2-تۈرك ئىمپراتۇرلۇقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېلتەرىش قاغاننىڭ يېڭى تېپىلغان قەۋرە تېشىدا نېمە دېيىلگەن؟

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىنى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ئانا ماكانلىرىدىن بىرى بولغان موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن كەلگەن بىر خۇش-خەۋەر بىلەن كۈتۈۋالغانىدۇق. ئۇ كۈنى 2- تۈرك ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرۇپ، تۈرك خەلقىنى يېرىم ئەسىر داۋاملاشقان خىتاي ئىستېلاسىدىن قۇتقۇزغان ئېلتەرىش قاغاننىڭ قەبرە تېشى تېپىلىپ، تۈرك يازما تارىخىدىكى تەسۋىرلەپ بولغۇسىز بىر بوشلۇق تولدۇرۇلغان.

مەركىزى قازاقىستاننىڭ نۇرسۇلتان شەھىرىدىكى قازاقىستان خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى بىلەن موڭغۇلىيە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقات ئەترىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن بۇ ئالەمشۇمۇل نەتىجە بىلەن باشلانغان بۇ يېڭىلىق بىر بىرىدىن خەيرلىك نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان.

ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور دارھان قېدېرالى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى شەرىپىگە قازاقىستان دۆلەتلىك بىلىم ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى. پىروفېسسور دوكتور دارھان قېدېرالى ئەپەندى مەڭگۈ تاش تېپىلغان دەسلەپكى كۈنلەردە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ تېپىلىش جەريانى ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنىدى.

مەڭگۈ تاش تېپىلغان دەسلەپكى كۈندىن باشلاپ، قەدىمكى تۈرك تىلى تەتقىقاتچىلىرى ۋە تارىخچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ مەڭگۈ تاش ھەققىدە ئارقا ئارقىدىن تېلېۋىزور ۋە تور سۆھبەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى ئۆتكەن يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى موڭغۇلىيەدە ئېلتەرىش قاغان مەڭگۈ تېشىنىڭ تېپىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ 24- كۈنى تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارالىق يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر مەڭگۈ تاشقا ئويۇلغان يازما تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «تۈرك مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ كۈزلۈك سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئارقىدىنلا قازاقىستاندىكى تونۇلغان قازاق ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «قەدىمكى تۈرك ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يازما مەدەنىيىتى» ناملىق يەنە بىر مۇھىم كىتابنى يورۇقلۇققا چىقارغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەڭگۈ تاشتىكى ئىسىم ۋە ئاتالغۇلار، تاش ئورنىتىلغان ۋاقىت، ۋە تارىخىي ۋەقەلەر تەھلىل قىلىنغان ماقالىلەر بەس-بەستە ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.

ئۆتكەن يىلى -12ئاينىڭ 15- كۈنى ئورخۇن ئابىدىلىرىدە قوللىنىلغان يېزىقنىڭ ۋىلھېلم تومسۇن تەرىپىدىن ئوقۇلغانلىقىنىڭ 129-يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى. ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) ئۇ كۈنگە «تۈرك تىلى كۈنى» دەپ نام بەرگەن. شۇ كۈنى تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا يۇنېسكونىڭ پارىژدىكى مەركىزىدە يېڭى تېپىلغان ئېلتەرىش قاغان مەڭگۈ تېشى شەرىپىگە «دۇنيا كۈلتۈرىدە تۈرك مەدەنىيىتى: ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغان ئابىدىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئورۇنلاشتۇرغان. يىغىنغا مۇستەقىل تۈرك دۆلەتلىرى ۋە موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مەڭگۈ تاش تەتقىقاتچىلىرى ۋە يۇنېسكو مەسئۇللىرى قاتناشقان.

ئورخۇن-يەنىسەي ئابىدىلىرىنىڭ ئوقۇلغانلىقىنىڭ 130 يىلى كۈتۈۋېلىنىدىغان بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە چاقىرىلغان يىغىنلاردا ئېلتەرىش قاغان مەڭگۈ تېشى مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

تۈرك تارىخىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر بۈگۈنگە قەدەر ئېلتەرىش قاغان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئېلتەرىش قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندە يەتتە ۋە سەككىز ياشلاردا قالغان ئوغۇللىرى كۆلتېگىن ۋە بىلگە قاغان تاش پۈتۈكلىرى (مەڭگۈ تاشلىرى) ۋە بىر قىسىم قەدىمكى خىتايچە تارىخىي مەنبەلەردىن ئوقۇپ كەلگەن. تونيۇقۇق ئابىدىسىدە ئېلتەرىش قاغان دەسلەپ ئەسكەرىي ئۇنۋان شاد بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە كېيىنچە قاغان ئاتالغان ئېلتەرىشنىڭ ئەسكەرىي سەپەرلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار قىسقىچە خۇلاسە قىلىنىپ، ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە قارشى 17 قېتىم، قىتانلارغا قارشى 7 قېتىم شۇنداقلا ئوغۇزلارغا قارشى 5 قېتىم قوزغىغان غەلىبىلىك جازا يۈرۈشلىرى بايان قىلىنغان.

«چۆيرەن» مەڭگۈ تېشىدا ئېلتەرىش قاغاننىڭ قوي يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنغان. فىرانسىيەلىك مەشھۇر تارىخچى لۇيىس بازىن (Louis Bazin) تۈرك كالېندارچىلىقى ھەققىدە يازغان ئەڭ مۇپەسسەل ئەسىرىدە بۇ ۋاقىتنىڭ مىلادىيە 691-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنىگە توغرا كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىلگەن.

يېڭى تېپىلغان ئېلتەرىش قاغان ئابىدىسىدە زادى نېمىلەر دېيىلگەن؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئابىدە پارچىسىنىڭ تېپىلىشىنى تۈرك تارىخىدىكى چوڭ بايقاش دەيمىز؟

تۈرك ئاكادېمىيەسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا مەڭگۈ تاش ۋە تاش يەرلەشتۈرۈلگەن ساراينىڭ بۇرۇنلا باشقىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم. ئۆتكەن يىلى تېپىلغان پارچە ئەسلى مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدى يۈزىدە 12 قۇر خەت ئويۇلغان. ئۇنىڭدا ئوقۇغىلى بولىدىغان 26 سۆز بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئايرىم ھەرپلىرى مەۋجۇت. بۇ سۆزلەرنىڭ ئىچىدە «تۈرك»، «قۇتلۇگ قاغان» ۋە «تەڭرى ئوغلى» دېگەندەك ئاچقۇچلۇق سۆزلەر بار. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە تاشتىكى سۆزلەر كۆپرەك تارىخىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىندى. سۆزلەرنىڭ ئوقۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ دەسلەپكى ئوقۇش تەكلىپىنى ئاساس قىلىپ كەلدى.

كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىدا دەسلەپكى تۈرك قاغانلىقىدىن باشلاپ تۈرك قاغانلىقى تارىخى قىسقىچە خۇلاسىلەنگەندىن كېيىن، نېمە سەۋەبتىن ئۇ قاغانلىقنىڭ ۋەيران بولۇپ تاڭ ئىمپېراتورلۇقىغا مۇستەملىكە بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلار ئەنە شۇنداق مەشھۇر قاغانلار ئىكەنمىش. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنىسى قاغان بوپتۇ. پەرزەنتلىرى قاغان بوپتۇ. بەرھەق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنىسى ئاكىسىدەك تۇغۇلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئوغلى دادىسىدەك تۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ناچار قاغانلار تەختكە ئولتۇرۇپتۇ. شۇنداق قىپتۇ. قوماندانلىرىمۇ ئەقىلسىز ئېكەن ئەسكى ئېكەن. بەگلىرى، خەلقى ئىتتىپاق بولمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي خەلقى ھىيلىگەر ۋە قۇۋ بولغانلىقتىن ئاكا بىلەن ئىنىنى، بەگ بىلەن خەلقنى (بىر بىرىگە قارشى) كۈشكۈرتكەنلىكى ئۈچۈن تۈرك خەلقى سوراۋاتقان دۆلىتىنى مۇستەملىكە قىلىپ بېرىپتۇ. قاغانلىق قىلىۋاتقان قاغانىنى يىتتۈرۈپتۇ. خىتايغا بەگ بولۇشقا لايىق ئوغۇللىرى قۇل بوپتۇ. مەلىكە بولۇشقا مۇناسىپ قىزلىرى دېدەك بوپتۇ. تۈرك بەگلىرى تۈرك ئۇنۋانلىرىنى تاشلاپ خىتاي ئۇنۋانلىرىنى قوللىنىپ خىتاي قاغانىغا بېقىنىپ، ئەللىگ يىل بىجانىدىل خىزمەت قىپتۇ».

ئاشىنا قەبىلىسىدىن ئېلتەرىش قاغاننىڭ دۇنياغا كەلگەن ۋاقتى، ئۇنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىيە 630-يىلىدىن بۇيان تاڭ سۇلالىسىگە بېقىنىپ ياشاپ كېلىۋاتقان بىر دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا جەڭگىۋار ۋە قەھرىمان تۈرك خەلقى تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇشۇپ، ئۇ دۆلەتلەرنى تاڭ ئىمپېراتورلۇقىغا ئىشغال قىلىپ بېرىپمۇ تاڭ ئىمپېراتورلۇقىنى رازى قىلالمايۋاتاتتى. ئېلتەرىش قاغان تۈرك قەبىلىلىرىنى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئىسيان كۆتۈرىدۇ. كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىدا تۈرك خەلقىنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئويلىغانلىرى مۇنداق بايان قىلىنغان: «‹دۆلىتى بار خەلق ئىدىم، ئەمدى دۆلىتىم قېنى؟ كىمگە دۆلەت ئېلىپ بېرىۋاتىمەن؟› دېيىشەرمىش. ‹قاغانلىق خەلق ئىدىم، قاغانىم قېنى؟ قايسى قاغانغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن؟› دېيىشەرمىش. شۇنداق دەپ خىتاي قاغانىغا دۈشمەن بولمىش».

مىلادىيە 552-يىلى دەسلەپكى تۈرك قاغانلىقىنى قۇرۇپ، مىلادىيە 630-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن تۈرك قەبىلىلىرى تاڭ سۇلالىسىگە جانپىدالىق بىلەن خىزمەت قىلسىمۇ، يەنىلا تاڭلىقلارنىڭ قۇل مۇئامىلىسىدىن خالىي بولالمايدۇ. تۈرك خەلقىنىڭ ئېچىنارلىق ھالىتىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان ياش قۇتلۇق، ئەركىنلىكنىڭ ھايات ماماتلىق كۈرەش بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. بولۇپمۇ مىلادىيە 578-يىلى ئۇنىڭ بىر قىسىم تۇغقانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 54 كىشىنىڭ تاڭ پايتەختى چاڭئەنگە ئالداپ ئېلىپ بېرىلىپ ياۋۇزلارچە ئۆلتۈرۈۋېتىلىشىگە چىداپ تۇرالمىغان قۇتلۇغ دەرھال قوزغىلىپ، تاڭ سۇلالىسىگە قارشى ئاتلىنىدۇ. كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىدا، ئېلتەرىش قاغاننىڭ ئەڭ دەسلەپ مىلادىيە 679- يىلى 17 كىشى بىلەن قوزغىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپەيگەنلىكى ۋە 47 قېتىم چوڭ ئۇرۇش قوزغىغانلىقى، بۇلاردىن 17قېتىملىقى مەخسۇس خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شەخسەن ئۆزى ئەسكەر باشلاپ 20 قېتىم ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە داۋاملىق غەلىبە قىلغان ئېلتەرىش قاغان 681-يىلى 2- تۈرك ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ 691-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە قاغانلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ.

ئېلتەرىش قاغان مەڭگۈ تېشىنىڭ تېپىلىشى، تۈركلەرنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆز ئانا تىلىدىكى تارىخىي مەنبەلەرگە تايىنىپ يېزىش تارىخىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر چوڭ ئىلگىرىلەش. ئېلتەرىش قاغان مەڭگۈ تېشىنىڭ تېپىلىشى تۈرك خەلقلىرىنى ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشقا، دۈشمەن بىلەن دوستنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

1893-يىلى ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىكى سىرلىق يېزىق دانىيەلىك ۋىلھېلم تومسۇن تەرىپدىن يېشىلىپ، ئارىدىن 129 يىل ئۆتكەندە تۈرك تارىخىدىكى ئەڭ جەسۇر دۆلەت ئادىمى، يېڭىلمەس قەھرىمان قۇتلۇغ قاغان يەنى ئېلتەرىش قاغاننىڭ قەبرە تېشىنىڭ تېپىلىشى، تۈرك تارىخىدىكى ھازىرغىچە ئېنىق بولماي كەلگەن بىر قىسىم بوشلۇقلارنىڭ تولدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىلىم ساھەسىنى بىرىنچى قول مەنبە بىلەن تەمىنلىدى. بۇ مەڭگۈ تاش تۈرك خەلقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ئېنىقلاپ بەردى. تارىختىكى ئەجدادلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىنى ۋە ئۆچمەس ئىزلىرىنى تېخىمۇ روشەن يورۇتۇپ بەردى.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.