ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جورج ئوسبورن خىتايدا 5 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە توختاپ ئۆتىدىغان ئورۇنلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئېلىدۇر. ئادەتتە كەم ئۇچرايدىغان بۇ زىيارەت خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا ئەنگلىيەلىك مىنىستىرنى بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىغا قىلىدىغان زىيارىتىنى چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تىلغا ئالىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى.

يەكشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن خىتايدىكى 5 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرى جورج ئوسبورننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت بېكەتلىرىنىڭ ئىچىدە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىقى ۋە بۇنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولغانلىقىنى ئېنىق ئەمەس. ئەمما بۇ يەردە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقىنى، ئوسبورن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىدىغان كۈنىنىڭ دەل ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا بىر يىل تولغان كۈنگە توغرا كېلىشى بولدى. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان گاردىيان گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، جورج ئوسبورن ئەپەندى 22-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئاخشام ئۇيغۇر ئېلىغا قاراپ يولغا چىقىپ، ئەتىسى 23-سېنتەبىر كۈنى پائالىيەتلىرىنى باشلايدىكەن. بۇ دەل ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۆتكەن يىلى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كۈن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن گۇمان قىلماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى ۋە ئۇيغۇر ئېلى مۇتەخەسسىسى نىكولاس بىكۇلىن گاردىيان گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيە مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىنى مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر ئېلىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنى مەبلەغ سېلىشقا مۇۋاپىق تىنچ جاي، دەپ كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نىكولاس بىكۇلىن ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېگەن :

-مۇشۇنداق بىر كۈندە ئەنگلىيەلىك مىنىستىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە پەرۋاسىز قالماسلىقى كېرەك، ئۇ زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قېيىن-قىستاق، مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش، دىنىي بېسىم، نامايىش قىلىش ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنىش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك.

ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرى جورج ئوسبورننىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدىمۇ شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» سىياسىتىنى قوللاپ سۆز قىلىدىغانلىقى مەلۇم. جورج ئوسبورن سەيشەنبە كۈنى شاڭخەي پايچەك بازىرىنى زىيارەت قىلغاندا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى قاتتىق تەكىتلەپ «ئىككى دۆلەت سىستېمىسىدىكى پەرقلەرگە قارىماي ھەمكارلىشىپ، ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ غەربتىكى ئەڭ يېقىن شېرىكى قىلايلى» دېگەن ۋە خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ جورج ئوسبورن ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، گاردىيان گېزىتى ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئەربابلاردىن ئوسبورننىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى مەزگىلىدە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا سورىغان بولسىمۇ، بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. بۇنىڭ ئورنىغا جورج ئوسبورن يازما باياناتىدا «بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى بىر تاللاش دەپ قارىمايمىز. بىز ھەر ئىككىسىنى بىرلىكتە ئېلىپ ماڭىمىز، دەرۋەقە مەنمۇ بۇ يەردىكى ئۇچرىشىشلىرىمدا شۇنداق قىلدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ شۇنداقلا ئەنگلىيەدىكى ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «مەنچە خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، بىر چەتتە تۇرۇۋېلىپ كانايدا توۋلىغاندىن ياخشى» دېگەن.

ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئوسبورننى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئوسبورن ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالالمىسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئۆزى خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، دېدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىن گاردىيانغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئەنگلىيەنى خۇددى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم سىياسەتلىرىنى قوللايدىغاندەك كۆرسىتىپ قويىدىغان خەتىرى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون سۆزىدە ئوسبورننىڭ چوقۇم ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ «ئەگەر ئوسبورن ئۇنداق قىلالمىسا، بۇ، ئەنگلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە قانچىلىك دەرىجىدە توخۇ يۈرەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ» دېگەن ۋە ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋان ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.