1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسى تۈركىيەدە ئەڭ ياخشى بىلىنگەن ۋەقەلەردىن بىرى، مەزكۇر ۋەقەگە تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.
تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، غۇلجا ۋەقەسىدە ئۆلگەن شېھىتلەرنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، غۇلجا ۋەقەسىدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كۆپ ساندا بىگۇناھ ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىشقا چاقىردى.
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرىنىڭ ئىستانبۇل پەندىك شۆبىسى ۋە بافرا شۆبىلىرى ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ غۇلجا ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرنى خاتىرىلىدى. تۈركىيەنىڭ ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان مارمارىش شەھىرىدىمۇ غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتلەرگە تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئورۇن بەردى.
پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئورنى توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.
ئۇنداقتا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنى نېمە؟ بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى نېمە؟ غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ھاجىتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجا ۋەقەسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم جاكارلىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھامۇت گۆكتۈرك بولسا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى پاكىتلار بىلەن خەلقئاراغا تونۇتقان تۇنجى ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.