گېرمانىيە خىتاينى جازالاشنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرىنى بېسىۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

گېرمانىيە پارلامېنتى «بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش» قارارىغا كەلگەن.

19-ماي گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى «ئۇيغۇرلار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا سوئال: خىتاينى جازالاش سىياسىتىنىڭ بىر بەدىلى بار، بۇ گېرمانىيە ئۈچۈنمۇ شۇنداق» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە گوللاندىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى بولۇپ، خىتاي زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى، بىراق گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بۇ بەدەلنى تۆلەش ئېغىر كەلگەچكە ھېلىغىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقى، ئەمما پارلامېنتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمى سەۋەبلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ بەدەلنى تۆلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە 17-ماي پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، 17-ماي گېرمانىيە پارلامېنتىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن «خەلقئارا قانۇنلارغا بىنائەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى باھالاش» تېمىسىدا دوكلات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى خەلقئارا قانۇنلار دائىرىسىدە باھالاشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. شۇ كۈنى خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ: «شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى مۇتلەق رەۋىشتە جۇڭگونىڭ ئىچكىي سىياسىتىدۇر، شىنجاڭ مەسىلىسى مىللىي مەسىلە، دىنىي مەسىلە ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئەسەبىيلىككە ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدۇر، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ بەزى خادىملىرى كىشىلىك ھوقۇقنى تۇتقا قىلىۋېلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماقتا، جۇڭگو تەرەپ بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ،» دېگەن ئىدى.

ھالبۇكى، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى بەزى ئەمەلىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» ئېلان قىلغان «گېرمان شىركەتلىرى مۇمكىن قەدەر ئۇيغۇرلار رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەك» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3-ئايدا ماقۇللىغان «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» ئۇزۇن ئۆتمەي رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ قانۇننىڭ روھىغا بىنائەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان گېرمان شىركەتلىرى ئېغىر جازالارغا دۇچار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك گېرمان شىركەتلىرى بېسىمغا ئۇچراش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇلار خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ياكى ئۇ يەردىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر گېرمان شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي شىركەتلىرىگە چېتىلىپ قالغان بولسا، مال بىلەن تەمىنلىگۈچى بۇ خىتاي سودا شېرىكلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ، ئەكسىچە بولغاندا گېرمان شىركەتلىرى ئېغىر جەرىمانە تۆلەيدۇ. ئايرىم ئەھۋالدا ھەتتا شىركەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىمۇ شەخسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.»

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى بالدۇرراق ئېتىراپ قىلىپ، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

«گېرمان شىركەتلىرى مۇمكىن قەدەر ئۇيغۇرلار رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەك» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نىڭ روھىغا بىنائەن يېشىللار پارتىيەسى كونكىرېت بىر جازا تەدبىرلىرى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ لايىھە پارلامېنتنىڭ ئىچكىي قىسمىدا ئىلمىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ماقۇللانغان. بۇ جازا تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بولغان گېرمان شىركەتلىرى دەرھال ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى تاپمىسا، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاي شىركەتلىرىدىن ۋاز كەچمىسە ياكى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چىقمىسا، ئېغىر جەرىمانە تۆلەيدىكەن. بۇ جەرىمانە ھەتتا شۇ شىركەتنىڭ يىللىق ئەڭ يۇقىرى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

ماقالىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھېسابلىنىدىكەن. ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان تۈرلۈك دوكلاتلار خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» نىڭ 2-ماددىسىدىكى 5 ساھەنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە گوللاندىيەلەر ئۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان. ئەمما تارىختا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سەھنە بولغان گېرمانىيە كەچ قالغان. ۋاھالەنكى، گېرمان شىركەتلىرىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا مال بىلەن تەمىنلەۋاتقان نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ زاۋۇتلىرى دەل «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» داۋام قىلىۋاتقان تۈرمە ياكى ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەتراپلىرىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ ئادىداس، پۇما، ب م ۋ، بوش، زىمېنز، باسف، ۋ ۋ قاتارلىق شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن چېتىشلىقى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» يېڭى بىر قانۇنىي ۋەزىيەتنى بەرپا قىلىدىكەن. گېرمان شىركەتلىرى بۇندىن كېيىن دۇنيانىڭ قەيىرىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمىسۇن، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئۇزاق تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى چوقۇم ئادا قىلىشى شەرت ئىكەن. گېرمانىيە پارلامېنتى بۇندىن كېيىن «قوللىنىشقا تېگىشلىك بارلىق ھەرىكەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ۋاقتى كەلگەندە شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ» كەن.