گېرمانىيە «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئورۇن بېرەمدۇ؟

0:00 / 0:00

گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىسنىستېرلىكى يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پىكىرلىرىگە قۇلاق سالدى.

گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى 2022-يىلى ھازىرلىغان «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئەسلىدە 2023-يىلى 3-ئايغىچە ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنگەن ئىدى. ئەمما ئېلان قىلىنماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭدىكى بەزى مەزمۇنلار مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىنىپ كەتتى. ئاشكارىلانغان قىسمىدىكى ھالقىلىق مەزمۇنلار «خىتايغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىش»، «قىممەت قاراشلىرى ئوخشاش بولغان دۆلەتلەر بىلەن ئىش بىرلىكى قىلىش»، «خىتاينىڭ ياۋروپانىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ۋە يۇقۇرى تېخنولوگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش» دېگەندەك خىتاي ئىقتىسادى ۋە ئوبرازىغا زەربە ئېلىپ كېلىدىغان ساھەلەر ئىدى.

18-يانۋار كۈنى گېرمانىيە فېدىرال جۇمھۇرىيىتى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى لۇئىسا ئامىسبېرگ خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى، مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىگە تەكلىپ قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» توغرىسىدا مۇھىم بىر يۇمۇلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش مىنىستېر ئانجىلا مېركىلنىڭ 16 يىل داۋاملاشقان «يۇمشاق» خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كەسكىن بولغان بۇ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى تۈزۈپ چىقىشىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق زور ھادىسىلەر سەۋەب بولغانىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ سۆھبەتتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ۋە باشقا زور خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، گېرمانىيەنىڭ ئۆزىدە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدە پاسسىپ قالغانلىقىنى، گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، سۆزىدە يەنە گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزنىڭ شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاينى زىيارەت قىلىشىنىڭ خىتاي ھەم خەلقئاراغا خاتا سىگنال بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ تارىخىي بىر خاتالىق بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

بۇ سۆھبەتكە د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى خادىملىرىدىن باشقا، ئەدلىيە مىنىستېرلىكىنىڭ خادىملىرىمۇ قاتناشقان. ئۇ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن.