ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «ئۇيغۇرلار ئەردوغاننى قانداق ياخشى كۆرىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2019.07.08
erdoghan-uyghur-bilen.jpg رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇيغۇرلار بىلەن قۇچاقلاشتى. 2012-يىلى 8-ئاپرېل، ئۈرۈمچى.
www.maarip.org

ئەردوغاننى تۇنجى قېتىم قايىل بولغان ۋاقتىم 97-يىلى ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ ئىستانبۇلدىكى بىر باغچىغا پېشقەدەم دەۋاگەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ نامى بېرىلگەن ئىكەن. خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە شۇ چاغدىكى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەردوغاننى نارازىلىق بىلدۈرگەندە ئەردوغان «مەن ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى، بۇ شەھەرنى مەن باشقۇرىمەن، سىلەر بېيجىڭنى باشقۇرۇڭلار» دېگەن ئىكەن. بۇ گەپنى مەن تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىن كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمما 2009-يىلى «5-ئىيۇل پاجىئەسى» دە ئەردوغان خىتايدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغاندا، بۇ گەپلەرنى خىتاي تىلىدىكى تاراتقۇلارغا تارتىپ چىقىرىلدى.

ئەردوغاننىڭ «بەشىنچى ئىيۇل پاجىئەسى» دە كۆرسەتكەن جاسارىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس ئادالەتنى ياقىلايدىغان دۇنيانى قايىل قىلدى. تۈركىيەدىكى تۈركلەرلا ئەمەس، دۇنيادىكى بارلىق تۈركلەر ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، كوچىلارغا قاراپ سەلدەك ئاقتى. زۇلۇمدىن غەزەپكە كەلگەن تۈركلەر، تۈركىيەدىلا ئەمەس، غەربتىكى ئەللەردە ئۇيغۇرنى قوللاپ نامايىش قىلدى. ئەردوغاننىڭ ھەققانىيلىقى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنى ھاياجانغا سېلىپ تۈركىيە قىزغىنلىقى سەۋدالىققا ئايلاندى.

2011-يىلى ئۆكتەبىردە خوتەنگە بارغىنىمدا گۇما ناھىيەسىدە تۈركىيەنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ساتىدىغان ئالتە چوڭ دۇكاننى ئايلانغان ئىدىم. تۈركىيەدە ئالتە ئايدىن ئارتۇق تۇرۇپمۇ يەپ باقمىغان «ماراش ماروژنىسى» نى خوتەن شەھىرىدە تېتىدىم. شۇ چاغدىكى خوتەن، ئاقسۇ، كورلا، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەردە قىلغان تەكشۈرۈشلىرىمدە تىجارەتچىلەر «پايدا ئازراق چىقسىمۇ خىتاينىڭ مېلىنى ساتقاندىن ئۆزىمىزنىڭ مېلىنى ساتايلى!» دېيىشكەن ئىدى. ئۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئۈچۈن تۈركنىڭ مېلى «ئۆزىمىزنىڭ» بولۇپ بولغان ئىدى.

ئەردوغان 2012-يىلى ئاپرېلدا ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان بولدى. قانداق بولغان كىشىلىرىمىز ئۇنىڭ كونسۇل كوچىسىدىكى نوغاي مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. «ئەردوغان كەلدى» دېگەن كۈنى بىر ئاكا ئاغىنەم ماڭا تېلېفون قىلدى «ئۇكام كەلسىلە، مەسچىتتە بىر كېچە ئەردوغان ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تېنەيمىز، ئەتىسى كەلگەندە ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈۋالىمىز!» بۇ گەپنى ئاڭلاپ تەسىرلىنىپ بىر نەرسە يازاي دەپ ئولتۇرسام، ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن دوستلارنىڭ ئۈرۈمچىگە قاراپ كېچىلەپ ماشىنا-ماشىنىدا يولغا چىققانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تېلېفونۇمغا يېغىپ كەتتى.

بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، سەل سەگەكلىشىپ ئويلىنىپ قالدىم. بىر سىياسىيونغا بۇ قەدەر سەۋدالىق نورمالمۇ؟

مەن 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2006-يىلى تومۇزغىچە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «زىيارەتچى تەتقىقاتچى» بولۇپ بىر مەزگىل تۇرغان بولغاچقا تۈركىيە سىياسىتى ۋە سىياسىيونلار ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئىدىم. تۈركىيەدىن قايتقاندىن كېيىنمۇ ئەردوغاننىڭ نۇتۇقلىرى ۋە ئىش پائالىيەتلىرىنى پەخىرلەنگەن ھالدا كۆزىتىش ئادىتىمگە ئايلانغان ئىدى. كۆرگەن ۋاقتىم ئۇزارغانچە، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى ئىزچىلسىزلىق، پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشچانلىق، سورۇنغا قاراپلا توقۇپ چىقىلىدىغان «پاكىتلار» ۋە ئاساسسىز باشقىلارنى ئەيىبلەشلەر ماڭا سەمىمىي تۇيۇلمىغان ئىدى.

شۇ سەۋەبتىن ئەردوغان ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئاخشىمى، «ئەردەمگە تەلپۈنەمدۇق ئەردوغانغىمۇ» دېگەن تېمىدا قىسقا يازما يېزىپ بىر مۇنبەرگە قويدۇم. بۇ يازمامغا ئۇيغۇردىن يۈزدە يۈز پىرسەنت غەزەپ ياغدى، بولۇپمۇ تۈركىيەدە بىر مەزگىل تۇرغان ۋە ئوقۇغان قەدىناس دوستۇم، پىداكار ئىنىم ئەركىزات بارات قاتتىق قارشىلىق قىلدى ۋە دەرھال يۇيۇشنى تەلەپ قىلدى. مەنمۇ ئەردوغاننى ئەمەس، ئوقۇرمەنلىرىمگە ۋە شۇ خالىس نىيەتلىك، ئۇيغۇرسۆيەر ئىنىمگە بولغان ھۆرمىتىم سەۋەبلىك يازمىنى ئۆچۈردۈم. ئەركىزات 2018-يىلى تۈركىيە ماللىرىنى ساتقانلىقى ئۈچۈن قامالغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تۇتقۇن قىلىندى ۋە بۇ يىل 17 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

2019-يىلى باھارنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدىكى بىر گېزىتنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مېنى زىيارەت قىلدى. سورىغان سوئالىنىڭ بىرى «ئۇيغۇرلار ئەردوغاننى قانداق ياخشى كۆرىدۇ» ئىدى. مەن مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئەردوغاننى سۆيەمدۇ ئەمەس، قانداق سۆيىدىغانلىقىنى سورىغىنىدىنلا مەندىن كۈتكەن جاۋابنى پەملىگەن ئىدىم.

شۇنداق بولسىمۇ: «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قانچىلىك سۆيىدۇ بىلمەيمەن، ئەمما ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئەردوغاننى سۆيگەننىڭ بەدىلىنى قاماقلاردا ئۆتەۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇيغۇرلار ئەردوغاننى سۆيۈشكە ھەر زامان تەييار دەپ قارايمەن. پەقەت ئەردوغان ئۈرۈمچىدە ئۆزىنى قۇچاقلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىر سوراپ قويسا، ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبلىك قامالغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي دوستلىرىدىن بىر سۈرۈشتە قىلىپ باقسا، ئۆزىگە بىر كېچە دۇئا قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان تۈرمىدىكى قۇربان ئەخەت ھاجىمنىڭ تۈركىيەدىكى بالىلىرىغا ئىشلەش رۇخسىتى بەرگەن بولسا ئۇيغۇرلار يەنە ئەردوغان ۋە تۈركىيە دەپ ئۆلۈپ بېرىشكىمۇ تەييار» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. بۇ جاۋابىمدىن مەمنۇن بولمىغان مۇخبىر سوغۇقلا خوشلاشتى ۋە ئاتايىن زىيارەت قىلغان خەۋەرنىمۇ ئېلان قىلمىدى.

تۈركىيەنى ياخشى كۆرسەممۇ، تۈركلەردىن دوستلىرىم بولغان بولسىمۇ، شۇ كوچىلىرىدىكى مىڭلىغان ناتىۋان ئۇيغۇر سەۋەبلىك سۆيۈملۈك كۆرۈنىدىغان ئەلدىن ئايرىلىپ، ياۋروپاغا كەتتىم. كېتىش قارارىمغا سەۋەب بولغان ۋاسىتىلىك ئامىللار كۆپ، ماڭا تەسىر قىلغان ئەڭ مۇھىم ھادىسە ئەردوغاننىڭ تەسەررۇپىدىكى تۈركىيەدە يامرىغان خىتاي تەشۋىشى بولغان ئىدى. 2015

مەن خۇددى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2016-يىللاردىكىگە ئوخشاش، 2019-يىلىمۇ يەنە بىر قېتىم مەن ئىشلەشكە ئىلتىماس قىلغان يەنە بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىن رەت قىلىنغان بىر قارارنى ئالدىم.

مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلماسلىقتىكى سەۋەبى «بىز بىر دۆلەتكە مەنسۇپ ئورگان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىزنى قوبۇل قىلساق دۆلىتىمىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بىز بۇنداق تەۋەككۈلچىلىككە قارىماي سىزنى قوبۇل قىلالمايمىز» دېگەن جاۋاب كەلدى. بۇ جاۋابتىن كېيىن ھەر قېتىم «تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇسام ئەردوغاننىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى تۇتۇپ تۇرغان 90-يىللاردىكى ھالىتى ۋە «قەيەردىن قەيەرگە كەلدى تۈركىيە» دېگەن ناخشىنى مەغرۇر ئوقۇۋاتقان، ئۆزىنى قوللىغۇچى جامائەتكە ئوقۇتۇۋاتقان 2019-يىلدىكى ھالىتى كۆز ئالدىمدا سېلىشتۇرما بولۇپ كېلىۋالىدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.