گېرمانىيە سىياسەتچىلىرى مېركىلنىڭ «يۇمشاق خىتاي سىياسىتى» دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، خىتايغا قارىتا قاتتىق بىر تاشقى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن 26-سېنتەبىر گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام پۈتكۈل ياۋروپانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپلا قالماي، خىتاينىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن. مەزكۇر سايلامدىن ئىلگىرى گېرمانىيە سىياسەتچىلىرى «خىتاي ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نامزات ئارمىن لاشىت» دەپ ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى سايلامدا كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان بىر قاتار زور ھادىسىلەر يۈز بەرگەن. سايلامنىڭ نەتىجىسى خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغان.
بۇ قېتىمقى سايلامدا يۈز بەرگەن زور ھادىسىلەردىن بىرى، گېرمانىيەدە 16 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ئانجىلا مېركىلنىڭ پارتىيەسى بولغان خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە بۇ پارتىيە بىلەن بىرلەشكەن خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىنىڭ «- 8 پىرسەنت» چېكىنىپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى بولغان. بۇ «مەزكۇر پارتىيەنىڭ 1945-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيىتى» دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئىككىنچىسى، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى «+ 5 پىرسەنت» تىن ھالقىپ، «بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە» نى قولغا كەلتۈرگەنلىكى بولغان. يەنى، سايلامدا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ئولاف شولىز 25.7 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ بىرىنچى بولغان. خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسىدىن ئارمىن لاشىت 24.1 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنچى بولغان. يېشىللار پارتىيەسىدىن ئاننالېنا بايېربوك بولسا 14.8 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى بولغان. ھېچبىر پارتىيە سايلامدا مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ ھازىرلىقىنى قىلىشماقتا ئىكەن.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى» نىڭ 28-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن بېيجىڭنى دەككە-دۈككىگە سالىدۇ؟» ناملىق خەۋىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، يېڭىدىن تەشكىللىنىدىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت مېركىلنىڭ «يۇمشاق خىتاي سىياسىتى» گە خاتىمە بېرىپ، يېڭى بىر تاشقى سىياسەتنى يولغا قويىدىكەن. يەنە كېلىپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ۋەزىپە ئېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ئەگەر بۇ پارتىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى قولىغا ئالسا، خىتايغا قارىتا سىياسەتتە زور ئۆزگىرىشلەر ۋۇجۇدقا چىقىدىكەن. خىتاي بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەكتىكەن.
د ۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىنى خالىمايدىغانلىقى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى. د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتاي ئۇيغۇرمۇ بۇ خۇسۇستا پىكرىنى ئىپادە قىلدى.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 28-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «يېشىللار بېيجىڭغا ۋەھىمە ئېلىپ كەلدى» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن گېرمانىيەگە كىمنىڭ باش مىنىستىر بولۇشى مۇھىم ئەمەسكەن، ئەمما ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن يېشىللار پارتىيەسىدىن ئاننالېنا بايېربوكنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى قولىغا ئېلىشى خىتايغا نىسبەتەن ئەڭ خەتەرلىك ئىكەن. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟
بۇ سوئالغا بۇ يىل 6-ئايدا بېكىتىلگەن «يېشىللار پارتىيەسىنىڭ خىتاي سىياسىتى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارتىيە پىرىنسىپى جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان: «تاشقى سىياسەت جەھەتتە، يېشىللار پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى، تىنىچلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان قىممەت قاراشلىرىغا ئاساسلانغان تاشقى سىياسەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاي سىياسىتى جەھەتتە، يېشىللار پارتىيەسى خىتاينى ياۋروپانىڭ رىقابەتچىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەمراھى دەپ قاراش بىلەن بىرگە، تۈزۈلمە جەھەتتىكى رەقىبى دەپ قارايدۇ». «بىز خىتاي دائىرىلىرىدىن شىنجاڭدىكى، تىبەتتىكى، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز». «شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز. يېشىللار پارتىيەسى ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ ھازىرقى نۇسخىسىغا قوشۇلمايدۇ».
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن يېشىللار پارتىيەسى ئالدىنقى ئاي ئۆتكۈزۈلگەن «گېرمانىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقان تەقدىردىمۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك» دېگەن راي سىناشقا مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدى: «بىز يېشىللار شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ھەمدە خوڭكوڭدىكى كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىمىز. بىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈچىنچى بىر دۆلەت ياكى باشقا ئىنسانلارنىڭ، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە قۇرۇشقا يول قويمايمىز. بىز خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ چەت´ئەل مەبلىغى ئۈچۈن ئادىل، قانۇنىي بىخەتەرلىك ۋە باراۋەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولغان بازار بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز خىتايدىن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق مىزانلىرىغا ئەمەل قىلىپ، بارلىق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشىنى كۈتىمىز. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلارغا ئىگە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەنگە ئوخشاش، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن يارالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە بىز تەستىقلىمايمىز».
نۆۋەتتە، بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ئولاف شولىزنىڭ گېرمانىيەگە باش مىنىستىر بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. گېرمانىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە بولغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى «گېرمانىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقان تەقدىردىمۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك» دېگەن راي سىناشقا بەرگەن جاۋابىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بۇ پىكىرنى قوللىشىمىزدىكى سەۋەب، بىز خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن شېرىكىمىز، سودا جەھەتتىكى رىقابەتچىمىز، تۈزۈلمە جەھەتتىكى رەقىبىمىز دەپ چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ، ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئورتاق ياۋروپا سىياسىتىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ چىقىپ، ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكياننى ئاساس قىلغان مەنپەئەتلىرىمىزنى ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنى خىتايدىن دادىل مۇداپىئە قىلىشىمىز لازىم. بىز بىرتەرەپلىمىلىككە ئىگە بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى، ئۇ ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ رەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ يۈكسىلىشى بىلەن دۇنيادىكى رولىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى زامانىمىزدا بېيجىڭنىڭ ئىشتىراكىسىز ھەل قىلىش تەس بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىمىزنىمۇ بىلىمىز. خىتاي بىلەن مەنپىي´ئەت ۋە قىممەت قاراشلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەم ئىدى´دىئالوگقا ئىجابىي، تەنقىدىي يېتەكچىلىك قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇشى لازىم».
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىم قۇرۇلغۇسى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە كىم باش مىنىستىر بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي سىياسىتى ئۆزگىرىدىكەن. بۇ ئۆزگىرىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. خىتاينى مانا بۇ نۇقتا ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.