خىتاي دائىرىلىرى 2004-يىلىدىن بۇيان «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىش» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلاردا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بولسا، يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ بۇ يىل يېزىلاردىكى «ئارتۇق ئەمگەكچىلەر» نى ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، رايون ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى مەلۇم.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل ئاپرېل قەشقەر، خوتەندىن 40 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە يەكەن ناھىيەسىدىن 5000 كىشىنى شىمالىي ۋە شەرقىي ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەرگە ئاپىرىپ، شەھەر مۇھىت تازىلىقى ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن 10 مىڭ كىشىنى دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن 25 مىڭ كىشىنى رايون ئىچىدىكى جايلار، بىڭتۇەن كارخانىلىرى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان.
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېزىلىرىدىكى 1 مىليون 475 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ 56.7% تىنى تاماملىغان. 12 مىڭ 588 كىشىنى تولۇق شتات بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىنىڭ 62.9% تىنى تاماملىغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە دائىرىلەر «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» دەپ ئاتىغان بۇ سىياسەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دائىرىلەر نامرات ئائىلىلەر، خىتاي تىلى بىلىدىغانلار، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ئىشلەمچىلەرنى ئالدىن تاللاشنى سىرتقا چىقىرىدىغان ئەمگەكچىلەرنى تاللاش پرىنسىپى قىلىپ بېكىتكەن.
ئاڭلىغۇچىلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ كەينىدە بىر چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش بارلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ياكى خىتايلار مەبلەغ سالغان رايوندىكى زاۋۇتلارغا 2، 3 مىڭ سوم بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ كارخانىلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر مىللىي ۋە ئىقتىسادىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇنداق مۇلاھىزىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ ئاساسسىز ئەمەس.
ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئادەتتىكى تېخنىك ئىشچىلارنىڭ مائاشى 4 مىڭ سومدىن يۇقىرى، ئوقۇتقۇچى، ساقچى ۋە باشقا مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ بولسا 6 مىڭ سومدىن 10 مىڭ سومغا قەدەر بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلاردىن ئوخشاش خىزمەت ئورۇنغا، ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئاساسەن ئىككى، ئۈچ ھەسسە تۆۋەن مائاش بېكىتىلمەكتە.
بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلار رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى بىرى قىسىم خەۋەرلىرىدىمۇ دەلىللەنگەن ئىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە بۇ يىل 2-ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرى بويىچە، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشى جەريانىدا شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى، بولۇپمۇ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەك بويىچە ئىشلىتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاساسەن خوتەن قەشقەردىن يۆتكەشنى ئاساس قىلغانلىقى، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ھەتتا ھەر مىللەت ئىشچىلىرى بىللە يەپ بىللە يېتىپ بىللە ئىشلەيدىغان شەكىللەرنى قوللانغانلىقى مەلۇم.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى رايوندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باشقا سىياسەتلەر بىلەن باغلاپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.
بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ بىر ھەق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان، خىتاينىڭ ھەر تەرەپتىن باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئەرزان ئىش ھەققى بىلەن قىسمەن ئۇيغۇرلارنى رايون ئىچىدىكى تۆۋەن تېخنىكىلىق ئىشلارغا، خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، بۇ خىل سىياسەت ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ زاۋۇت-كارخانىلىرىدا ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغان خىتايلار بىلەن ئوخشاش مۇھىتتا، بىللە ئىشلەش، بىللە ياشاش، بىللە يەپ-ئىچىشكە، ئۆز ئېتىقادى ۋە ئۈرۈپ ئادەتلىرىدىن كېچىشكە مەجبۇر قىلىپ، ئاخىرى ئۇلارنى ئېرىتىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، سىڭدۈرۈپ تۈگىتىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدىكەن.
0:00 / 0:00