يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۈرلۈك سىياسىىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ خەلقئارادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىلەرگە قىزىققۇچىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. شۇ قاتاردا مەزكۇر رايوندا ئاتمىش يىلدىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ئومۇمىي «تەرەققىيات» مەنزىرىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ توختاۋسىز قارشىلىقىنى يوقىتىشقا قادىر بولالمىغانلىقىمۇ نۇرغۇن چەتئەللىكلەرنى ئويلاندۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا. جورجي ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەرەققىيات» ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدىكى مەخسۇس مۇزاكىرە بولسا دەل مۇشۇ مەسىلىنى قىسمەن بولسىمۇ يورۇتۇشقا بېغىشلاندى.
17-نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئېلليوت خەلقئارا مەسىلىلەر ئىنىستىتوتى» ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەرەققىيات: خىرىسلار ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» ماۋزۇسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇماتلار بەردى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىس ۋە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى نىكول مورگېرت مەخسۇس لېكسىيە بەردى. پروفېسسور شان روبېرتىس مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس بولۇپ، 1990-يىللاردىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان. مۇشۇ جەرياندا ئۇ 1996-يىلى ئىشلىگەن «<ئۇيغۇرىستان> نى كۈتىۋاتقانلار» ماۋزۇلۇق ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ مۇستەقىل «ئۇيغۇرىستان» دۆلىتى بەرپا قىلىش ھەققىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى بىلەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قارا تىزىملىك»ىدىكى كىشىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، خىتايغا بېرىش ۋىزىسى بېرىلمەيدىغان كىشىلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ قالغان.
پروفېسسور شان روبېرتس بۇ قېتىمقى لېكسىيەدە ئالدى بىلەن تاشقى دۇنياغا «شىنجاڭ مەسىلىسى» دېگەن نامدا مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەنچىڭ زامانىسىدىن تارتىپ گومىنداڭ ھاكىمىيىتى، شۇنداقلا ھازىرقى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قەدەر بولغان ھەرقايسى ھاكىمىيەتلەر ئۇيغۇرلار رايونىنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا بەكرەك كۈچ سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇ رايوننى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئانچە ئېرەڭشىمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇشۇ رايوندا مەنچىڭ خاندانلىقى زامانىسىدىن تارتىپ مۇستەقىللىقنى ئىستىگەن بىرنەچچە قېتىملىق قوزغىلاڭلار ئوتتۇرىغا چىققان، جۈملىدىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ رايوندا ئىككى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغان. بۇ رايون مەدەنىيەت ۋە مىللىي تەركىب جەھەتتە خىتايغا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بەكرەك يېقىن بولغاچقا، ھازىرغا قەدەر «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسى خىتايدا قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ.
پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتى «مەزكۇر رايوندا ھۇل ئەسلىھەگە مەنسۇپ شۇنچە كۆپ تەرەققىياتلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغان بولساقمۇ، يەرلىكتىكى قارشىلىق ھەركەتلىرى توختىمايۋاتىدۇ» دېگەن چۈشەنچىدە بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئىدىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئوخشىمىغان بىرنەچچە خىل ئەھۋالنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ بىرىنچىسى، خىتايلار ئىزچىل ھالدا "چەتئەللەردىكى سىياسىي ئارتىستلار ئۇيغۇرلار ئارىسىغا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ئۇرۇقىنى چاچماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ، رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلماقتا. خەلقئارادىكى تېررورلۇق گۇرۇھلىرى بولسا مەزكۇر رايوندىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتە" دەپ قارىماقتا. ئەمما،چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس. مېنىڭ شەخسەن ھېس قىلىشىمچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ مەزكۇر رايونغا ئۇنچىۋالا قىزىقىپ كەتمەيدۇ، خىتاينىڭ پارچە-پارچە بولۇپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ خىتايدىن ئاجرىلىپ چىققانلىقىنى كۆرۈشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ ھال كۆپلىگەن ئىككىلەمچى مەسىلىلەرگە، مەسىلەن، زور ساندىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ گۆمۈرۈلۈشى دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. شۇڭا ھېچقايسى دۆلەت خىتاينىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى خالاپ كەتمەيدۇ. ئىككىنچى پىكىر ئېقىمىدىكىلەر بولسا، شىنجاڭ رايونى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا راۋرۇس ئارقىدا قالغان، دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە، بۇ قاراش زور دەرىجىدە رېئاللىققا ئۇيغۇن.»
ئەمما شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چۈشەنچىسىدە مەزكۇر رايوننى تەرەققى قىلدۇرۇشتا مىللىي ئېتنىك پەرق ۋە دىنىي كەيپىيات بۇ خىل «قالاقلىق» نىڭ ئەڭ روشەن ئىككى ئىپادىسى بولۇپ مەۋجۇت بولماقتا ئىكەن. مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان مۇشۇ ئىككى پەرقنى تۈگىتىش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار رايونىدا «تەرەققىيات» نى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، تىل-يېزىقى ھەمدە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنغان دۆلەت سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. بۇ بولسا خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە «ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ تەنقىدلەنمەكتە ئىكەن.
مۇھاكىمە يىغىلىشىدا لېكسىيە بەرگەن نىكول مورگېرت خىزمەت ۋە ئوقۇش سەۋەبلىرى بىلەن مەلۇم مەزگىل خىتايدا ياشىغان بولۇپ، خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىۋاستە چۈشەنچىگە ئىگە. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى ھەققىدە ئۆزلىرى يېقىندا تەييارلاپ چىققان دوكلاتتىن قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئاندىن خىتاي يولغا قويغىنىغا بىرنەچچە يىل بولغان «بىر بەلۋاغ-بىر يول» لايىھىسىنىڭ خىتاي بىلەن قەدىمكى «يىپەك يولى» لېنىيەسى بويلىرىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى ئالغا سۈرۈش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل ھېسابلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىران، سىرىلانكا، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردە «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسى» دېگەن نامدا چوڭ ھەجىملىك بىرنەچچە مەيدان كۆرگەزمە تەييارلىغان، شۇنداقلا باشقا مەملىكەتلەردە مۇشۇ مەزمۇندىكى يول ئېلانلىرىنى تەييارلىغان.
نىكولنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 2010-يىلى ۋە 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دەل مۇشۇ لىنىيەنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى مۇتلەق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېچىلغان. چۈنكى، چەتئەللىكلەر ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «بىر بەلۋاغ-بىر يول» لىنىيەسىدىكى پەۋقۇلئاددە ئورنىغا قاراپ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى بۇنىڭدىن زور مەنپەئەت ئېلىۋاتىدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى زىچ باغلىنىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا خەۋپ دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان تەرەققىيات پىلانىنىڭ بىرىنچى قەدىمى <شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى> نى راۋاجلاندۇرۇش بولدى. بۇ بىڭتۇەنلەر يېرىم ھەربىي شەكىل ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاھالىسى پۈتۈنلەي خىتايلار. ئەمما بۇ بىڭتۇەنلەردىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى يەنىلا ئانچە كۆپ ئەمەس، شۇڭا بىڭتۇەننىڭ نوپۇسىنى ئاشۇرۇش بۇنىڭدىكى يەنە بىر نىشاندۇر. بۇ جەرياندا ۋۇجۇتقا چىققان يەنە بىر تەرەققىيات پىلانى <غەربىي رايوننى زور كۆلەمدە ئېچىش> قۇرۇلۇشى بولدى. بۇنىڭدا ئىچىكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى جايلارنى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن چېتىپ قويۇپ، تەبىئىي بايلىقلارنى قازدى. بۇ بولسا <ئىقتىسادىي تەرەققىيات> دەپ ئاتالدى ھەمدە مەزكۇر رايوننى بىخەتەرلىككە ئېگە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر سۈپىتىدە قوللىنىلدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا باشقا تەدبىرلەر، مەسىلەن <مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى> تەربىيىسى، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى <ئاسماندا تور يەردە قاپقان> دەپ تەسۋىرلىگەن تورلاشقان ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى، مىللەتلەر ئارا تويلىشىش تەشەببۇسلىرى، ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش مەقسەت قىلىنغان <ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى شەرققە يۆتكەش> ۋە <ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى> قاتارلىقلار دەل مۇشۇ خىل بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ۋەجىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى.»
نىكولنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەرەققىيات» نامىدا ئۇزۇن يىللاپ داۋام قىلغان تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش خىزمىتى مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىتىغا ئېغىر دەرىجىدە پاسسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى مەزكۇر رايون ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ تارىىيشى ھەمدە بۇلغىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆمۈر، تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ قېزىلىش مىقدارى، ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىگە يۆتكىلىشى 50 پېرسەنتكە يېقىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سۇ مەنبەسى ئۈچۈن غايەت زور دەرىجىدىكى پاسسىپ ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان. بۇ خىل بۇلغىنىشتىكى ئەڭ تىپىك مىسال بولسا، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ خىتايدىكى «مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان رايون» دەپ ئاتىلىشى ھەمدە مەزكۇر رايوندا ئۈزۈلمەستىن كۆرۈلۈۋاتقان قۇم بورانلىق ھاۋارايى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما، ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان يېتەكچى تەدبىر مەزكۇر رايوننىڭ «مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى» نى نىشان قىلغان سىياسەتلەر بولماقتا. بۇ ھەقتە نىكول مۇنداق دەيدۇ: «يۈزلىگەن ۋە مىڭلىغان ساقچىلار خىزمەتكە قوبۇل قىلىنماقتا. ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق رايونلىرى قاشالىنىپ، كىرىپ-چىقىشتا كىملىك كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى قاتتىق كونترول قىلىنىپ، نوپۇس باشقۇرۇشتىكى يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەنە شۇ تەرىقىدە شىنجاڭ رايونى خىتايدا پۇقرالارنىڭ پاسپورت ئىلتىماسى ئۈچۈن فىزىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان تۇنجى رايون بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا يانداشقان ھالدا، ئىنتېرنېتقا بولغان يۈكسەك كونتروللۇق ھەمدە تور دۇنياسىدا خىتاينىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىگە مۇخالىپ كېلىدىغان ھەرقانداق مەزمۇنلارنى قاتتىق جازالاش ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مەسىلەن، ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدە توسۇق ئاتلاش ئەپلىرىنى كومپيۇتېرغا ئورناتقانلارنىڭ تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، " ھالال چوشقا مېيى" ھەققىدىكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىنىڭ جازالانغانلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبكار بولغانلىقى ھەققىدە پاراڭلارنىڭ بولغانلىقى بىزگە مەلۇم بولدى.»
يىغىنغا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق جانلىق لېكسىيە ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەرەققىيات» نىڭ قايسى شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە ئەمەلىي بىر مەيدان دەرس بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
0:00 / 0:00