گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىختىلاپلار سەۋەبلىك بۇ يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى تارقىتىۋېتىلگەن ئىدى. گېرمانىيە قانۇنىغا بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان «مەۋجۇت ھۆكۈمەتكە ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا ئاۋاز بېرىش» نىڭ نەتىجىسىمۇ سەلبىي بولۇپ چىقتى. 2025-يىلى 2-ئايدا قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ باشقىدىن قۇرۇلىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، نۆۋەتتە گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ سايلام رىقابىتى قانات يېيىشقا باشلىدى.
«فوكۇس» خەۋەرلەر قانىلىنىڭ 23-دېكابىر ئېلان قىلغان «گېرمانىيەدىكى پارتىيەلەر خىتاي سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىر گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ سايلام رىقابىتى پىروگراممىلىرىدا خىتاي مەسىلىسى ئاچقۇچلۇق تېمىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىدا ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى مۇنازىرە مەزمۇنلىرىنىڭ سىرتىدا قويمىغان.
خەۋەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا، گېرمانىيەدە 2021-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغان ئولاف شولىز سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايغا بولغان يۇمشاق مەيدانى گېرمانىيەنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. يېشىللار پارتىيەسى 2022-يىلى گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھەمدە يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئولاف شولىز بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ روھىغا ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تەشەببۇسىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا بېيجىڭ زىيارىتىنى باشلاپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سودىلىشىپ كەلگەن ئىدى.
2021-يىلى گېرمانىيەدە سايلام بولۇۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ «بىز ئاننالىنا بايېربوكنىڭ ئەمەس، بەلكى ئولاف شولىزنىڭ باش مىنىستىر بولۇشىنى خالايمىز» دېگەن. دەرۋەقە، ئولاف شولىز خىتاينىڭ دەل كۈتكەن يېرىدىن چىققان بىر باش مىنىستېر بولغان. ئۇ باشقا پارتىيەلەردەك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىدلەيدىغان، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ئەيىبلەيدىغان ئىشلاردىن خالىي ھالدا ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارەتلىرى ئارقىلىق، گېرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى جەھەتتە بىرلىككە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلاپلا قالماي، بۈگۈنكىدەك پارچىلىنىپ يوقىلىشتەك تەقدىرى بىلەن شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنى خۇرسەن قىلغان بىر كىشىگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ سەۋەبىدىن يېشىللار پارتىيەسى تۈزگەن گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» مەغلۇپ بولغان.
د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۇنجى قېتىم ئولاف شولىز بىرلەشمە ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ھۆكۈمەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ كەڭ سەھىپە ئاجراتقان يېشىللار پارتىيەسىنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» شولىزنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن كۆپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە كېچىكتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئولاف شولىزدىن خالىي باشقا بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» ئىجرا قىلىنسا، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ مەنپەئەتلىك بولىدىكەن.
«گېرمانىيە تارىخىدىكى ئەڭ ناچار باش مىنىستىر» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئولاف شولىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئانچە بەك ئېتىبار بېرىپ كەتمىگەن ھەمدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئارتۇقچە بىلگەن بىر شەخس بولۇپ كۆرۈنۈپ كەلگەن. ئۇ گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، يېشىللار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر زاماندا، ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي گېرمانىيەنىڭ ھاممبۇرگ شەھىرىدىكى دېڭىز پورتىنىڭ 24.49 پىرسەنتلىك پاي چېكىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بەرگەن. بىراق ئۇ خىتايغا ھەرقانچە يېقىنچىلىق قىلىپمۇ كۈنسېرى چۆكۈۋاتقان گېرمانىيە ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ھۆكۈمەت يىمىرىلىپلا قالماي، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەۋجۇت بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ زىددىيىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىر مەزگىل ھۆكۈمەتتە جىددىي تېما ھالىغا كېلەلمىگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئولاف شولىز پارتىيەسىدىن باشقا پارتىيەلەرنىڭ باشچىلىقىدا يېڭى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلسا، بۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە مەنسۇپ بولغان بارلىق كىشىلەرگە نىسبەتەن بېسىمنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھەققىدە تەھدىتلەر سالماقتا. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، چۈنكى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك كىشىلىك ھوقۇققا قارشى جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە. ئۇ رايوندا يۈز مىڭلىغان ئىنسانلار جازا لاگېرلىرىغا قامالماقتا، ئاياللار مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىنماقتا».