ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە زوۋراۋان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئالىي يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان. مەزكۇر خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئەندىشىگە سالدى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلاشقاندا سەزگۈر بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولۇپ قالماسلىققا چاقىردى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يىغىندا قىلغان نۇتقىدا زوراۋانلىقنىڭ ئادالەت بولمىغان، پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي باراۋەرلىك بولمىغان شارائىت ئاستىدا پىشىپ يېتىلىپ چىقىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادالەت بەرپا قىلىپ، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. بىراق مەزكۇر يىغىنغا خىتاينىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى قاتناشمىغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون ماقالىسىدە، يىغىنغا خىتاي رەھبەرلەر قاتناشقان بولسا، ھېچ بولمىغاندا ئازراق بىر نەرسە ئۆگىنىۋالغان بولاتتى، دەيدۇ. سوفى رىچاردسون ئامېرىكىدا نەشىردىن چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا «غەربنىڭ قايمۇقۇشى» ماۋزۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىشىنىڭ خاتا بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. سوفى رىچاردسون ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن :
«ئامېرىكىدىكى ئالىي يىغىندا زوراۋانلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش پىكرى تەكىتلەندى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلامدۇ ياكى تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق پەيدا قىلىدىغان بېسىم سىياسىتىنى داۋام قىلىپ تۇرۇپ، پەقەتلا كۆرۈنۈشكىلا ھەمكارلىشىپ قويامدۇ، بۇ ئېنىق ئەمەس. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئاساسسىز ھالدا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى - ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا ھەرىكەت قىلىش نىيىتى يوقلۇقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. خىتاينىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تۇتۇۋاتقان يولى سىياسىيلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رايوندىكى نارازىلىققا يول ئېچىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.»
سوفى رىچاردسون ماقالىسى داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلىدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق بېسىم سىياسىتىنى ئاقلاشتىكى باھانىگە ئايلاندۇرۇۋالدى، ئۇيغۇرلار نەچچە ئون يىلدىن بېرى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتىدىن چەتكە قېقىلدى، دىن، مەدەنىيەت ۋە تىل ئەركىنلىكى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى مانا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئورنىغا، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قېچىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستىدى، ھەتتا بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىمۇ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى تالاش - تارتىشتىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى تېرور تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، دەپ بايان قىلغان.
سوفى رىچاردسون ئۆتكەن يىلى 1 - مارت كۈنى كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسى، كېيىن ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى ۋە ئەتىگەنلىك بازاردا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەمىنلىگەندىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەپسىلى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى ۋەقەنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەشكە قىستىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن :
«خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەلەرنى تېررورچىلار پەيدا قىلدى، دەيدۇ يۇ، بىراق ئۇنىڭغا ئىشەنچىلىك ئىسپات كۆرسەتمەيدۇ. خىتاينىڭ قاتتىق سىياسىيلاشقان ئەدلىيە سىستېمىسى بۇنداق ئەيىبلەشكە قارىتا مۇستەقىل بىر مەيداندا تۇرۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئۆزى ئادۋوكات ياللاش ئىمكانى بەرمەيدۇ. 2012 - يىلىدىن بېرى خىتايدىكى قانۇن دائىرىلىرى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش نامى ئاستىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى ئۆلتۈردى ۋە ساناقسىز ئۇيغۇرنى تېرورلۇققا چېتىپ تۈرمىگە تاشلىدى. لېكىن مانا بۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ۋە تۈرمىگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەقىقەتەن بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە مەسئۇلىيىتى بار - يوقلۇقى، سەۋەبنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى بولسا دۇنياغا نامەلۇم. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تىنچلىق بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قىلىنغان نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە سىياسىي نارازىلىق سەۋەب بولغان ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەش ئارقىلىق ھەقىقىي خەۋپنى ھەرگىزمۇ تېپىپ چىقالمايدۇ.»
سوفى رىچاردسون خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىدە يېزىلغان ماددىلاردا كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىدىغان ماددىلار بارلىقىنى، بۇ لاھىيىدە تېررورلۇقتىن ساقلىنىشنىڭ بىردىن - بىر كاپالىتى بولغان ئەمەلىيەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتۈنلەي رەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. سوفى رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە غەرب ھۆكۈمەتلىرى خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خىتاينى خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا كۆندۈرۈشكە پايدىلىق، دەپ قاراپ خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورتاق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. ئەمما 2014 - يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ئامېرىكا تەرەپ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى زوراۋانلىقنى يوقىتىشنىڭ ئاساسى، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بۇ سۆزلەر خىتاينىڭ سىياسىتىدە ئۆز ئەكسىنى تاپمىغان. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاقلاشقا پۇرسەت بەرمىگەن ئاساستا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟ سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلغان :
«خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىش سۆھبىتى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن تېررورلۇق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن داۋام قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈلۈپ چىقىپ، ئۇنى خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە يېزىپ چىقمىغىچە، ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تەربىيىلەش ۋە باشقا جەھەتلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشماسلىقى كېرەك. ھۆكۈمەتلەر چوقۇم خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىشقا، تېرورلۇققا ئائىت بارلىق سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى شۇنداقلا ئەركىن پىكىر قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان بارلىق مەھبۇسلارنى دەرھال ئازات قىلىشقا مەجبۇرلىشى كېرەك. بۇ ھۆكۈمەتلەر يەنە چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. خىتايغا يۇقىرىدىكى مەسىلىلەردە بېسىم ئىشلەتمەي تۇرۇپ ھەمكارلىشىمەن دېيىش ھېچقانداق ئۈنۈم ياراتمايدۇ.
سوفى رىچاردسون ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقاندا سەزگۈر بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن :
«مانا مۇشۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى نىقاب قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك ۋە ئۇلارغا قاتتىق بېسىم قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن - خىتاي ھۆكۈمىتى قىن - قىنىغا پاتمىغان ھالدا ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋام قىلىدۇ. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى بىر چەتكە تاشلىۋېتىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە كۆيۈۋاتقان قازانغا ماي قۇيغاندەك، زوراۋانلىقنى كۈشكۈرتىدىغان ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
0:00 / 0:00