ئەنگلىيە ئالىمى ھازىرقى زامان خىتاي تارىخى كىتابىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس مەزمۇنلارنى ئاجراتتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپ ماقالىلەرنى يېزىپ، بۇ ساھەدە تونۇلغان ئەنگلىيە ئالىمى مايكول دېلوننىڭ قەلىمى ئاستىدا 2012 - يىلى «ھازىرقى زامان خىتاي تارىخى» ناملىق كىتاب يېزىلىپ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى. پروفېسسور دېلون كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىغا مەخسۇس بىر باپ ئاجراتقان بولۇپ، كىتابنىڭ 16 - بابىنى مەخسۇس « تىبەت ۋە شىنجاڭ» دەپ ئاتىغان.

پروفېسسور دېلون كىتابىدا 20 - ئەسىردە سۇن جۇڭشەن باشچىلىقىدىكى خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشىدىن تارتىپ تاكى 2000 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر ئەسىرگە يېقىن ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان تارىخىي جەريانى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان.

كىتاب تولۇق دەرسلىك خاراكتېرىغا ئىگە بولۇپ، ھەر دەۋر ۋە سىياسىي ۋەقەلەر قىسقىچە بايان قىلىنغان ۋە خۇلاسە چىقىرىلغان.

كىتابنىڭ 16 - بابىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇنلار ئۆزگىچە بولۇپ، پروفېسسور دېلوننىڭ باشقا غەرب ئالىملىرىدىن پەرقلىق تەرىپى شۇكى، ھازىرغىچە بولغان كۆپىنچە غەربلىك تارىخچىلارنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگو تارىخى ئەسەرلىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىغا ئورۇن بېرىلمىگەن ۋە ياكى ئازراقلا ئاتاپ ئۆتۈلگەن ئىدى، ئەمما پروفەسسور دېلون باشقىچە يول تۇتتى.

پروفېسسور مايكول دېلون 16 - بابىدا مەخسۇس«شىنجاڭ - شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغان بۆلۈمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە ئومۇمىي تارىخى ۋە بولۇپمۇ كۈرەش تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئىككىنچى بۆلۈمىگە مەخسۇس «شەرقىي تۈركىستان تۈرك ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دەپ نام بەرگەن بولۇپ، بۇ پاراگراپتا 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى سىياسىي جەھەتتىن ئىسلام كىملىكىنى ئاساس قىلغان، بىراق زامانىۋى مائارىپ ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت چۈشەنچىلىرىگە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ قىسقىچە ھاياتىدا بۇ جۇمھۇرىيەت مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ھەممە بەلگىلىرىگە، يەنى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي مەجلىسى قاتارلىقلارغا ئىگە بولدى شۇنىڭدەك ئۆز بايرىقى ۋە ئۆز پۇلىغا ئىگە بولدى دەپ يازدى.( 376 - بەت)

پروفېسسور دېلون يەنە 1944 - ، 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتايلار ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل ئىكەنلىكى ۋە خەنزۇلاردىن تەشكىللەنمگەنلىكى ھەمدە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگوغا قارشى بولغانلىقى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار تەرپىدىن ئەسلەنمەكتە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى تۈركىستان ۋە مۇسۇلمان مىللەتچىلىكىگە ۋە خىتايلارنىڭ نەزىرىدە بۆلگۈنچىلىككە سىمۋول بولۇپ قالدى. ( 376 - 377 - بەت) دەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاپتور يەنە 1949 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسى بىلەن ئۆلمىگەنلىكىنى قەيت قىلىپ، ئۇيغۇر شاھىدلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار قازاقىستاننىڭ پانفىلوف دېگەن يېرىدە، يەنى ھازىرقى يەركەنتتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. پروفېسسور دېلون كىتابىدا يەنە، خىتاينىڭ 1949 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلىگەنلىكىنى ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ خىتاي كوچمەنلىرىنىڭ كۆپلەپ بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.