گاۋ بونىڭ مەھمۇد كاشغەرىنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىش سەپسەتەسىگە جاۋاب

0:00 / 0:00

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى گاۋ بو، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر قىسمى) نىڭ 2019-يىللىق 1-سانىدا «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› نىڭ ئاپتورى ھەمدە ئۇنىڭ مازىرى ھەققىدىكى گۇمان ۋە ئويلىنىشلار» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئىنسانلار جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، يۈزلىگەن ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئاشۇ قارا كۈنلەردە ئېلان قىلىنغان بۇ «ماقالە»دە، گاۋ بو «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مىللەت تەۋەلىكىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى، شۇنداقلا قەشقەر ئوپالدىكى «ھەزرەتى موللام مازارى» نىڭمۇ مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ مازىرى بولۇشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

گاۋ بونىڭ بۇ ماقالىسى چەت ئەللەردىكى تۈركولوگلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئىنكاس پەيدا قىلمىغان. بەلكىم ئۇلار بۇنى خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىن بىرى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ھاجەتسىز دېگەن بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان گاۋ بو ۋە ئۇنىڭ ئىلىمغا زىت بولغان بۇ يازمىسى، خىتاي ئۈچۈن دەستەك بولۇپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئوپالدىكى مازىرىغا تىكلەنگەن ھەيكىلىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقى ئۇلۇغلاپ كەلگەن بۇ مازارنى ئادەتتىكى بىر باغچىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.

ئۇنداقتا، ئاتالمىش «تەتقىقاتچى» گاۋ بو قايسى دەلىل ئىسپاتلىرىغا تايىنىپ، مەھمۇد كاشىغەرىينى «ئۇيغۇر ئەمەس» دېيىشكە جۈرئەت قىلغان؟ ئۇنىڭ بۇ خىل گۇمان ۋە سەپسەتەلىرىنىڭ ئارقىسىغا قانداق مەقسەت مۇددىئالار يوشۇرۇنغان؟ ئۇ زادى نېمە دېمەكچى؟

ئەگەر ئۇنىڭدا زەررىچە ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە كەسپىي ئەخلاق تۇيغۇسى بولغان بولسا ئىدى، ئۇ 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى مەخسۇس مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› دىكى قوشاقلار ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات» ناملىق تەتقىقات تۈرىنى بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ تاشلايدىغان يامان غەرەز بىلەن ئاخىرلاشتۇرمىغان بولاتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 11-ئەسىردە يېزىپ تاماملانغان بۇ قامۇس، شۇ دەۋر تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كۈندىلىك ھاياتىنىڭ جانلىق نەمۇنىسىدۇر. بۇنداق بىر ئەسەرنى چۈشىنىش، بولۇپمۇ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شۇ دەۋردىكى تىلنى بىلىش ئەڭ ئەقەللىي بىر تەلەپ. ئەپسۇسكى، گاۋ بو بۇ ئەقەللىي شەرتنى ھېچ ھازىرلىمايلا بۇ ئىشقا كىرىشكەن. گەپنىڭ توغرىسى، ھازىرقى زامان خىتاي ئەدەبىياتىنىڭ قىزىل كىلاسسىكلىرىنى ۋە تىياتىر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغان بىرىنىڭ تۈركىي تىللىرىنىڭ ھېچ بىرىنى بىلمەي تۇرۇپ قانداقمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنالىسۇن؟! شۇڭا ئۇنىڭ بۇ تېمىغا ئىشلىگەن 4 يىل جەريانىدا، ھەتتا 2019-يىلىغىچە «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا مۇناسىۋەتلىك بىرەر پارچە بولسىمۇ قىسقا يازما ياكى تونۇشتۇرۇش ماقالىسى ئېلان قىلالماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

گاۋ بو ماقالىسىدە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان «مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قەبىلە مەنسۇپلىرىدىن ۋە ئەڭ ماھىر نەيزىۋازلىرىدىن» دېگەن بايانىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى «تۈرك» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇستىلىق بىلەن تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقلىق مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى بازارغا سالىدۇ. بۇ قارىشىغا ئىسپات سۈپىتىدە يەنە «دىۋان» دا خاتىرىگە ئېلىنغان بىر قوشاقتىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش تەسۋىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىدۇ. ئەگەردە گاۋ بو مەھمۇد كاشغەرىينىڭ شۇ زاماندىكى ئالىملاردىن ئالدى بىلەن تەلەپ قىلىنىدىغان تەرەپسىز ۋە ھېسسىياتقا تايىنىپ ھۆكۈم قىلماسلىق شەرتلىرىنى ھازىرلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالىسا ئىدى، ئۇ بۇ ئارتۇقچە گۇماندىن ئالدى بىلەن ۋاز كەچكەن بولاتتى. «دىۋان» دا ئورۇن ئالغان 244 كۇپلېت قوشاقنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن توپلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تارىخىي ئېپوسلارنىڭ پارچىلىرى بولسا، يەنە بەزىلىرى پەسىللەر ۋە تەبىئەت تەسۋىرلەنگەن خەلق قوشاقلىرىدۇر. گاۋ بو ئىسپات قىلىپ قوللانغان بۇ قوشاقنىڭ «دىۋان» دا قانداق شارائىتتا، كىملەر تەرىپىدىن كىمگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالمىغان. ئۇ شۇ زامانلاردا قاراخانىيلار بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي ئۇرۇشلارنى ئۇيغۇرلار بىلەن پەرقلىق بولغان تۈركلەرنىڭ ئۇرۇشى دەپ خاتا شەرھلىگەن.

گاۋ بو ماقالىسىدە ئۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقى مەنىدىكى «ئۇيغۇر» ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تېخى شەكىللەنمىگەنلىكىدەك ئەڭ ئەقەللىي ئۇقۇمنىمۇ چۈشەنمىگەن. ئۇ، ئاپتورنىڭ «دىۋان» دا ئۆزىنى «تۈرك» دەپ ئاتىغانلىقىنى تۇتۇۋېلىپ، مەھمۇد كاشغەرىينى «ئۇيغۇر» دېيىشكە بولمايدۇ، دەپ داۋراڭ سالغان. ئۇ يەنە ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئەجدادى دېيىشىنى مەسخىرىلىك بىر تىل بىلەن تەنقىد قىلغان. گاۋ بونىڭ قارىشىچە، مەھمۇد كاشىغەرىنى ئۇيغۇر دېيىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ راستىنلا قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ئاساسىي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا قاراخانىيلار خاندانلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان پادىشاھلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش كېرەكمىش.

ئەگەر گاۋ بونىڭ بىلىمى ۋە ئىقتىدارى پۈتۈن «دىۋان» نى ئەسلى تىلىدا ئوقۇپ چۈشىنىشكە يەتكەن بولسا ئىدى، ياكى ھېچ بولمىغاندا ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بولغان بولسا ئىدى، ئۇ يۇقىرىقى ئەرزىمەس گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھېچ جۈرئەت قىلالمىغان بولاتتى.

ناۋادا گاۋ بونىڭ بىلىمى «دىۋان» دا قوللىنىلغان «خاقانىيە تىلى» نىڭ توققۇز ئوغۇزلارنىڭ تىلى ئىكەنلىكىدەك رېئاللىقىنى رەت قىلىشقا يەتكەن بولسا ئىدى، تېخىمۇ توغرىسى ئۇ توققۇز ئوغۇزلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى، ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۈركىي تىللار ئارىسىدا «ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇپپىسى» غا تەۋە دېيىلىشىدەك ئىلمىي ئۇقۇمنى چۈشەنگەن بولاتتى. شۇنداقلا بۇ دەلىللەر ئۈچۈن شۇ زامان تارىخى ھەققىدە يېزىلغان خىتايچە ۋە ئەرەب پارس تىللىرىدىكى مەنبەلەردىن بىرەر يېڭى مىسال كۆرسىتەلىگەن بولاتتى. ھالبۇكى، ئۇ يۇقىرىقى سەپسەتەلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاساسسىز گۇمانلىرىنى بازارغا سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دىۋان» دا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەردە ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي رايونلىرىدا ياشىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. 11-ئەسىر ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئاتالمىش «تەتقىقاتچى» نىڭ بۈگۈنكى خىتاينىڭ سىياسىي ئېيتىمىنى دەستەك قىلىپ «شىمالىي شىنجاڭ» ۋە «جەنۇبىي شىنجاڭ» دېگەن ئاتالغۇلىرىنى قوللىنىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىي جۇغراپىيەسى ھەققىدە نەقەدەر چالا ساۋات ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ!

گاۋ بو ئۆزىنىڭ «جەنۇبتا ئۇيغۇر يوقلۇقى» ھەققىدىكى كۈلكىلىك قارىشىنى بازارغا سېلىشتىن بۇرۇن، «دىۋان» دا «مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرى» دەپ خاتىرىلەنگەن «بارسغان» شەھىرىنىڭ «ئۇيغۇر خانى» نىڭ ئاتلىرىنى باقىدىغان جاي ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قۇرلارنى ئوقۇغان بولسا ئىدى، بۇنداق بىمەنە جۆيلۈشلەرگە مەستانە بولمىغان بولاتتى.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئەسىرىنىڭ نامىنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ ئاتىغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنى شۇنچە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغانلىقى، شۇنداقلا «دىۋان» دا سىزغان خەرىتىسىدە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بەشبالىق قاتارلىق مۇھىم شەھەرلىرىنى ئالاھىدە كۆرسەتكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ يەرلەرگە ئايرىم-ئايرىم ئىزاھات بەرگەنلىكى، ئۆزىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەرزەنتى، بولۇپمۇ ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پولاتتەك پاكىتلار ئىدى. بۇنىڭ ئۆزىنىلا گاۋ بودەك چالا ساۋات بىرىگە بېرىلىدىغان يېتەرلىك جاۋاب ئىدى.

دەرۋەقە، مەھمۇد كاشغەرىي «تۈرك» ۋە «ئۇيغۇر» ئاتالغۇلىرىنى قوللانغاندا، ئۇلارنى مىللەت نامىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قاراخانىيلار ۋە ئىدىقۇتتىن ئىبارەت ئىككى خانلىقتىكى پەرقلىق دىنىي ئېتىقادنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن قوللانغان. يەنى ئۇ «دىۋان» دا «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، تۈرك ئاتالغۇسى «مۇسۇلمان» ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوللانغان.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى دۇنيا خەرىتىسى
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى دۇنيا خەرىتىسى (wikipedia.org)

مىللەت نامى بىلەن دىنىي ئېتىقادىنى پەرقلەندۈرۈپ قوللىنىش، تۈركىي مىللەتلىرى ئارىسىدا خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقى مەلۇم. تۈركىيەدىكى تونۇلغان تۈركولوگلاردىن ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندىنىڭ 2000-يىلى نەشر قىلغان «ئوغۇز-تۈركمەن ئاتالغۇلىرى» ناملىق بىر ماقالىسىدە، 10-ئەسىردە تېخى مۇسۇلمان بولمىغان ئوغۇزلارنىڭ 11-ئەسىردىن باشلاپ «تۈركمەن» دەپ ئاتالغانلىقىنى، 13- ۋە 14- ئەسىرلەردە «ئوغۇز» دېگەن مىللەت نامىنىڭ ئورنىنى «تۈركمەن» ئاتالغۇسىنىڭ ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. گاۋ بو بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشلار ھەققىدىكى قوشاقلارنى قايتا-قايتا تەكرارلىغاندىن كېيىن، ئۆزىچە خۇلاسە چىقىرىپ، «مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى شۇنداق ئىدى. ئۇلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر شەھەرنى ئىشغال قىلغاندا، بۇددا ھەيكەللىرىنىڭ باشلىرىغا كىچىك تەرەت قىلىپ ھاقارەتلەيتتى» دەيدۇ. ئۇ بۇ بايانلىرى ئارقىلىق ئىسلام دىنى بىلەن بۇددا دىنى ئارىسىغا زىددىيەت سېلىشتەك سىياسىي قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان» دا «ئۇيغۇر» نامىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تىل، يەر ناملىرى ۋە تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى كۆپ قېتىم ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشى، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دىنىي پەرقلەرگە قارىماستىن شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى قان-قېرىنداش دەپ قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز مىللەت تەۋەلىكلىرىنى ئاتىغاندا «ئۇيغۇر» ۋە «تۈرك» ئاتالغۇلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ۋە ھەتتا بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنى «تۈرك ئۇيغۇر» دەپ ئاتىشى، ئەلۋەتتە بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس.

«دىۋان» دا «تۈرك» سۆزىدىن قالسا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان مىللەت نامى «ئۇيغۇر» سۆزىدۇر. «دىۋان» نىڭ باش قىسمىدا بېرىلگەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئېلىپبە ھەرپلىرى تىزىملىكىنىڭ قەشقەرگە تاسادىپىي بېرىپ قالمىغانلىقى، شۇنداقلا «دىۋان» دا ئۇيغۇر تىلىنىڭ «تۈركىي تىللىرى ئىچىدىكى ئەڭ پاساھەتلىك تىل» دەپ تەرىپلىنىشىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىش، ئەلۋەتتە بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئەقەللىي بىر ئادىتى بولۇشى كېرەك.

ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ تارىخىي ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن ۋە «ئۇيغۇر» نامىنى ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي مىللەت نامى قىلىپ قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلىنىڭ 1911-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىگە «ئۇيغۇر بالىسى» دېگەن تەخەللۇسنى ئىشلىتىشى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شۇ يىللاردا يازغان شېئىرلىرىدا «ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى ئىشلىتىشى، شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. «ئۇيغۇر» نامى 1920-يىللارغا كەلگەندە دەسلەپ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا، 1930-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي مىللەت نامى سۈپىتىدە ھۆكۈمەت پەرمانى ئارقىلىق بېكىتىلگەن. 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە قەشقەردە قۇرۇلغان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپ «مىللەتى ئىسلامىيە - ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيەتى» دەپ ئاتالغانلىقى، كېيىن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتىلىپ، ھەر ئىككى نامدا پۇل بېسىلغانلىقى مەلۇم. دېمەك، ئۇيغۇرلار ئېتنىك كېلىپ چىقىش ياكى قان-قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن ئۆزلىرىنى «تۈرك» ياكى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.

تۇنجى جۇمھۇرىيەت ناملىرىدا بېسىلغان پۇللار ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتىكى خەتلەر: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى ئىسلامىيە : ئوتتۇرىسىدا: (1) مەسكۆك، سەنە 1352. سول تەرەپتىكى سۈرەتتىكى خەتلەر: ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيەتى مىللىيەتى ئىسلامىيە 1352: زاربى كاشىغەر، ئون داچەن
تۇنجى جۇمھۇرىيەت ناملىرىدا بېسىلغان پۇللار ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتىكى خەتلەر: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى ئىسلامىيە : ئوتتۇرىسىدا: (1) مەسكۆك، سەنە 1352. سول تەرەپتىكى سۈرەتتىكى خەتلەر: ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيەتى مىللىيەتى ئىسلامىيە 1352: زاربى كاشىغەر، ئون داچەن (Open domain)

گاۋ بونىڭ مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋە ئۇلار تارىختىن بۇيان ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتلەرنى قىرغىن قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. گاۋ بونىڭ ئۆزىمۇ چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بىر بىلىم ئادىمى ياكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان كەسكىن بىر تەتقىقاتچى بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يانتاياق بولغۇچى ساختا ئالىمدۇر. ئۇنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، پۈتكۈل ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە بىلىم ئىگىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان 2019-يىلى خۇددى يەردىن ئۈنگەندەك ئوتتۇرىغا چىقىپ، «مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇر ئەمەس» دەپ جۆيلۈشىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىن باشقا ئىش ئەمەس. گاۋ بونىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۇيغۇر ئىنستىتۇت باشلىقى ئارسلان ئابدۇللا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇلۇشىمۇ، ئۇنىڭ ئىلىم ئادىمى ئەمەس، بەلكى سىياسىي دەللال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ!

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.