ئەركىن ئەكرەم: «مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قوغداپ قېلىشتا خەلقئارا ۋە خىتاي قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەك»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغان پەيتتە كورونا ۋىرۇسىنىڭ چىقىشى بىلەن بۇ مەسىلە دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قالدى. بۇنداق بىر پەيتتە نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ راستىنلا ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالاشتىمۇ؟ بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دۇنيا ۋەزىيىتى تېزلا ئۆزگەرمەكتە. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«بۈگۈنكى خەلقئارا ۋەزىيەت بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۆزگەردى، بولۇپمۇ سىياسىي، ئىقتىسادىي، خەۋپسىزلىك ھەتتا مۇداپىئە جەھەتتىنمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. خەلقئارادىكى سىياسىي تەڭپۇڭلۇقلاردىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە قۇرۇپ چىققان خەلقئارا تۈزۈم ۋە بۇ تۈزۈمنى قوغدايدىغان بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل يېڭى يۈكسىلىۋاتقان خىتاي دۇنيادىكى تەڭپۇڭلۇقلارنى بۇزۇشقا باشلىدى. بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغاندىن كېيىن يېڭىسى قۇرۇلۇشى كېرەك. لېكىن ھازىر كونىسى بۇزۇلۇپ يېڭىسى قۇرۇلۇپ بولمىغان بىر دەۋرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغىمۇ پايدىلىق تەرىپى بار. بۇنداق بىر پەيتتە يۈكسىلىۋاتقان خىتايغا بىرىنچى بولۇپ قارشى چىقىدىغان دۆلەت دۇنيانى سوراۋاتقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرىمۇ خىتايغا قارشى چىقىدۇ. بۇلاردىن سىرت خىتاي بىلەن تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىددىيىتى بار دۆلەتلەرمۇ خىتايغا قارشى چىقىدۇ. يەنە بىرى غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك ئوخشىماسلىقلار ۋە قىممەت قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشمۇ كۈچىيىدۇ. قىسقىسى خىتاينىڭ يۈكسىلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ يۈكسىلىۋاتىدۇ. "

«دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سىز 2003-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يېزىپ بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك پىلانىڭىزدا، بىرىنچى باسقۇچتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارالىشىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن ئىدىڭىز. ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيادا بىلىنىپ بولدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالاشتى دېگىلى بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۈگۈنكى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق 2018-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا سىياسەتنىڭ مەركىزىگە كۆتۈرۈلگەن بولدى. پۈتۈن دۇنيا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ بارلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دەپ دۇنيا ئىككىگە بۆلۈندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتاينى ئەيىبلىدى. شەرق دۆلەتلىرى خىتاينى قوللاپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توغرا دېيىشىپ بەردى. بۇ خىل ئەھۋال پەلەستىن مەسىلىسىدە، شەرقىي تېمۇر مەسىلىسىدە، روھىنگا مەسىلىلىرىدە بۇنداق بولۇپ باقمىدى. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10-يىلىدا دۇنيادىكى بارلىق چوڭ گېزىتلەر شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا خەۋەر، ئوبزور ۋە ئانالىز ماقالىلەر يازدى، يەنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيانىڭ چوقىسىغا چىققان بولدى».

«ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى دەۋاتىسىز؟ كورونا ۋىرۇسى چىققاندىن كېيىن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قالدى؟ بۇنداق بىر ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

««ھەر قانداق بىر نەرسە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن پەسكە قاراپمۇ تۆۋەنلەيدۇ. مۇشۇ تۆۋەنگە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بەزى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش كېرەك. كورونا ۋىرۇسى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن دۇنيادا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئۆزگىرىشتىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قېلىشى بولدى. ئەمدى بۇنداق بىر پەيتتە نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەك؟ دېسىڭىز. 2003-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈچۈن تەييارلانغان ئىستراتېگىيەلىك پىلاننىڭ بىرىنچى باسقۇچى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئىدى. يۇقىرىدا مەن دەپ ئۆتكەندەك بۇ ئەمەلگە ئاشقان بولدى».

«ئۇنداقتا 2-باسقۇچتا ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىش ئەمدى پەقەت پائالىيەتلا ئەمەس كۆپرەك دىپلوماتىيە ۋە باشقا ساھەلەردە ئىشلارنى قىلىش كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار كۆپرەك دىپلوماتىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. بۇنىڭدا چوڭ دۆلەتلەرنى خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قايىل قىلىش. ئۇيغۇرلار خەلقئارادا ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشى ئۈچۈن ھەر ساھەدە يېتىشكەن ئىختىساسلىق ئادەملىرى بولۇشى كېرەك. بۇ كىشىلەر قايىل قىلالايدۇ. ئىككىنچى قىلىدىغان ئىش قانۇن مەسىلىسى. يەنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قوغداپ قېلىش خەلقئارا قانۇن، ياۋروپا بىرلىكى قانۇنى، خىتاي قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەك. بۇلار يېتەرلىك بولماي قالسا باشقا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشقا قايىل قىلىش كېرەك. بۇ دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى قوغداپ قېلىش توغرىسىدا قانۇن چىقارغۇزۇش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش ئىنتايىن مۇھىم. ئۈچىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش بولسا مەدەنىيەت جەھەتتىن خىزمەت قىلىش. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان مىللەت ئىكەنلىكىنى، بۇ مىللەتنىڭ قوغداپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاڭلىتىش كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە تارىخ كىتابى يېزىش كېرەك. ئۇيغۇر كىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەر ساھەدىكى كىتابلارنى يېزىش كېرەك. بۇنىڭ بەزىلىرىنى چەتئەللىكلەر يېزىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارمۇ يازسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

«ئۈچىنچى باسقۇچقا ئۆتۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى. ئۈچىنچى باسقۇچنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بەزى كومىتېت ۋە مەركەزلەرنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى مىللىي مەجلىسنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىلمىي سىياسەت ئېلىپ بېرىشقا ئۆتۈش كېرەك دەپ ئويلايمەن.