ئەركىنلىك سارىيى: «خىتاينىڭ دىگىتال ئىستىبداتلىقى دۇنياغا تەھدىت سالماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.11.01
kamera-kocha-tekshurush.jpg كوچىدىكى تۆرۈككە بېكىتىلگەن كۆزىتىش كامېرالىرى. 2014-يىلى 16-ئىيۇل، كۇچا.
AP

خىتاي ھۆكۈمىتى دىگىتال تەقىبلەش سىستېمىسى ئارقىلىق جەمئىيەت ۋە شەخسلەرنىڭ پائالىيىتى، ئۇلارنىڭ ئوي پىكىرىنى تەقىبلەشنى ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىناق قىلغان. ئاندىن ئۇنى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيتىشكە باشلىغان ئىدى. نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بۇ خىل دىگىتال ئىستىبداتلىق مودېلىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈن بىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» 1‏-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان «دىگىتال ئىستىبداتلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى: ساختا خەۋەرلەر، ئۇچۇر ئامبىرى ۋە دېموكراتىيە دۇچ كەلگەن خىرىس» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ دىگىتال تەقىبلەش مودېلىنى ئۈلگە ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇنىڭ نەتىجىسى تور ئەركىنلىكىنىڭ بۇ يىل دۇنيا مىقياسىدا داۋاملىق تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دېموكراتىك جەمئىيەتلەر تور دۇنياسىدىكى خەتەرلىك مۇداخىلىنىڭ خىرىسىغا قارشى رىقابەتلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بېيجىڭ رەھبەرلىرى دىگىتال تاراتقۇلار ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاي 2018‏-يىلى يەنە بىر قېتىم تور ئەركىنلىكىگە ئەڭ قاتتىق خىلاپلىق قىلغان دۆلەتكە ئايلاندى. ئۇ ئۆتكەن بىر يىلدا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنى 2-3 ھەپتىلىك لېكسىيەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ چەكلەش، تەقىبلەش سىستېمىسىنى كېڭەيتىشكە كىرىشتى.»

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ تورنى كونترول قىلىشى 2018‏-يىلى ئۇنىڭ «تور بىخەتەرلىك قانۇنى» نى چىقىرىشى، تەقىبلەش تېخنىكىسىنى يېڭىلىشى بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ رەئىسى مايكېل ئابراموۋىتىز خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى دىگىتال ئىستىبداتلىق مودېلىنى چەتئەلگە ئېكسپورت قىلىشى ئۇلار جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. مايكېل ئابروموۋىتىز مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ دىگىتال ئىستىبداتلىقنى ئېكسپورت قىلىشتىكى رولى بىزنىڭ تور ئەركىنلىكى دوكلاتىمىزدا يورۇتۇلغان ئاساسلىقى مەسىلە. بىز خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنى باستۇرۇشتىكى رولىدىن ئەندىشە قىلىپلا قالماي، بىز يەنە ئۇنىڭ دىگىتال ئىستىبداتلىقنى چېگرا سىرتىغا ئېكسپورت قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز. بىز ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭ چەتئەلدىكىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشلىرىغا، بۇنىڭ ھازىرقى خىتاي رەھبىرىدىن باشلاپ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ كەلدۇق.» ئابروموۋىتىز بۇ سۆزلەرنى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇلۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى تەقىبلەش تەدبىرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەڭ چۆچۈتەرلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتى بولغان غەربتىكى شىنجاڭدا يۈز تونۇش تېخنىكىسى ۋە باشقا ئىلغار تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر يەرلىك ئاھالىلەرنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىپ، ھەرقانداق بىر ھەرىكەت ئاممىۋى تەرتىپكە ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق دەپ قارىلىپ كەلدى. بۇ يىل 8‏-ئايدا ئاشكارىلانغان ماتېرىياللار ۋە باشقا دەلىللەر بىر مىليوندەك مۇسۇلماننىڭ بۇ رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، قايتا تەربىيەلىنىش ئارقىلىق مېڭە يۇيۇشقا تۇتۇلغانلىقى، نۇرغۇن تۇتقۇنلارنىڭ پەقەت توردىكى پائالىيىتى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.»

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ خىل دىگىتال مۇستەبىتلىك مودېلىنى چېگرا سىرتىغا كېڭەيتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك ئىكەن. دوكلاتتا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تور ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار قانۇن ۋە مەشغۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ھەرقانداق سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات پروگراممىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تەسىرىنى ئويلىشىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان كارخانىلارنى جازالىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدەك جايلارنى بىلىپ تۇرۇپ تەقىبلەش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن كارخانىلارغا ئىقتىسادى جازا بېرىلىشىنى، ئامېرىكىدا «يە شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى» نىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلمىغان ھەرقانداق شىركەتنى جازالاشقا يول قويىدىغانلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەۋجۇت قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشى ياكى يېڭى قانۇنلارنى چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇكنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر «ماگنىتىسكىي قانۇنى» ۋە دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدىكى قەدەم دۇنيانىڭ تەدبىر قوللىنىشىدا قالدى. بۇرۇنقى ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئەلۋەتتە ئامېرىكىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى خورلاشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇش، جازالاش مۇنازىرە قىلىنماقتا. مەن ئەنگلىيەدىمۇ بۇ مۇنازىرە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بىراق ئەنگلىيەدە ئامېرىكىنىڭ ‹يە شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى› غا ئوخشاش قانۇنىنىڭ بار يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلارغا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش، ئۇلارنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىق چەكلىمىلەرنى قويۇش يوشۇرۇن كۈچى بار. شۇڭا، ئەنگلىيەدەك دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈمىتى خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانلىرىنى بىكار قىلالايدۇ.»

ساراھ كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل ئېمبارگو يەنە خىتاي كارخانىلىرىغا قارىتىلىشى كېرەك. بۇ خىل چەكلىمە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئۇنى ئويلىشىپ ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ساراھ كۇك مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەقىبلەش ھەرىكەتلىرىدە خورلاش قىلمىشلىرىدا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇ بىز دىققەت قىلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە. ئەگەر بىز بۇنداق ئېمبارگو ۋە جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللانساق بۇنىڭ ئىقتىسادى زىيىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيەسىگە تەسىر قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا زىيان سالىدۇ.»

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، «ئەركىنلىك سارىيى» بۇ قېتىم دۇنيادىكى 65 دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىلقى تور ئەركىنلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، خىتاينى بۇ جەھەتتىكى «ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەت» دەپ بېكىتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.