«شىنخۇا تورى» نىڭ «شىنجاڭ: غەربىي دىياردا قەد كۆتۈرگەن ئاشلىق ئامبىرى» ناملىق ماقالىسىگە رەددىيە

0:00 / 0:00

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» دا 10-فېۋرال « شىنجاڭ: غەربىي دىياردا قەد كۆتۈرگەن ئاشلىق ئامبىرى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدا شى جىنپىڭنىڭ «1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە چوقۇم ئۆزىمىز كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. خىتاي خەلقىنىڭ تاماق قاچىسىنى خىتاينىڭ ئاشلىقى بىلەن تولدۇرۇش كېرەك» دېگەن سۆزى نەقىل قىلىنغان. ماقالىدا يەنە شى جىنپىڭنىڭ 2022-يىلى ئىيۇلدا ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان سەپىرىدە بىڭتۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈش، خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەرگەن يوليورۇقلىرى بايان قىلىنغان.

بىڭتۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن ئۆز ئالدىغا پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن بولغانلىقى ھەر كىمگە ئاياندۇر. يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر دېگەنلىكمۇ، ئەمەلىيەتتە تېرىلغۇ يەرلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىش ئارقىلىق، يۇقىرى مىقدار، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدىكى زامانىۋى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر سىستېمىنىڭ تېرىلغۇ يەر ئىشلىتىشىدە يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، يەرگە ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تېرىش ئالدىنقى ئۆلچەم قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى سۈپەتلىك يەرلەرگە كېتىدىغان سۇنى ئىشلىتىشتە، يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىدىن تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ تېرىلغۇ يەر قۇرۇلۇشىدا يول، سۇغۇرۇش، پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، توك مەسىلىسى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بولغان ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھەتتا سۈپەتلىك يەرلەرگە سېلىنىدىغان ئۇرۇق، ئىشلىتىدىغان ئوغۇت قاتارلىقلارغىمۇ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

قىسقىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەرلەر، تېرىقچىلىققا كېرەكلىك بولغان ئاساسىي ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە ئىلغار، يەر كۆپ ۋە سۈپەتلىك، تېرىلغۇ زىرائەتلەر ئەلا سۈپەتلىك بولۇشتەك تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە بۇ خىلدىكى «يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر» لەرنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ قىزىق يېرى شۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر» لەرگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دېمەك، بۇنداق يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە قوللاش ۋە ياردەم بىلەن خاتىرجەم تەرەققىي قىلىۋاتقان بىڭتۈەننىڭ ئىگىلىكىدىلا بولىدىغانلىقى تەبىئىي!

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغانلىقى ۋە تارتىۋېلىش كۆلىمىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىمۇ «خەلق تورى» نىڭ 2020-يىلى دېكابىر ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ئېنىق يېزىلغان. يەنى خەۋەردە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلىلەر كۆتۈرەگە ئالغان تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىش كۆلىمىنى 35 مىليون موغا يەتكۈزۈشنى 13-بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلىلەر كۆتۈرەگە ئالغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كۆلىمىنىڭ 10 مىليون موغا يەتكەنلىكى، بۇ سان ئائىلىلەر ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 35 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست 20 پىرسەنتىدىن كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. ھالبۇكى، «شىنخۇا تورى» نىڭ ماقالىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئاشلىق تېرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ شىددەت بىلەن ئاشقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە زور تەرەققىياتلار بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغان. لېكىن بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ كەينىدە، خۇددى «خەلق تورى» نىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغاندەك ھەقىقەتلەر مەۋجۇت. يەنى، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا دېھقانچىلىق كوپىراتىپلىرىغا ئەزا قىلىش ۋە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە ياقا-يۇرتلارغا يۆتكەش سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك خىتاينىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىنىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى بولغان.

«شىنخۇا تورى» ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاشلىق تېرىلغان يەرلەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە مەركەزلەشكەن ۋە ئۇلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى دېھقان ئىكەنلىكى بىر رېئاللىق. يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەجبۇرىي ئەزا قىلىپ قويۇلغان كوپىراتىپلار قارىماققا زامانىۋى دېھقانچىلىقنىڭ مەھسۇلىدەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە دېھقانلارنىڭ تۇپراققا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشتىكى قورالغا ئايلانغان. ئۇيغۇر دېھقانلار ئاللىبۇرۇن ئۆز تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، تۆۋەن كىرىملىك دېھقان ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىنى يوقاتقان. «شىنخۇا تورى» بولسا بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ ئەسلا ئېغىر ئاچمىغان.

كوممۇنىست خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى» ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تېخىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە گىرىپتار قىلغان. بولۇپمۇ زور ساندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەر يەرلەردىكى كارخانىلىرىغا يۆتكىلىپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇش قىسمىتىگە قالغان. بۇ خىل «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئىقتىسادىي كاپالىتى ياكى تەرەققىياتى يوق بولۇپ، پەقەت ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇشتىن باشقا رولى بولمىغان. ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلانغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. «شىنخۇا تورى» ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رېئاللىقىنى تىلغا ئالماي قالماستىن، ئەكسىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ ئېشىشىدەك يۈزەكى مەنزىرە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي قىسمەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» گە تايىنىپ ئىدارە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ئاستىدىكى نالىلىرىنى «بىخ ھالىتىدە» (مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش فېڭچياۋ تەجرىبىسىنىڭ جەۋھىرىدۇر) يوقاتقان. كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە سىستېمىلىق كۆزىتىش، كونترول قىلىش مېخانىزمى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ئاۋازىنى سىرتلارغا ئاڭلانمايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن. يەرلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر دېھقانلار بۇ سەۋەبلىك ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىسىمۇ، ئاۋازىنى ئىچىگە يۇتۇپ، مۇكەممەل بولغان ئىجتىمائىي كونتروللۇق ئاستىدا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. «شىنخۇا تورى» ئۇيغۇر دېھقانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مەسىلىلەردىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ، «دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھەقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىدەك ھەقىقەتكە كۆز يۇمغان.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن تارتىپ ئېلىنغان بۇ تېرىلغۇ يەرلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىقلار ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست خىتاي ۋە مەنپەئەتداشلىرىنىڭ چۆنتىكىگە كىرىدىغانلىقى تەبىئىي. شۇنداقلا بۇ ئاشلىقلارنىڭ بەھىرلەنگۈچىلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ شېرىكىگە ئايلىنىدىغانلىقى ئېنىق! بۇ ۋەجىدىن، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي بىلەن بولغان يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ھەرقانداق ھەمكارلىقلاردا چوقۇم بۇ ساھەنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان قانلىق قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇملارنى كۆز ئالدىغا ئېلىشى زۆرۈر.

«شىنخۇا تورى» نىڭ بۇ ماقالىسى گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى مول-ھوسۇللۇق ساختا مەنزىرە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يوشۇرۇپ قېلىشقا تىرىشسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە! چۈنكى ئاساسلىق نوپۇسى ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلىدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە بىڭتۈەن ۋە خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ زور كۆلەمدە كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىشىنىڭ ئۆزىلا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

بۇ ۋەجىدىن، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر سىياسىتىگە دىققەت نەزەرىنى ئاغدۇرۇش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققىگە ئېرىشەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئەكسىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولماسلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھاكىمىيەت مېخانىزمىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك!