خىتاي نېمە ئۈچۈن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى نىشانغا ئالىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھەر قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىپ بېسىمغا دۇچ كەلگەندە، خەلقئارالىق ئاخباراتنىڭ بومبارىمانىدا جىنايىتى ئاشكارىلانغاندا ۋە بۇنىڭغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەندە ئالدى بىلەن ئەركىن ئاسىيانى نىشانغا ئالىدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى قارىلاش، ئالۋاستىلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى جىنايەتلەشتۈرۈشتە دائىم ئۈسسۈيدىغان تام بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە بۇ «تام» نى قوپۇرغان ۋە تىرەپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇخبىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى دائىملىق ھۇجۇملارنىڭ قۇربانلىرىدۇر.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى 1996-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ خىتاي ئۇ چاغدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئېتىرازدا بولمىغان. ئۇ چاغدا رادىئو تىبەتچە ۋە خىتايچە ئاڭلىتىش بېرەتتى. ئاڭلىتىش سائىتى پۈتۈن كۈنلۈك ئىدى. ئۇندىن كېيىن ئەركىن ئاسىياغا گۇاڭدوڭچە قوشۇلدى. 1998-يىلى دېكابىردا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش يولغا قويۇلدى. ئاڭلىتىش ۋاقتى پەقەتلا يېرىم سائەت بولغانىدى. خىتاي شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. بىراق خىىتاينىڭ نارازىلىقى كارغا كەلمىدى ۋە 2001-يىلى بىر سائەتكە كۆپەيتىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنى دۈشمەنلىك تىزىملىكىگە تىزىپ ۋەتەندە ئاڭلىغۇچىلارنى جازالىدى، ئالاقە قىلغانلارنى قولغا ئالدى، زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلارنى تۇتقۇن قىلدى. ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ گۇمانلىق كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ھەتتا تۇتقۇن قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا نىشان بولغانلار مەمەتجان جۈمە بىلەن مۇخبىر شۆھرەت ھوشۇر بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن كىشىلەر تۇتقۇن قىلىندى. مەسىلەن، 2009-يىلى بەشىنچى ئىيۇل كۈنى بولغان نامايىشتىن كېيىن مەمەتجان جۈمەنىڭ ئۈچ ئىنىسى تۇتقۇن قىلىندى. شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بىر ئىنىسى تۇتۇلۇپ جازالاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن ئاسىياغا قىلغان ھۇجۇم قىلىشى تۇنجى قېتىم ئەڭ ساختىكار تۈس ئالغان ۋاقتى 2009-يىلى تومۇزدا بولدى. خىتاي ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى «بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسى» نى پەيدا قىلغۇچى، كۈشكۈرتكۈچى ۋە ئۇلغايتقۇچى دەپ تۆھمەت قىلدى. خىتاي مۇخبىر شۆھرەت ھوشۇرنى باش قۇتراتقۇ قاتارىغا تىزىپ ئۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل رەھبىرى دەپ ئاتىدى. ئەمەلىيەتتە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خادىملىرىغا ھېچ قانداق تەشكىلاتقا قاتناشماسلىق شەرتى قويۇلىدۇ. رادىيو مۇخبىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولسا، رەھبەرلىك قىلسا ئۇلارنىڭ بىتەرەپ مۇخبىرلىق سالاھىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

خىتاي ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا قىلغان ھۇجۇمنى ئ‍ەڭ ئەتراپلىق، ئومۇميۈزلۈك ۋە غالجىرلارچە قىلغان ۋاقتى 2017-يىلدىن كېيىن بولدى. بۇ قېتىملىق قارا-قويۇق تۇتقۇندا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ئون نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلدىن كېيىنكى بولۇپمۇ 2014-يىلدىن بۇيانقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا يېڭىدىن ئەيىبلەشلەر ئۈزۈلمىدى. سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەرگەندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى يېڭىلىقتا خىتاي ئەركىن ئاسىيانىڭ مۇخبىرىنى تېررورلۇققا چاتتى. يەنى مۇخبىر گۈلچېھرە قەيۇمغا ئەنە شۇنداق تۆھمەت قىلدى.

خىتاينىڭ مەزكۇر رادىيونى 2009-يىلدىن كېيىن بىر قانچە قېتىم ئۆزى تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىگە خەتلىۋالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات سەھنىسى دەپ قاراپ قارا چاپلىغانىدى.

خىتاينىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى ھەر خىل مەزمۇندا ئەيىبلىشى ۋە مۇخبىرىنى تېررورلۇققا باغلىشى ئادەتتىكى ھەرىكەت ئەمەس، بۇنىڭ كەينىگە ئۇيغۇرنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر غايەت زور قارا نىيەت يوشۇرۇنغان. خىتاينىڭ بۇرۇنقىدەك ئۇيغۇرنى مىللىي بۆلگۈنچى دېمەي پەقەتلا تېررورچى دەپ ئېلىشىغا، ئۇيغۇرنىڭ قۇرماقچى بولغان دۆلىتىنىمۇ خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان «خەلىپىلىك» دەپ تەسۋىرلىشىگىمۇ ئاجايىپ بىر شۇملۇق يوشۇرۇنغان. خىتاينىڭ تېبابەت دوكتورى خالمۇرات غوپۇرنى «خەلىپىلىك قۇرماقچى بولغان» دېگەن تۆھمىتى ۋە بۇ ھەقتە ئىشلىگەن تەشۋىقات فىلىمى بىلەن خىتاينىڭ يېقىندا تارقاتقان «يوشۇرۇن ئېقىن» دېگەن فىلىمىدا شىرزات ياقۇپنى خەلىپىلىك قۇرماقچى بولغان دېگەن بوھتاننى كۆتۈرۈپ چىقىشىمۇ يۇقىرىقى قاراشنى دەلىللەيدۇ.

خىتاي ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈك ئارزۇسىنى، مۇستەقىللىق تەلىپىنى، ئەركىنلىك چۇقانلىرىنى ئوتتۇرا شەرقنى قالايمىقان قىلغان ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق نەپرىتىگە قالغان خەلىپىلىككە باغلىماقچى. خىتاي ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرچە قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى جىھاتلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرنىڭ قۇرماقچى بولغان مىللىي جۇمھۇرىيىتىنى دىنيلەشتۈرۈپ بارلىق ھەرىكەتلەرنى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى» دەپ قارىلىشى، مۇخبىرلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى بۇرۇنقى بارلىق ئەيىبلەشلەرنىڭ خۇلاسىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئىسپاتلىنىشى، يەنى ئۇيغۇرنى خەلقئارا تېررورىزمغا باغلاپ مەۋجۇتلۇقتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىشتۇر.

خىتاي ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خادىملىرىنى تېرروچىلىققا باغلاش ئارقىلىق دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قارشى تېررورچى كۈچلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت سالغۇچى تېررورلۇق گۇرۇھى قالپقىنى كىيدۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاشتۇرۇش، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دۇنياغا ھەقلىق كۆرسەتمەكچى. خىتاي ئۇيغۇرنى ئىسلام ئاشقۇنلىقى بىلەن ئەيىبلەپ قىلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئوتتۇرا شەرقتە يوقىتىلغان ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق كۈچلىرىگە قارشى خەلقئارالىق كۈرەشنىڭ بىر شەكلىگە ئوخشاتماقچى.

خىتاي ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇقتا ئەيىبلەش ئارقىلىق خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكانى «تېررورلۇققا ياردەم بەرگۈچى، قوللىغۇچى ۋە كۈشكۈرتكۈچى» قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆزىگە دۇنيادىكى ئامېرىكاغا قارشى كۈچلەردىن دوست تارتماقچى، تاپماقچى بولۇشى مۇمكىن.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.