مۇتەخەسسىسلەر ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك، دەپ تەنقىد قىلدى
2015.10.07

ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرى سېنتەبىر ئېيىدا خىتايغا قىلغان رەسمىي زىيارىتى داۋامىدا ئۈرۈمچىگىمۇ بېرىپ سۆز قىلغان. بىراق ئۇ سۆزى داۋامىدا پەقەتلا رايوننىڭ ئىقتىسادىي كېلەچىكى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ زىيارىتى ئاياغلاشقىلى بىر قانچە ھەپتە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇشىنى زور بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك، دەپ قارىغان.
جورج ئوسبورن ئەپەندى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. بۇ كۈننىڭ دەل ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۆتكەن يىلى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كۈنگە توغرا كېلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئەينى چاغدا ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە چاقىرغان. ئەمما، جورج ئوسبورن بارلىق چاقىرىقلارغا قارىماي، ئۈرۈمچىدە قىلغان نۇتقىدا پەقەت ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىنى قوللاپ سۆز قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. بىر قىسىم سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىمۇ ئوسبورننىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان زىيارىتىنى خاتا بىر تاللاش، دەپ قارىدى. سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزى دىرېكتورى كېررىي بروۋن بۇ ھەقتە «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، «بېرىتانىيە مالىيە ۋەزىرى نېمىشقا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بۇندىن ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئەنگلىيەدە سىياسەتچىلەر ئارىسىدا خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالماي، ئۆزىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك پىلانلىرى ئۈچۈن ئۆز بىلگىنىنى قىلىدىغان بىر ئادەت شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى، ئوسبورننىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان زىيارىتى بىلەن بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
-بۇ قېتىم ئەنگلىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكى ئەمەس، بەلكى مالىيە ۋەزىرلىكىنىڭ بېكىتىدىغانلىقى ئېنىق بولدى. ئەنگلىيەنىڭ ھازىرقى بيۇكرات رەھبەرلىرىنىڭ سايىسىدە ئەنگلىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدە كەسكىن، ئۆزىنى مەركەز قىلغان ۋە مۇقىم بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەنگلىيە يېقىن شېرىكى ئامېرىكىنىڭ بىئارام بولۇشىغا قارىماي، خىتاي باشچىلىقىدىكى ئاسىيا ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلەغ بانكىسىغا ئەزا بولدى. بۇ قېتىم ئوسبورننىڭ شىنجاڭغا قىلغان زىيارىتىمۇ خەۋپلىك ئىدى. بۇرۇن ھېچقانداق بىر ئەنگلىيە ۋەزىرى ئۇ يەرنى زىيارەت قىلىپ باقمىغان. ئۇيغۇر ئېلىدەك بىر يەرگە سودا ئۆمىكىنى باشلاپ بېرىش پەقەتلا بىر سىگنالنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ -رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئەندىشىلەر قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە تىجارەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك.
تەتقىقاتچى كېررىي بروۋن ماقالىسى داۋامىدا، ئوسبورننىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان زىيارىتىگە ئەخلاقىي پرىنسىپلار بويىچە قاراپ باھا بەرگەندە ئىشنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭغا مالىيە ۋەزىرلىكىنىڭ ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، ئەمەلىيەتكە قاراپ يول تۇتىدىغان پرىنسىپلىرى بويىچە باھا بەرگەندىمۇ بۇ زىيارەتنىڭ سەۋەبىگە مەنتىقلىق بىر جاۋاب تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
-ئەگەر ئوسبورن بۇ زىيارەت ئارقىلىق ئەنگلىيە كارخانىلىرى شىنجاڭغا ئوخشاش رايونلاردا مەۋجۇت بولۇشى كېرەك، دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى بولغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەنگلىيەدە ئۇيغۇر ئېلىدا مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قىلىش شارائىتلىرىنى ياخشى بىلىدىغان چوڭقۇر مەلۇماتلىق مۇتەخەسسىسلەر بارمۇ؟ ئۇ يەردە ئەنگلىيە كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزگىچە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىدا مەبلەغ سېلىشىغا توغرا مەسلىھەت بېرەلەيدىغان كىشىلەر بارمۇ؟ ئوسبورن ئەنگلىيە كارخانىلىرىنى خىتاي ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشقا چاقىرىۋاتامدۇ؟ شۇنداق بولسا بۇ ھەمكارلىقنىڭ دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى نېمىلەر بولىدۇ؟ خىتاي كارخانىلىرىغا مەبلەغ كېرەك ئەمەس، ئەگەر ئۇلارغا تېخنىكا لازىم دېگەن تەقدىردە، ئەنگلىيە كارخانىلىرى خىتايدىكى پەن -تېخنىكا مۈلك ھوقۇقىغا ئىشىنىپ ئىش قىلالامدۇ؟
ئاپتور مۇلاھىزىسى داۋامىدا يۇقىرىدىكى سوئاللاردىن باشقا يەنە، بۇ زىيارەتنى خاتا ياكى مەنتىقلىق ئەمەس، دەپ قارىشىدىكى سەۋەبلەرنى يەنە مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن:
-ئوسبورن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى تەكىتلىمەكچى بولغان بولسا، شىئەنگە ياكى ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ ئۇ يەردىكى مۇلازىمەت كەسپى، ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىدە رول ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولاتتى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىش ئىغۋاگەر ھەم شۇنداقلا مەسئۇلىيەتسىزلەرچە بىر ھەرىكەت بولدى. نېمىشقا ئەنگلىيە كارخانىلىرى ئۆزلىرى ياخشى بىلمەيدىغان بىر مۇھىتتا ئىش قىلىپ ئۆزلىرىنى خەتەرگە ئاتسۇن؟ مەنچە ئوسبورننىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئۇنىڭغا ياخشىراق مەسلىھەت بېرىشى كېرەك. مۇھىمى ئوسبورن بۇ مەسلىھەتلەرنى ئاڭلىشى كېرەك. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇلارنىڭ ھېچبىرى بولغاندەك ئەمەس. دەرۋەقە، بۇ يەردە ئوسبورننىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنىڭ سىياسىي تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بارغانلىقى ھەققىدە گۇمانلار بار. بۇ گۇمان بىزنى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان شۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلىشكە قىستايدۇ : ئۇ بولسىمۇ خىتايدا پەقەت ئەنگلىيە ئىقتىسادى ۋە تېخنىكىلىرىلا سېتىلمايدۇ بەلكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىمۇ سېتىلىدۇ.