خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نۇقتا قىلغان «گېن ئەۋرىشكىسى تەتقىقاتى» نىڭ ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارادا ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان «گېن ئەۋرىشكىسى ئېلىش» تېمىسى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە جىددىي مەسىلىگە ئايلانماقتا.

«مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 29-دېكابىر خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر پارچە ئىلمىي ماقالە، ئىلمىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى سەۋەبلىك 2023-يىلى ئىيۇندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، شۇنداقلا مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ژۇرنالمۇ تەنقىدكە ئۇچرىغان. ئىگىلىنىشىچە، «ئىرسىيەت ئامىللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ئۈستىدە ئانالىز» تېمىسىدىكى بۇ ئىلمىي ماقالە، خىتاي ۋە دانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ھەم قازاقلاردىن بولۇپ 203 نەپەر كىشىدىن ئېلىنغان قان، شۆلگەي ئەۋرىشكىلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بارغان گېن تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ تەتقىقاتنىڭ ئېلىپ بېرىش مەقسىتىنىڭ ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇندىن باشقا 2022-يىلى ئەنگلىيەدىكى «قانۇن دوختۇرلۇقى» ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىرسىيەت تەتقىقاتىغا ئائىت يەنە بىر پارچە ئىلمىي ماقالىنىڭ ئەتكەس قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئىلىم ساھەسىدىكىلەر، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان رايون دەپ قارالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىلىرى ئاساس قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا، گېن ئۆرنەكلىرى ئېلىنغۇچى كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئىجازىتىنىڭ بار-يوقلۇقى مەسىلىسى گۇمان قوزغايدۇ، دەپ قارىماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندىكى كىشىلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىشقا قارىتا ھەقىقىي رازىلىقى يوق ئىكەن. «گېن ئەۋرىشكىلىرى» توپلاش ھەربىي ۋە ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغاچقا، مەجبۇرىي ھالدا يۈرگۈزۈلىدىكەن. بېلگىيە لېۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېن تەتقىقاتچىسى ئۇۋېس موراۋ (Yves Moreau) بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر خەلقىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.

تېخنىكلار بېيجىڭدىكى GeseDNA تېخنىكىسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 22-ئاۋغۇست، بېيجىڭ. خىتاينىڭ DNA تەرتىپلەش مەبلىغى 2017-يىلى تەخمىنەن 7.2 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2022-يىلىغا بارغاندا 18.3 مىليارد يۈەڭە ئۆستۈرۈشنى ئېلان قىلغان.
تېخنىكلار بېيجىڭدىكى GeseDNA تېخنىكىسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 22-ئاۋغۇست، بېيجىڭ. خىتاينىڭ DNA تەرتىپلەش مەبلىغى 2017-يىلى تەخمىنەن 7.2 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2022-يىلىغا بارغاندا 18.3 مىليارد يۈەڭە ئۆستۈرۈشنى ئېلان قىلغان. (AFP)

بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر بىزنى «گېن ئەۋرىشكىسى» ئېلىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە قىلماقتا. ئەتكەس قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ ئورتاق ئاپتورلىرى خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۆرنەكلىرىنى يىغىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش بەدىلىگە يۇقىرىقى ماقالىلەرنىڭ ئورتاق ئاپتورلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىمۇ سۇ يۈزىگە چىقماقتا.

مەلۇمكى، ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ نەشرىيات ياكى ژۇرنال تەھرىراتى تەرىپىدىن ئەتكەس قىلىنىشى ئىلمىي ساھەدە كەمدىن-كەم كۆرۈلىدىغان ئەھۋالدۇر. بۇ ساھەدىكى ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2022-يىلىدىكى ماقالىنىڭ ئەتكەس قىلىنىش سەۋەبى، گېن ئۆرنىكى ئېلىنغان 264 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە چېتىشلىق بولغانلىقىدا ئىكەن. ئالىملار يەنە بۇ پۇرسەتتە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ياشايدىغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش جازا لاگېرلىرىغا ياكى تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ياكى ئېغىر نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردا «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش» باھانىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زور تۇتقۇندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان، شۇنداقلا قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى مەلۇم. 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن بۇرۇنلا خىتاي دائىرىلىرى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى مەجبۇرىي توپلىغان.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «گېن ئەۋرىشكىسى» نى توپلاش قۇرۇلۇشى نېمە ئۈچۈن رايوندىكى ئاساسلىق يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ؟

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرغان DNA ئامبىرى، خىتاي ساقچى ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدىغان كەڭ كۆلەملىك بىيولوگىيەلىك نازارەت سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇتلەق كونتروللۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇۋېس موراۋنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، «گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 1 پىرسەنتىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما 2011-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان نوپۇس گېنېتىكا تېمىسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ 20 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشكەن ئىكەن. ئۇيغۇرلارنى گېن نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېتنىك-ئىرقىي تەركىبىدە ياۋرو-ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا ئىرقىي تۈركۈملىرىنىڭ ئوخشىمىغان نىسبەتتىكى خۇرۇچلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر تەتقىقاتچىلارنى ئالاھىدە قىزىقتۇرغان».

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىجاردسون «خىتاي تەۋەسىدىكى ئاھالىلەردىن مەجبۇرىي ھالدا ئېلىنغان DNA قاتارلىق گېن ئەۋرىشكىلىرىدىن تەركىب تاپقان بىيولوگىيەلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، ‹خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى› گە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغان» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

خىتاينىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ «گېن ئەۋرىشكىسى» نى توپلاش قىلمىشىغا قارىتا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى يىللاردىن بۇيان جىددىي ئىنكاسلارنى قايتۇرۇپ كەلمەكتە، شۇنداقلا بەزى تەدبىرلەرنى ئالماقتا. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان ئوندىن ئارتۇق خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا يەنىلا كۆزىنى يۇمۇۋېلىش، تېنىۋېلىش ياكى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى يۇقىرىقى ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئەتكەس قىلىنىش مەسىلىگە قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولغان. خىتاي باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: «خىتاي قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت. مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتايدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ».

ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ۋە ئىرسىيەت تەتقىقاتىغا ئائىت خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر قانچىلىغان ئىلمىي ماقالىنىڭ ئەتكەس قىلىنىش ھادىسىسىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى سۈنئىي ئەقىل ۋە يۇقىرى تېخنىكادىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا ياتىدىغان مۇتلەق نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنىڭ مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان قاراتمىلىققا ئىگە گېن تەتقىقاتى بىلەن يۇقىرى تېخنىكالىق تەقىب مېخانىزمىنى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزى بويىچە «ئىس-تۈتەكسىز جەڭگە ھازىرلىنىش» دېيىشكە بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي دائىرىلىرى 21-ئەسىردە مۇستەملىكە ۋە ئىرقچىلىقنىڭ يېڭى شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە، دەپ قارىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ گېن ئەۋرىشكىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرغان تۇنجى دۆلەت ئىكەن. بۇ خىل يېڭى مۇستەملىكىچىلىك ۋە مۇتلەق تەقىب سىستېمىسى قۇرۇلما جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى ئەڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ يەر-زېمىنى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىدىن ئىبارەت سىمۋوللۇق كىملىك تەركىبلىرىنىمۇ يوقىتىشنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى مۇستەبىت سىستېمىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە گېن ئۆرنەكلىرىنى ئېلىش ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسىدىن بىمالال پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن «تەقىب نىشانى» غا، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى بولسا «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرماقتا.

بۇ، بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ناملىق كۆك تاشلىق كىتابتىكى ئويدۇرمىلار ۋە سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» نىڭ روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رېئاللىقنى پەردازلاپ كۆرسىتىش، كۆز بويامچىلىق قىلىش، جاۋاب بېرەلمىگەندە تېنىۋېلىشتەك رەزىل ماھىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىپ بېرىدۇ، خالاس.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.