ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ياۋروپادىكى ئىزلىرى

0:00 / 0:00

بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر، دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر نەۋائىي ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى بولۇپ، پۈتكۈل تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە، شۇنداقلا جاھان ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئەبەدىي ئۆچمەس ئەسەرلىرى بىلەن كاتتا ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپكە نائىل بولۇپ كەلگەن. ئەلىشىر نەۋائىي ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ، مىرزا ھەيدەر كۆراگاننىڭ 16-ئەسىردە يېزىلغان مەشھۇر تارىخ كىتابى «تارىخىي رەشىدى» دە ئېنىق قىلىپ ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر نەسەبىدىن ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى ئۆز دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ ھەقلىق ئىگىسى ۋە ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇرلار جۈملىدىن پۈتكۈل تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر خەلقى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەلىشىر نەۋائىينى ئۆز شائىرى دەپ بىلىپ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مۇقاملارغا قېتىپ، مەدرىسىلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇپ كەلگەن ئەلىشىر نەۋائى ئەسەرلىرى پاساھەت ۋە بالاغەتتە كامالەتكە يەتكەن دەپ قارىلىپ، خەلق ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ، بىباھا تەۋەررۈك سۈپىتىدە ئاسراپ كەلگەن. 1950-يىللاردا ئەل ئارىسىدىن نەۋائي ئەسەرلىرىدىن قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىدىن 400 پارچىدىن ئارتۇقى تېپىلغان. 1957-يىلى يەكەندىن 150 پارچىغا يېقىن، كېيىنچىرەك قەشقەر، كۇچا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىنمۇ نەپىس ئىشلەنگەن قوليازما نۇسخىلىرى تېپىلغان.

ئەنە ئاشۇ قوليازمىلاردىن بىر قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان ياۋروپالىق سەيياھلار ۋە مىسسىئونېرلار قاتارلىق ئوخشىمىغان سالاھىيەتتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن تۈرلۈك يوللار بىلەن چەتئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ھازىر دۇنيادا بىر قانچە مۇزېي ۋە ئارخىپلاردا ساقلانماقتا.

ئۇلاردىن بىرى شىۋېتسىيەلىك تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ (Gunnar Jarring) تەرىپىدىن قەشقەر ۋە خوتەنلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن قوليازما ئەسەرلەر توپلىمى بولۇپ، لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا «گۇننار ياررىڭ كوللېكسىيونى» نامىدا ساقلانماقتا. لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى كاتالوگىغا ئاساسەن، 5-6 ئەسىردىن بېرى ساقلىنىپ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بۇ قوليازما ئەسەرلەر توپلىمىدا ئەلىشىر نەۋائىينىڭ 18 پارچە ئەسىرى بولۇپ، بۇ قوليازمىلارنىڭ بەتلىرى سارغايغان، تىتىلغان ھالەتتە بولسىمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغانلىرىدىن «دىۋان» ۋە «خەمسە» قاتارلىقلار بار. بۇ كوللېكسىيوندا مەزكۇر ئەسەرلەردىن باشقا يەنە، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «مەھبۇبۇل قۇلۇب» ، «غەزەلىيات ۋە پاساھەت دىۋانى» قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلىرى بىلەن بىرگە بىرقانچە قىسقا شېئىرلىرىمۇ ھەم مەۋجۇت. لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى گۇنىللا تۆرنۋالنىڭ (Gunilla Törnvall) گۇننار ياررىڭ كوللېكسىيونى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، بىر قىسىم نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ بىرقانچە خىل پەرقلىق نۇسخىلىرى مەۋجۇت ئىكەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە سېلىشتۇرما تەتقىقاتىدا مۇھىم مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

Prov.450 نومۇرلۇق ئارخىپ نومۇرى بىلەن ساقلىنىۋاتقان «دىۋان» نىڭ مەزكۇر كوللېكسىيوندا بەش خىل نۇسخىسى مەۋجۇت بولۇپ، گۇننار ياررىڭ قوليازمىلارنىڭ ھەر بىرىگە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يېزىپ قالدۇرغان. چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھاتلار بىزنى نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ قانداق قىلىپ بىزگە يېتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«دىۋان» نى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، «دىۋان» نۇرغۇن رۇبائىي، مەسنەۋى ۋە قەسىدىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 1920-يىلى بىر نەپەر شىۋېت تىجارەتچى تەرىپىدىن ئاۋۋال رۇسىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن، ئاندىن شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىغا سېتىپ بېرىلگەن. خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان بۇ كىتابنىڭ 18-ئەسىردە قولدا كۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولۇپ، كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر ۋاراقچىسىدا «850 شىۋېت كروناسىغا سېتىۋېلىندى» دېگەن خەتلەر ئۇچرايدۇ. ھازىرقى باھا ئۆلچىمىدىن قارىغاندىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ناھايىتى قىممەت باھا ھېسابلىناتتى.

«خەمسە» داستانىغا كەلسەك، ئەلىشىر نەۋائىي «خەمسە» چىلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، «خەمسە» پېشۋالىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئەڭ بۇرۇن «خەمسە» داستانىنى ئانا تىلى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ، ئەينى ۋاقىتتا چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى زور شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن. قوليازما توپلىمىدىكى ئىزاھاتلارغا قارىغاندا، «خەمسە» داستانلار توپلىمىنىڭ ئىگىسى گۇمالىق جامالىدىن ئاتلىق كىشى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردىكى مەلۇم بىر سارايدا موللا مەھمۇد ئاخۇن تەرىپىدىن ئاممىغا ئوقۇپ بېرىلەتتىكەن. بۇ ئەسەر يەكەندىن مىسسىئونېر داۋىد گۇستافسون (David Gustafsson) تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنىپ، 1930-يىلى گۇننار ياررىڭغا سېتىپ بېرىلگەن.

نەۋائىي قوليازما ئەسەرلىرى يەنە بۈگۈنكى كۈندە «بۈيۈك بىرىتانىيە خان جەمەتى كوللېكسىيونى» دىكى مۇھىم يادىكارلىقلار سۈپىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتماقتا. نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ دۇردانىلىرىدىن بولغان «خەمسە» داستانى نەۋائىي ھايات ۋاقتىدا تېمۇرىيلەر ئوردىسىدىكى خەتتاتلاردىن بىرى بولغان سۇلتان ئېلى ئەلمەشھەدى (1453-1520) تەرىپىدىن ئالتۇن ھەل بېرىلگەن قەغەزگە كۆچۈرۈلگەن. كىتابقا موغۇل ئىمپېرىيەسى رەسساملىرىنىڭ مىنىياتۇر رەسىملىرى قىستۇرما رەسىم قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، كىتابقا ئالاھىدە بەدىئىي زوق قوشقان.

دەسلەپكى 30 بەتكە يېقىن مىنىياتۇر رەسىملەر «خەمسە» داستانلار توپلىمىنى تەشكىل قىلغان بەش داستاننىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسى بولغان «ھەيرەتۇل-ئابرار» داستانىدىكى شېئىرلارنىڭ ۋەقەلىكىگە ئاساسەن سىزىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ ئاخىرقى بىرقانچە بەتلىرى بوش قالدۇرۇلغان. ۋەھالەنكى بابۇرىيلار ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق دولقۇنلىرىدا نەۋائىي ئەسەرلىرىمۇ سەرگۈزەشتىلەرگە دۇچ كەلگەن. ئالتۇن ئوردا ئۆزبېكلىرىدىن شەيبانىخان ھىراتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بۇ قوليازما سۇلتان ئالىي مەھشەدىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بۇخارادا بىر مەزگىل ساقلانغان. بۇ جەرياندا كىتابنىڭ ئايرىم جايلىرىغا بۇخارا ئۇسلۇبىدىكى مىنياتۇرلار سىزىلىپ تاماملانغان. كېيىن بۇ قوليازما نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن موغۇل ئىمپېراتورلۇقىنىڭ خانلىرىدىن ھۇمايۇننىڭ ئايالى بانۇ بېگۈمنىڭ قولىغا چۈشكەن. كېيىن تەخت ۋارىسلىرىدىن ئەكبەر شاھمۇ مۇ كىتابنى ياقتۇرۇپ مەبلەغ ئاجرىتىپ قايتا زىننەتلەشكە كۈچ چىقارغان، بۇ قوليازمىنىڭ نەپىسلىكى ۋە قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

«بۈيۈك بىرىتانىيە خان جەمەتى كوللېكسىيونى» دىكى «خەمسە» داستانلار توپلىمىدا موغۇل ئىمپېرىيەسىدىكى خانلىق نەسەبلىرىدىن خەمىدە بانۇ بېگۈم، جاھانگىر، شاھ جاھان ۋە ئالەمگىر قاتارلىقلارنىڭ بېسىلغان تامغىلىرى، يازمىلىرى ئورۇن ئالغان. بىرىتانىيە خان جەمەتى كوللېكسىيونى تور سەھىپىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتا جاھانگىر شاھ بۇ ئەسەرنى دۆلەت خەزىنىسىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەسەر دەپ قارىغان ۋە بۇ ئەسەرگە خانلىق خەزىنىسىنىڭ بايلىقى سۈپىتىدە يۇقىرى باھا قويغان، شاھ جاھانغا كەلگەندە بۇ قىممەت بىر قاتلىنىپ، 20000 رۇپىيە قىممىتىدىكى باھا قويۇلغان.

بابۇرىيلار سەلتەنىتى يىقىلغاندىن كېيىن، 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، نەۋائىي قوليازما ئەسەرلىرى ھىندىستاننىڭ ئىلكىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ھىندىستاندىكى بىرىتانىيە ھۆكۈمرانى لورد تېيىنمۇسنىڭ Lord) Teignmouth) قولىغا چۈشكەن ۋە بۇ ئەسەرلەر ھەدىيە سۈپىتىدە 1799-يىلى بىرىتانىيە ئىمپېراتورى جورجى ئۈچىنچىگە (George III) سوۋغا قىلىنغان. 1872-يىلىدىن كېيىن ئاندىن ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن. شۇندىن بېرى بۇ قوليازما بۈيۈك بىرىتانىيە خانلىق كوللېكسىيونىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

مەزكۇر كوللېكسىيوندا يەنە ئوخشاش بىر خەتتات تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن «دىۋان» بولۇپ، 1872-يىلى 15-ئاۋغۇستتا، بۇخارا ئەمىرى بۇ قوليازمىنى ئەنگلىيە خانىشى ۋىكتورىيەگە ھەدىيە قىلغانىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، 150 يىلغا يېقىن ئۇرۇش، داۋالغۇش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقى نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى. يېقىنقى يىللاردىكى ۋەزىيەتكە نەزەر سالغاندىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلەرگە بولغان چەكلىمىسى ۋە تاجاۋۇزچىلىقى ھەرقانداق بىر دەۋرگە قارىغاندا ئەڭ كەسكىن داۋام قىلماقتا. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇيغۇر تىلى مائارىپ-ئوقۇتۇشىدىن قالدۇرۇلۇپ، كۈندىلىك ئىستېمالدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرىگە دۇچ كېلىۋاتماقتا. بىر قىسىم خىتاي ئەدەبىياتىدىن تەرجىمىلەر ياكى خىتاينىڭ تەشۋىقات ئەسەرلىرىدىن باشقا ئەسەرلەر ئاساسەن نەشرىياتچىلىقتىن سىقىپ چىقىرىلماقتا. ھەتتا ئەلىشىر نەۋائىي ۋە باشقا ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، پروفېسسورلار، مەسىلەن پروفېسسور غەيرەتجان ئوسمان، ئەخمەت مۆمىن، ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە باشقىلار لاگېرلار ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانىدى.

بۇ خىل ۋەزىيەتتە ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرىگە ئوخشاش چەتئەللەردە ساقلىنىۋاتقان چەكلىك بىر قىسىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىش ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە ئائىت بولمىغان ئۆزگىچە مەنىۋى بايلىقلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئاخىرىدا، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ تىل ھەققىدە يازغان مۇنۇ مىسرالىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ قۇلۇپى تىلدۇر،

ۋە ئۆل خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى تىلدۇر.

دۇردانىلەر دېگەن سۆزنى ئەپسانە بىل،

جاھان دېڭىزىدا سۆزنى دۇردانە بىل.

ئىنساننى سۆز ئەيلىدى جۇدا ھايۋاندىن،

بەلكىم گۆھىرى شەرىفراق يوق ئاندىن.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.