خىتاي ۋەكىللىرى ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قوش تىللىق مائارىپ يىغىنلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن تىركەشتى
2013.11.29
27 - نويابىر كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى يىغىن بىلەن 28 - نويابىر كۈنىدىكى قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ سوئال سورىشىنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىدى. ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاي ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سۆز قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان.
يىغىنغا رىياسەتچىلىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئەلچى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇلارنى توسۇشىغا يول قويمىغان. ھەتتا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ۋە ب د ت دە ئىشلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنى قوللاپ سۆز قىلغان. 27 - نويابىر كۈنى ب د ت بىناسىدا چاقىرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى يىغىنغا 40 مۇتەخەسسىس، 60 ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بىلەن باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف قاتناشقان. ب د ت دا خىتاي ۋەكىللەر ئۇيغۇرلارنى 4 قېتىم توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ توسالمىغان. بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلەردىن قاتتىق بىئارام ئىكەن.