ئولاف شولىز خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى راستلا تىلغا ئالامدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.11.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزنىڭ ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى خىتاينىڭ جېنىغا تەگكەن ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلىۋاتقان ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز(Olaf Scholz) ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالماقتا. 2022-يىلى 20-سېنتەبىر.
AP

گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىز شى، جىنپىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن.

گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزنىڭ 4-نويابىر باشلىنىدىغان ۋە 11 سائەت داۋام قىلىدىغان خىتاي زىيارىتى ھەم ئۇ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ھەم گېرمانىيە جەمىيىتىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدە غۇلغۇلىلارغا، نارازىلىقلارغا سەۋەبچى بولماقتا ئىدى. د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرقانچە كۈندىن بۇيان «3-قېتىم ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان خىتاينىڭ مۇستەبىت رەھبىرى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بىر زالىم بىلەن كۆرۈشۈش خاتا» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شولىزدىن خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.

2-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىز ئۆز قەلىمى بىلەن «مەن شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايغا زىيارەتكە كېتىۋاتىمەن» ناملىق بىر يازمىنى «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتىگە چۈشەنچە بەرگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئىكەن. بۇ سۆھبەتتە «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىز «مەن شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايغا زىيارەتكە كېتىۋاتىمەن» ناملىق يازمىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «قىيىن مەسىلىلەر» گىمۇ سەل قاراشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن: «بۇ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ پۇقراۋىي ۋە سىياسىي ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى كۆزدە تۇتۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزنىڭ «مەن شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايغا زىيارەتكە كېتىۋاتىمەن» ناملىق يازمىسىدا ئەكىس ئەتكەن «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ پۇقراۋىي ۋە سىياسىي ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش» پىكرى، مەتبۇئاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدە ئاز-تولا بولسىمۇ بىر ئۈمىد پەيدا قىلغان. بۇ ئولاف شولىزنىڭ خىتاي رەئىسى بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىقتىسادىي مەنپىئەت بىلەن باراۋەر يوسۇندا ئۈستەل ئۈستىگە قويۇشى مۇمكىنلىكىنىڭ بىر بىشارىتى بولۇپ قالغان.

ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالماي ئۆتۈپ كېتەلىشىنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى، ئەگەر تىلغا ئالسا، بۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە زور ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئولاف شولىز يازمىسىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىم ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، خىتاينى تېخىمۇ مۇستەبىتلىك يولىغا باشلىغانلىق مەسىلىسىنىمۇ نەزەرگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى خىتاي سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ «بۈگۈنكى خىتاي، بۇندىن 5 يىل، 10 يىل ئىلگىرىكى خىتايغا ئوخشىمايدۇ. ئېنىقكى، ئەگەر ئۇ (شى جىنپىڭ) خىتاينى ئۆزگەرتسە، بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقە ئۇسۇللىرىمىزمۇ چوقۇم ئۆزگىرىشى لازىم.»

ئولاف شولىز ئۆز يازمىسىدا خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا تەھدىتلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، بىزمۇ ‹بىر خىتاي› سىياسىتىنى قوللىنىۋاتىمىز. ئەمما بۇ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ تېنىچلىق ئۇسۇللىرى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ماقۇللىقى بىلەنلا ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

خىتاي زىيارىتىدە ئولاف شولىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى راستلا تىلغا ئالامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلسا، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئەھمىيىتى بولىدۇ؟

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە، شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئۇنىڭ ئەقەللى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بىر ئۈلگە يارىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربانمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

ئەگەر ئولاف شولىز بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالسا، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئولاف شولىز بۇ يىل 5-ئايدا شىۋېتسارىيەنىڭ داۋۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدىمۇ «بىز شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالالمايمىز» دېيىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنى ئىپادە قىلغان ئىدى. ئۇ بۇ يىل 26-ئىيۇن باۋارىيەدە چاقىرىلغان G7 يىغىنىدىمۇ «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەل قارىيالمايمىز» دېيىش ئارقىلىق ئۆز مەيدانىنى ئوچۇق نامايەن قىلغان. ئولاف شولىز يەنە بۇ يىل 20-سېنتەبىر ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، 150 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاينى «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياخشىراق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان» بولۇپ، خىتاي ھاكىميىتى ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كۆپ بىئارام بولغانىدى.

ئولاف شولىزنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى راستىنلا ئوتتۇرىغا قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى، ئوتتۇرىغا قويسا، قانداق پوزىتسىيەدە، قانچىلىك دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى يەنىلا كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.