈچ يۈز مىڭ سومغا يېقىن پۇلنى مۇكاپات قىلىپ بەرگەن.

ئېلى ئابلىمىت 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى قىرغىزىستاندا «ۋەتەن سۆيەر مۇھاجىرلار خىتاي تىلى مائارىپ مەركىزى» نى قۇرۇپ بەرگەن. ئۇندىن باشقا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار خىزمىتىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە 2013-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە بىر قانچە قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلغان.

تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى مەۋلان ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ ئانىسىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ۋە ھازىرمۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋلانغا ئىشىنىپ، ئۇنى خىتاينىڭ مۇھىم تارماقلىرىدىن بىرى بولغان تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىغا خىزمەتكە قويۇشى ۋە بۇ قېتىمقى خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن چەتئەلگە سەپەرگە يوللىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.

خىتاينىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار خىزمىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى توغرىسىدا توختالغان ھازىر فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئەھەت ھاجىم 1986-يىلى ۋە 1994-يىللىرى پاكىستان ۋە قازاقىستاندا ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتتە بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە خادىملىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئېلى ئابلىمىت باشچىلىقىدىكى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجلېس شەھىرىگە يېتىپ بېرىشى، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لوس ئانجلېستىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى ليۇ 2010-يىلىدىن 2013-يىلى 5-ئايغىچە خىتاينىڭ پاكىستان ئىسلامئابادتىكى ئەلچىخانىسىدا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە بۇ جەرياندا پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئەمەلدارى ئېلى ئابلىمىت بىلەن بىرلىشىپ پاكىستاندا مۇھاجىرلار خىزمىتىگە ئائىت كۆپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىشى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.