29-نويابىر گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن نېمىنى كۈتىدۇ؟» ناملىق بىر پروگرامما ئېلان قىلدى. پروگراممىدا بايان قىلىشىچە، يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت گېرمانىيەنىڭ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى رولىنى ئۆزگەرتىدىكەن. بۇ ئۆزگىرىش غەرب قىممەت قارىشى ئاساسىدا بولىدىكەن. غەرب قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسقا ئايلىنىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېريۇسسېل بۇ سەۋەبتىن گېرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى تەبرىكلىگەن. بىراق خىتاي بىئاراملىق ئىچىدە قالغان. چۈنكى مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە خاتىمە بېرىلگەن. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي سىياسىتى بېكىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇزۇن مەزگىللىك مۇزاكىرەلەردىن كېيىن سايلامدا غەلىبە قازانغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئالدىنقى ھەپتە كېلىشىم تۈزۈپ، گېرمانىيەنىڭ يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقتى. يېشىللار پارتىيەسى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن پارتىيەلەر ئىدى. بولۇپمۇ «يېشىللار پارتىيەسىنىڭ گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنى قولىغا ئېلىشى گېرمانىيەنىڭ تاشقىي سىياسىتىنىڭ، جۈملىدىن خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيەدە باشقىچە ئىتىبارغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ئىدى. دەرۋەقە، يېشىللار پارتىيەسى گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنى قولىغا ئالدى ۋە مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى ئاننالېنا بايېربوك گېرمانىيەنىڭ تۇنجى ئايال تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى بولۇپ قالدى. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كەڭ باغرىنى ئېچىشى مۈمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.
«ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن نېمىنى كۈتىدۇ؟» ناملىق پروگراممىدا تىلغا ئېلىشىچە، قانچە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا قامىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا گېرمانىيە يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمىتى سەل قارىيالمايدىكەن. يىللاردىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىدا خىتاي مۇستەبىتلىكىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن ھەم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويۇشقا زور ھەسسە قاتقان يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى رايىنھارد بۈتىكوفېرنىڭ بىلدۈرىشىچە، يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوك كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنغا تايانغان يېڭى بىر خىتاي سىياسىتى توغرىسىدا ئىزدەنمەكتە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېركىل خانىمنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە لايىق مۇئامىلە قىلالمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بارغانسېرى مۇستەبىتلەشمەكتە ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلماقتا. يېشىللار پارتىيەسىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايىربوك بۇلارنىڭ ھېسابىنى قىلىدۇ».
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشى، مانا مۇشۇ يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت دەۋرىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن مەمنۇن بولمىغان. 27-نويابىر خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە: «تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئىشى» دېگەن ۋە گېرمانىيە فېدىراتسىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى، خىتاينىڭ گېرمانىيە بىلەن كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈتىكوفېر بولسا «ئۇلار ئۈمىدلا قىلالايدۇ، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇرىدىغان مەسىلە ئىكەن. تاشقىي سىياسەتتە گېرمانىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن ۋە ئوكيان ھالقىغان مۇستەھكەم بىر ئىتتىپاق قۇرۇلىدىكەن. فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت قارىشىنى يېڭى تاشقىي سىياسەتنىڭ يادروسى قىلغان گەرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى قىزغىن تەبرىكلىشى ياۋروپا ئىتتپاقىغا بېرىلگەن ئوچۇق سىگنال ئىكەن.