ئەنگلىيەدىكى ئوتتۇرا شەرق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور ناسىر يېقىندا ئېلان قىلغان كىتابىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەسىلىدە جىم تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ، بۇ قاراشلارنى ئەنگلىيە دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خىتاي-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ كىتابىدا يەنە، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى مەزكۇر كىتابىدىكى «خىتاي-سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكتور ناسىر ماقالىسىدە 1990-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى پەن جىپىڭنىڭ ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسى ئوتتۇرىسىنى بازا قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى، شۇنداقلا پەن جىپىڭ ئىلگىرى سۈرگەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى جۇڭگوغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ» دېگەن، قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن خەلقئارا ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ دەرھال شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا «تېررور» ماركىسىنى چاپلاپ، 2010-يىلى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۇ يەنە، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنكى دۇنيانىڭ مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتىن تولۇق پايدىلانغان خىتاي دۆلىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىداش بولغان ئافغانىستان مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى بىلەن تەڭ ئىسلام ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەردە سەگەك بولۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ناسىر ماقالىسىدە، چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئەل قائىدە تەشكىلاتى بىلەن باغلاپ ئۇنىڭغا «تېررور» قالپىقى كىيدۈرۈش ۋە ئۇنى خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئاتاشنى خىتاي دۆلىتى ئامېرىكىغا زاكاز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلار قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن شۇنداقلا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈش ۋە بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن 2015-يىلغىچە ئۈچ يۈز مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە 2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەر، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارمۇ ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.
2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى ئاپتور «1949-يىلىدىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەڭ زور كۈچىنى نامايان قىلغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى» ۋە شۇنداقلا «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ زور توپىلاڭ» دەپ كۆرسەتكەن.
ئاپتور ماقالىدە يەنە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى توختاپ قالماستىن بەلكى 2011-يىلىدىن باشلاپ يەنە يېڭىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ھەل قىلغۇسىز دەرىجىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىۋالغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئوتتۇرا شەرق مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ناسىر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدە مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بۇ توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلغان: مۇسۇلمان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىدىكى سەۋەب، ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ سودا شېرىكلىرىگە ئۆلچەم قىلىپ قويغان «ھەمشېرىك دۆلەتلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» سىياسىتىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقتىن بولۇۋاتىدۇ. رىياد بىلەن تېھران ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە جىمجىت تۇرۇۋالدى. «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىزمغا باغلاپ باستۇرۇشى ۋە شۇنداقلا 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ھاكىمىيىتى نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ يۈزلەرچە ئىنسانلارنى ئۆلتۈردى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالدى. ھەتتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرى، مۇفتىلىرىمۇ خىتايغا قارشى ھېچقانداق دىنىي پەتىۋالارنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. ئەرەب بىرلىكى تەشكىلاتى، ئىسلام دۆلەتلىرى، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ بۇ مەسىلىدە گاچا بولۇۋالدى. بەلكىم ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كېيىن كىچىككەن ۋە ئاجىز ھالدا ئىنكاس قايتۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
دوكتور ناسىر ماقالىسىدە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە ئىسلام ئەللىرى خىتاي دۆلىتىگە ئىنكاس قايتۇرماي سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان بىر پەيتتە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان مەشھۇر ئۆلىما كۇۋەيتلىك ھەمد ئەل-ئەلىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بايانات ئېلان قىلىپ «ئەگەر خىتاي دۆلىتى ئىسلام ئەللىرىدىن تىنچلىق تەلەپ قىلسا، ئۇنداقتا خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن سۆزىنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان كۇۋەيتلىك ئۆلىما ھەمد ئەل-ئەلى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
مۇتەخەسسىس دوكتور ناسىر ماقالىسىنى كۇۋەيتلىك مەشھۇر ئۆلىما، پائالىيەتچى ھەمد ئەل-ئەلىنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان نۇتۇقنى بايان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، ھەمد ئەل-ئەلىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: بۈگۈن بىز قىيىن ئەھۋالدا قالغان خىتاينىڭ بېسىمىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى. بىز ئۆز خەلقىمىز نامىدىن خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىغا، ئېتنىك كەمسىتىشىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك.
مۇتەخەسسىس ناسىر ئوتتۇرا شەرق ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان سىياسىي-ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى.