ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى» نىڭ يېقىنقى سانىدا ژۇرنالىست لورادىننىڭ «ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدەك بولالامدۇ؟» ناملىق سىياسىي ئانالىزى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە يېقىندا مىسىردا چاقىرىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلەشمە ئەرەب ئارمىيىسى قۇرۇش پىلانى يىغىنى توغرىسىدا توختالغان.
ژۇرنالىست لورادىن ماقالىسىنى بۇ يىل 3-ئايدا مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شارم ئالشايك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمە كېڭەش يىغىنىنىڭ قارارىدىن باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر قاراردا ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان ئىچكى توقۇنۇشلارغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمە ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.
«سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسىنى قۇرۇشى، ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو كەبى بىرلەشمە ھەربىي قوشۇن بەرپا قىلىشى بولسا كېرەك» دەپ باھا بېرىدۇ ئاپتور ماقالىسىدە.
مىسىردا ئېچىلغان ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى قۇرۇش يىغىنىدا ئەرەب دۆلەتلىرى كۆپلىگەن بەس -مۇنازىرىلەردىن كېيىن، يىغىننىڭ قارارى بويىچە بىرلەشمە ئارمىيە باش ئىشتابىنى رىياد ۋە قاھىرەدە قۇرۇشنى، قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىرىق مىڭ كىشىلىك ئەسكەرىي قوشۇن ھازىرلاشنى ماقۇللىغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسمى مىسىر ئارمىيەسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، سەۋەبى مىسىر بەش يۈز مىڭدىن ئوشۇق ئەسكەرىي كۈچىگە ئىگە ئىكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە، ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى قۇرۇش يىغىنىنىڭ ساھىپخانى بولغان مىسىر پرېزىدېنتى ئابدېل فاتتاھ ئەل-سىسى ئۆزىنىڭ ھەربىي قوماندانلىقىدىن پايدىلىنىپ يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرلىكتە يەمەنگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ يىل 2-ئايدا لىۋىيەدە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 21 نەپەر مىسىرلىقنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن قاھىرەنىڭ لىۋىيەگە قارىتا ھەربىي ھۇجۇم ئېلىپ بارغانلىقىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتكەن.
مىسىر ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەسكەرىي سانى ھەممىدىن كۆپ دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ھەربىي خىراجەت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسىگە كۆپلەپ ئەسكەر قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ماقالىدە، ئامېرىكىلىق ھەربىي سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىس روبېرتنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرچە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كۈچلۈك ھاۋا ئارمىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئىش كۆرمەكچى ئىكەن، يېقىن كەلگۈسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا ئارمىيە كۈچى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ كۈچىگە يېتىپ قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىكەن.
«ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيە قۇرۇش پىلانىغا تارىختىن نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بۇ خىل بىرلەشمە قوشۇن قۇرۇشى ناھايىتى تەس گەپ. ئەرەبلەرنىڭ بۇ شېرىن چۈشى ئاللىقاچان يوققا چىققان بولۇپ، 1948-يىلى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا بەش ئەرەب دۆلىتى ئىسرائىلىيە بىلەن جەڭ قىلغان. نەتىجىدە ئۇرۇش ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ غەلىبىسى، ئەرەبلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان. سەۋەبى ئۇرۇشتا ئەرەب دۆلەتلىرى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشالمىغان» دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىدە.
ئامېرىكىلىق ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىسى بروسنىڭ قارىشىچە، مىسىر تارىختا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قوشنا ئەللەرگە كۆپ قېتىم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ، يەمەننى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنى بېسىۋېلىش نىيىتىدە بولغان. شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرى مىسىر ئارمىيىسىنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا قايتا پەيدا بولۇشىنى خالاپ كەتمەيدىكەن.
تەتقىقاتچى بروسنىڭ ئېيتىشىچە، 2013-يىلى مىسىر ھاكىمىيىتىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە، سابىق پرېزىدېنت مۇرسىنى سەئۇدى ئەرەبىستان،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللىغان ۋە ياردەمدە بولغان. بىراق، قاتار مىسىردىكى سىياسىي چوڭ پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» تەرەپدارى بولغان. ئەمما يېڭىدىن قۇرۇلغان مىسىر ھۆكۈمىتى، بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان. مانا يۇقىرىقىدەك ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشلار تۈپەيلىدىن ئەرەب دۆلەتلىرىدە بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك خاھىشى مەۋجۇت دەپ قارىلىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسىنى قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلىشىنى بەزىبىر سىياسىي تەھلىلچىلەر، بۇ، ئامېرىكا ئۈچۈن بېرىلىۋاتقان سىگنال دەپ قارايدىكەن شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرى يېقىندىن بۇيان ئاقساراينىڭ ئىران بىلەن بەزى مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىدىن ئانچە خۇرسەن ئەمەس ئىكەن.
ئامېرىكىلىق سىياسىي ئانالىزچى بۆكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى بەزى ئەمەلدارلار ئەرەب بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، بەزى ئەمەلدارلار:«ئەگەر ئەرەب بىرلەشمە قوشۇنى ئوتتۇرا شەرقتە ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتسە، ئەلۋەتتە ئىران بۇنىڭغا قارشى چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا ئەرەب دۆلەتلىرى بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دەپ قارايدىكەن.
ماقالىدە، بۇ يىلدىن باشلاپ خەلقئارا قورال بازىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ھەربىي قوراللارنى سېتىۋالغانلىقى ئەسكەرتىلكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى يۈكى خانىم ئەرەب بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا توقۇنۇشى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىدىكى شىئەلەر بىلەن سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ كۈرىشى، بۇ خىل ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلەشمە ئارمىيە قۇرۇپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتودەك بولۇشى تولىمۇ تەس دەپ قارايمەن.»
يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.