بەلكىم مۇھەببەت شۇنداق يازغۇزغاندۇ

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2021.10.04
gheyretjan-osman-1.jpg

پروفېسسور غەيرەتجان ئوسمان.

gheyretjan-osman-2.jpg

پروفېسسور غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى.

gheyretjan-osman-3.jpg

پروفېسسور غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى.

gheyretjan-osman-4.jpg

پروفېسسور غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى.

gheyretjan-osman-5.jpg

پروفېسسور غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى.

gheyretjan-osman-6.jpg

پروفېسسور غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى.

پروفېسسور غەيرەتجان ئوسمان 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يازغان، ئون نەچچە پارچىدىن ئارتۇق كىتابقا قەلەم تەۋرەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەتى، ئىقتىسادى، يەر ناملىرى، ھۈنەرۋەنچىلىكى، كانچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى ماقالىسى «ئاياللارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنى ۋە رولى» غا بېغىشلانغان بولسا، ئاخىرقى ماقالىسى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىلىرى ھەققىدە ئىدى. ئۇنىڭ قەلىمى ئاپرىنچور تېكىندەك مىڭ يىل بۇرۇنقى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىلا ئەمەس، يېنىدىكى ئۇستازى ۋە ساۋاقدىشى توغرىلىقمۇ يورغىلىغان ئىدى.

مېنىڭ ساۋاقداش ئوقۇتقۇچۇم

غەيرەتجان ئوسمان دەسلەپتە ماڭا ھەم ئوقۇتقۇچى ھەمدە ساۋاقداش بولغان ئىدى. بۇ مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىقنى باشلىغان 1998-يىلىدىكى ۋاقىت ئىدى. بىز ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئاچقان پارسچە كۇرستا بىللە ئوقۇغان ئىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ «پارسچە ئەسەر يازغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى» دېگەن بىر ماقالە ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىر پارچە ماقالە ئۈچۈن يات بىر تىلنى ئۆگىنىش دېمەك ئاسان بولغان بىلەن قىلماققا ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. كېيىنچە بۇ ھەقتە بىر كىتاب يېزىش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چەت تىللاردا ئەسەر يېزىپ ئالقىشلانغان تارىخىنى يورۇتماقچى بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدى. راست دېگەندەك ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئۇنىڭ پارسچە كىتاپ يازغان، خىتايچە ئەسەر يازغان ۋە ئەرەبچە يازغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ھەققىدە ماقالە يازغانلىقىدىن ۋاقىپ بولدۇم.

ۋاپادارلىقنىڭ تەبىرى

غەيرەتجان ئوسمان ماڭا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دېگەن دەرستىن لېكسىيە بەرگەن ئىدى. ئۇ دەرستە ئۇيغۇر كىلاسسىكلارنىڭ ۋاپا، ۋاپادارلىق، بىۋاپالىق ھەققىدە كۆپ يازغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ بېرەتتى. بەزىدە ئۇ ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا ۋاپا بۇرچىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرىشىت ئىسلام «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان بىرتەتقىقاتچىلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر ئۆلىما ئىكەن. مەرھۇم ئۇستاز ئەينى چاغدا تېخنىكوم مەلۇماتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ تىگىشلىك ئۇنۋانغا ئېرىشەلمىگەن، مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەمىناتلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولالمىغان ئىكەن. ئ‍ۇ شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ شۇ ئادالەتسىزلىك ئالدىدا ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلالىغانلىقىنى پۇشايمان بىلەن ئەسلەپ بەرگەن ئىدى.

غەيرەتجان ئوسماننىڭ ساۋاقدىشى يارمۇھەممەت تۇغلۇق، ئۇستازى ئابدۇرىشىت ئىسلام، تەتقىقاتچى، ئىنقىلابچى ئۇيغۇر سايرانى توغرىلىق يازغان ماقالە ۋە ئەسلىمىرىگە چوڭقۇر مۇھەببەت، ئىھتىرام ۋە سېغىنىشنىڭ سىڭگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. قارىغاندا، ئۇ دەرستە سۆزلىگەن ۋاپا ئوقۇمىنى قانچە ئۇزاق تەپەككۇر قىلغان بولسا، شۇنچە چوڭقۇر ھېس قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەنچە ئۇ ئۇيغۇر ئەدىبلەرنىڭ ۋاپا ۋە ۋاپادارلىق تېمىسدىكى ئەسەرلىرىدىن سۆيۈنگەنلا ئەمەس شۇ ئۇقۇملارنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ماڭغان ئىكەن.

تەۋەرۈكلەرنى تەرگەنىكەن

غەيرەتجان ئوسمان يازغان تېمىلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمىزدە ئۇنى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ مەسئۇلىيەتچان پۈتۈكچىسى، تەۋەرۈكلەرنىڭ تەرگۈچىسى دېگۈمىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مىڭ يىللاردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن كەنت ۋە يېزىلار ھەققىدە يازغان «قازىئېرىقنىڭ تۇماقچىلىقى ۋە تۇماقچىلار»، «ئوپالنىڭ 40-يىللاردىكى سەنئەت ئىشلىرى»، «يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ بىنا قىلىنىشى» دېگەن ماقالىلىرى ئەجداتلاردىن قالغان مىراسلارغا بولغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئىپادىسى. بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرچە كەنت مەھەللىلەر چېقىلىۋاتقان، ئەجدات ئىزلىرى ئۆچۈرۈلىۋاتقان كۈنلەردە يۇقىرىقى ئەمگەكلەرنىڭ قىممىتى تېخىمۇ بىلىنىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى يىڭنە بىلەن قازغان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىنى پۈۋلەپ ئېنىقلىغان، ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، دەردىگە دەرتلەنگەن بۇ ئۇستاز، بېشىغا بىرەر خەۋپ يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالغاندەك تىنىمسىز تەر تۆككەن ئىكەن. ئۇ مىراسلارنى ئۆزى ساقلاپ قالالمايدىغانغا كۆزى يەتكەچكە، يېزىقچە قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق بارلىق تېمىلاردا قەلەم سۈرگەن ئىكەن.

غەيرەتجان ئوسماننىڭ 40 يىللىق ھاياتى دەرس مۇنبەرلىرىدە، يېزىق ئۈستەللىرىدە ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭ يازغان ماقالە، ئوبزۇر ۋە كىتابلىرى ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرغان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا چىقىدىغان ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر بارلىق گېزىت-ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، پۈتۈنلەي تەشىۋىقات تۈسىنى ئالمىغان بارلىق مەتبۇئاتلاردا ئۇنىڭ ئ‍ەسەرلىرى بېسىلغان ئىدى.

غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئەجرى ئۇنى ياپونىيە، تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردە لېكسىيە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالەسى تېمىسىنىڭ ھەر خىللىقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ يېزىپ چىققان 10 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب، 20 پارچىدىن ئارتۇق يېزىلىشغا ئىشتىراك قىلغان يىرىك ئەسەرلەر مەنچە بىر مۇھەببەتنىڭ مېۋىسى ئىدى. بەلكىم بۇ مۇھەببەت ئۇنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغاندۇ.

غەيرەتجان ئوسماننىڭ «قەدىمكى تارىم مەدەنىيەتى»، «ئۇيغۇرلار غەربتە ۋە شەرقتە»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيەتىگە دائىر مۇلاھىزىلەر» دېگەن كىتابلىرى ۋەتەندە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ كىتابلارنىڭ مۇھاجىرەتتە بېسىپ تارقىتىلىشى ئاپتورنىڭ ئەجرىگە بولغان بىر ئېتىراپنىڭ بىشارىتى، ئ‍ەلۋەتتە.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.