«غەرب قىممەت قارىشىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىش تەشەببۇسى» ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ خەلق گېزىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، خىتاي مائارىپ مىنىستىرىنىڭ «ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىدە غەرب قىممەت قارىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چەتئەل دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتمەسلىك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كانسىپىك-لېكسىيىلىرىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس مۇنبىرىنى ھۆكۈمەتكە بولغان شەخسى نارازىلىق قاراشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرماسلىق» تەشەببۇسى ئېلان قىلىندى. خىتاي ئالىي مائارىپىدا يولغا قويۇلۇش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بۇ خىل «غەرب قىممەت قارىشىنى مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىش» تەشەببۇسى نۆۋەتتە خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

2015-يىل 19-يانۋار خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «ئالىي مەكتەپلەردە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەربىيىنى كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر» ناملىق ھۆججەتتە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،« ئالىي مەكتەپلەردە كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈلمىسىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى بەرپا قىلىش» چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 29-يانۋار كۈنى يەنە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. يۈەن گۈيرېن سۆزىدە « ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دەرسلىك كىتاب ۋە سىنىپتىكى لېكسىيىنىڭ مەزمۇنىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش؛ چەتئەللەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتكەندە، غەرب قىممەت قارىشى تەشۋىق قىلىنغان دەرسلىكلەرنىڭ جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيلىن سۆزىدە يەنە «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تازىلاش كېرەك. ھەر خىل يوللار ئارقىلىق پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە تۆھمەت قىلىدىغان،سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى قارىلايدىغان، قانۇنغا خىلاپ سۆز ‏-ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، دەرس مۇنبىرىنى ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇۋالغان ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس مۇنبىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش كېرەك» دېگەن.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تارقاتقان ھۆججەت ۋە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيلىننىڭ تەشەببۇسى خىتاي خەلق تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خىتايدىكى خەلق تورى، سىننا تورى، تېڭشۈن قاتارلىق ئاممىۋى تورلاردا يېزىلغان نارازىلىق ئىنكاسلىرىدا ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزلىرىدا، خىتاي زىيالىيلىرى پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ غەرب دەرسلىك كىتابلىرىغا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لېكسىيىلىرىنىڭ مەزمۇنىغا چەك قويۇش تەشەببۇسىنى تەنقىدلىدى.

9-فېۋرال تيەنجىندىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى گۇڭ كې، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جۇ جىۋېن قاتارلىق 10 نەچچە زىيالىي خەلق گېزىتىنىڭ تارمىقىدىكى خەلق تورىدا «يېڭى ۋەزىيەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ئىشلەش» تېمىسىدا ئوچۇق خەت شەكلىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغان.

9-فېۋرال خىتاينىڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى گۇڭ كې خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»دە پىكىر بايان قىلىپ، ھۆكۈمەتنى زىيالىيلار سىياسىتىدە، تارىختا يۈز بەرگەن سولچىل ئاغمىچىلىقنى تەكرارلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. گۇڭ كېنىڭ سۆزى 11-فېۋرال كۈنى خەلق تورىدىن ئېلىۋېتىلگەن، ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق كۆپلىگەن مەتبۇئاتلار 9-فېۋرالدىكى مۇنازىرىنىڭ تەپسىلاتىنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە گۇڭ كېنىڭ خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەشۇببۇسىنى تەنقىدلىگەن سۆزلىرىدىن «مەن يېقىندا مەزكۇر گېزىت ۋە بىرقانچە مەتبۇئاتلاردا بەزىلەرنىڭ ‹ئوقۇتقۇچىلار سېپىنى تەلتۆكۈس رەتلەش، تازىلاش› تەشەببۇسىنى كۆردۈم، مەن بۇ خىل قاراشقا قوشۇلمايمەن. چۈنكى 1957-يىلى ۋە 1966-يىللىرى بۇ خىل سولچىل تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگو زىيالىيلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىلگەن ئىدى. مەن ھۆكۈمەتنى زىيالىيلار سىياسىتىدە تارىختا يۈز بەرگەن «سولچىل ئاغمىچىلىق»نى قايتا تەكرارلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 10-فېۋرالدىكى سانىدا «ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سولچىل ئاغمىچىلىقنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە خىتاي مائارىپ ساھەسىدە دېموكراتىيىنى چەكلەش خاھىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،« خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا غەرب دەرسلىكلىرىنى تازىلاشنى تەشەببۇس قىلماقتا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز پىكىر قاراشلىرىنى دەرس مۇنبىرىدە ئەركىن ئىپادىلىشىنى چەكلىمەكتە» دېگەن بايانلار بېرىلدى. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە يەنە، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جۇ جىۋېننىڭ «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇنبەردە ئۆز پىكىر -قاراشلىرىنى ئەركىن ئىپادىلىشىگە يول قويۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن مۇستەقىل تەپەككۇر قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق» دېگەن سۆزلىرىمۇ نەقىل ئېلىنغان.

تېڭشۈن، سىننا تور بېكەتلىرىدە ئىنكاس يازغان خىتاي تورداشلىرى خىتاي مائارىپ مىنىستىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان چەكلىمىلىرىنى ئەيىبلەپ،«ئەگەر ئالىي مەكتەپلەردە دەرسلىك مەزمۇنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لېكسىيىلىرى مۇشۇ ئۆلچەملەر بويىچە چەكلەنسە، جۇڭگودا قايتىدىن مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى زىيالىيلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىشى مۇمكىنلىكى»نى ئەسكەرتىپ، بۇ خىل سولچىل ئاغمىچىلىقتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يەنىلا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا قويغان « غەرب ئىدېئولوگىيىسىنى ئالىي مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىش» تەشەببۇسى تەكىتلەنمەكتە. خىتاي خەلق گېزىتىدە 12-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى« ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش تەشەببۇسىغا بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. سۇڭ گاۋ ئىسىملىك ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدە نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى گۇڭ كې قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى ئاشكارا تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما ماقالىدە « قانداق قىلغاندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئالىي مەكتەپلەرنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقى ئالدى بىلەن شۇ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇنەسىۋەتلىك. سوتسىيالىستىك تۈزۈلمىنى ھىمايە قىلىش نۆۋەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە تەكىتلىنىدىغان مۇھىم نۇقتا. ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە غەرب قىممەت قارىشىنى ئەمەس، بەلكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى يادرو قىلغان ئىدىيە بىلەن تەربىيىلەنگەن ياشلارنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. ئەمما بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى ھازىر يەنىلا بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمىدى» دېگەن تەنقىدلەر بېرىلگەن.

نۆۋەتتە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «غەرب قىممەت قارىشىنى ئالىي مەكتەپلەردىن تازىلاش» تەشەببۇسى، بۇ تەشەببۇسنىڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئىجرا ئەمەلىيىتى ۋە بۇنىڭغا قارىتا خىتايدىكى زىيالىيلارنىڭ قانداق ئىنكاستا بولۇشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولماقتا.