ئەركىنلىك سارىيى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ دېموكراتىيە تەرەققىيات ئەھۋالىغا باھا بەردى

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان 2013-يىللىق «ئۆزگىرىش ئىچىدىكى دۆلەتلەر» ناملىق يىللىق دوكلاتىدا ياۋرو-ئاسىيا جۇغراپىيىسى ئورۇن ئالغان، بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيىلىشىش ۋەزىيىتى ئانالىز قىلىنغان.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتكۈل رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رايوندىكى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەر ئۆزىنىڭ دىكتاتور رېجىمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلار ئوتتۇرا شەرقتە داۋام قىلىۋاتقان دېموكراتىيەلىك ھەرىكەتلەرگە ئىنكاس سۈپىتىدە، ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى قارشى پىكىرلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىش، دىنى زات ياكى دىنى تەشكىلاتلارنى باستۇرۇش، ئۆكتىچى يازغۇچىلار، ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەر ۋە ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەن. يەنە رايون دۆلەتلىرىدە ئاخباراتنىڭ ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىمۇ كۆرۈلگەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ قارىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەردە دىكتاتورىلىقنىڭ ئېشىپ بېرىشىنى رۇسىيەنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىكەن. چۈنكى رۇسىيە بۇ جەھەتتە ھەم ئاۋانگارتلىق رولى ھەم بىر مودېللىق رولى ئوينىغان.

دوكلاتتا بۇ رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئايرىم -ئايرىم چۈشەنچىلەر بېرىپ ئۆتۈلگەن. ئۇنىڭ، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا ھەم قېرىنداش ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەرگە ئائىت قىسمىدا قىرغىزىستاندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بىردەك چېكىنىش بولغانلىقى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بارغانسېرى ھاكىممۇتلەقلىققە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا «قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە دۆلەت ئىچىدە ھاكىمىيەتكە تەھدىت دەپ قارىغان ئۇنسۇرلارنى تەقىب قىلىپ باستۇرۇشنى كۈچەيتتى» دېيىلگەن.
ئۇنىڭدا قازاق ھۆكۈمىتىنىڭ 2012-يىلى ئىچىدە ئومۇم ۋە ياكى بىر شەخسكە تەسىر قىلىش ئارقىلىق، قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغان بىر قانۇننى بېكىتىش ئارقىلىق ئۆكتىچى كۈچلەر، سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە، نامايىشچى ۋە ئەرزدارلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان بولسا بۇ ئەللەر ئىچىدىكى ئەڭ ناچارلىرى بولۇپ، بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى قاتتىق دىكتاتور تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇپ، ھېچقانداق بىر سىياسىي ۋە ياكى ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويماي كەلگەندىن سىرت، دىنى زاتلار ۋە دىنى تەشكىلاتلارغىمۇ قاتتىق زەربە بەرگەن.

دوكلاتتا، قىرغىزىستان بۇ ئەللەر ئىچىدىكى دېموكراتىيە ئاز بولسۇن ئىلگىرىلەۋاتقان ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىر قەدەر ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بىر دۆلەت، دەپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى خەلقلەرنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرى بىر قەدەر كېڭەيگەن.

يۇقىرىدىكى ئەللەر ئۇيغۇر ئېلىگە ھەم قوشنا ھەم قېرىنداش دۆلەت بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. بۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ ئەلۋەتتە بۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىز مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى، قىرغىزىستان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى دىلمۇرات ئەكبەروۋ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ قىرغىزىستان ۋە باشقا قوشنا ئەللەرنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلەپ ئۆتتى. دىلمۇرات ئەپەندى گەرچە قىرغىزىستاندا دوكلاتتا دېيىلگەندەك باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قارىغاندا بىر قەدەر ئەركىنلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستانغا قىلىۋاتقان بېسىمى سەۋەبلىك سىياسىي جەھەتتىن بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ ئەللەر بىلەن كەڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىمۇ بىر پاكىت. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە دېموكراتىيىلىشىش باسقۇچىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتۈشىنىڭ شۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى مەمنۇن قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەيمىچىلىكىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.