ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى جازالاشنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرىنى قاچان باسىدۇ؟

0:00 / 0:00

ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل يازغىچە يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنى ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىماقچى بولغان.

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە يېتەرلىك ئىنكاس بىلدۈرمەيۋاتقان مېركىل ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو ماس 15-مارت بېرلىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئەسناسىدا، ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك خىتايغا قارىتا جازا يۈرگۈزۈش تەشەببۇسىدا بولغان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېرلىندىن بەرگەن «فېدېراتىپ ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك خىتايغا جازا يۈرگۈزمەكچى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خايكو ماس يىغىندىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى جازالاش پۇرسىتى بار. بىز بۇ قورالنى ئەلۋەتتە ئىشلىتىشنى خالايمىز» دېگەن. خەۋەردە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى بىلەن بىر خىتاي ئورگىنىنىڭ بۇ جازاغا نىشان بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. رەسمىي قارار 22-مارت بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىغىنىدا ماقۇللىنىدىكەن. خوڭكوڭ مەسىلىسىمۇ بۇ جازا قانۇنى تەركىبىدىن يەر ئالىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل يازدا خىتايغا قارشى يەنە بەزى قارارلارنى قوبۇل قىلىدىكەن.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا، جۈملىدىن گېرمانىيەدىمۇ بۇ مەسىلە جىددىي ئويلىشىلىشقا باشلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانىيەنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەردە ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا ھەمدە ياۋروپا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى قارارلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش ئېھتىمال زور. بۇ سەۋەبلىكمۇ خىتاينىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئەلچىلىرىنىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەمما ياۋروپا ئەللىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇنداق قارارلارنى ئېلىشقا مەجبۇر».

جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ياۋروپا پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مودا كىيىملەرنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىمەكچى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ يىل يازغىچە يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنى ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان. مەزكۇر قانۇننىڭ روھىغا بىنائەن تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى ياۋروپا كارخانىلىرى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە تۆلەم تۆلەشكە ھازىر بولۇشى لازىمكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ئېنىقلانغان تاۋارلارنى بۇندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئىمپورت قىلىش بىردەك چەكلىنىدىكەن.

بىراق، پاختا تېرىشقا ھەم تۈرلۈك قۇل ئەمگەكلىرىگە مەجبۇرلىنىۋاتقان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتى بىلەن ياۋروپادىكى مودا كىيىم شىركەتلىرى ئارىسىدا كۆپلىگەن ئارىچى شىركەتلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنى ئېنىقلاش قېيىنغا توختىماقتىكەن ھەمدە بۇ قانۇن يولغا قويۇلسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىغا بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ياۋروپادا «ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكى سىڭگەن كىيىملەرنى كىيىشكە خاتىمە بېرىش لازىم» ئىكەن.

ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ خادىمى بەن ئەپەندى جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى بۇ خۇسۇستا ئىشلىگەن «كىيىم ئىشكاپىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» ناملىق فىلىمدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بولغان ماللارنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ «مەسئۇلىيەت شىركەتلەرنىڭ زىممىسىدە» دېگەن ھەمدە ياۋروپا پۇقرالىرىنى مال سېتىۋالغاندا تەمىنلەش زەنجىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلەلمىگەن كىشىلەرنىڭ مەھسۇلات ماركىسىنى ئەۋەتىپ، مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سورىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئاننا كاۋاززىنى خانىم «كىيىم ئىشكاپىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» ناملىق قىسقا فىلىمىدا قىلغان سۆزىدە «ياۋروپا پارلامېنتى زامانىۋى قۇل ئەمگىكى تۈزۈلمىسىگە خاتىمە بەرمەكچى» دېگەن كەلىمىنى تەكرارلاپ مۇنداق دەيدۇ: «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى نەرسە. ئۇ شىركەتلەرنى زىياندىن قوغداپلا قالماستىن، مۇھىمى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئالاھىدە قېيىن بولغىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى پەرقلەندۈرۈشتۇر. مەن ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە مەجبۇرلاۋاتقانلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك بىر جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىمەن. بۇنىڭ ئاددىي چارىسى، خىتايدىن مال ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش».

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ بۇنداق بىر قانۇننى ماقۇللاپ ئۇيغۇرلارنى قوغدىماقچى بولغانلىقىنىڭ خۇشاللىنارلىق بىر خەۋەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئېتىزلىقتا پاختا تېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى قىستۇرۇلغان «كىيىم ئىشكاۋىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» ناملىق فىلىمدا تىلغا ئېلىنىشىچە، ياۋروپا كومىسىيونى بۇ يىل يازدا تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنى ماقۇللاشقا قوشۇلغان.