تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان قەدىمىي گىلەملەر

ئوبزورچىمىز نەۋباھار
2022.07.18
kiroren-qedimi-gilem.jpg كروراندىن تېپىلغان قەدىمىي گىلەم پارچىسى ئەۋرىشكىسى.
British Museum, Londra

تارىم ئويمانلىقى تارىختىن بېرى شەرق بىلەن غەربنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا رول ئويناپ كەلگەن يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن بېرى بۇ جايدا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەجدادلىرى ياشاپ كەلگەن ۋە تارىم مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارقىلىش ئېغىزى بولۇپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، غەربلىك سەيياھلارنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا بولغان قىزىقىشى ئەۋجىگە چىقىپ، تارىم ئويمانلىقىغا بېرىپ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرى سىستېمىلىق تەتقىقات ھالىغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ھوسۇلغا ئېرىشكەن ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلاردىن ئەنگلىيەلىك ئاۋرېل سىتەيىن ۋە شىۋېتسىيەلىك سۋېن ھېدىن بولۇپ، نىيە، يۆتكەن، كروران ۋە قارادۆڭ خارابىلىرىدىن يازما ۋەسىقىلەر، ھەيكەللەر، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلەر ۋە توقۇلما بۇيۇم قاتارلىقلارنى ياۋروپا ئەللىرىگە ئېلىپ كەتكەن. ھازىر ئەنگلىيەدىكى بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيى، ۋىكتورىيە ئالبېرت مۇزېيى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئېتنوگرافىيە مۇزىيېدا ئۇلار ئېلىپ كەلگەن بىرقىسىم قەدىمكى گىلەم، پالاس پارچىلىرىدىن ئۆرنەكلەر ساقلانماقتا.

سىتەيىن كوللېكسىيونىدا ساقلىنىۋاتقان تارىم يۇڭ گىلەم پارچىلىرىنىڭ ئىچىدە كروران خارابىلىقىدىن تېپىلغان يۇڭ گىلەم پارچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش تارىخى مىلادىيە 200-يىلىدىن 400-يىلىغىچە بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى گىلەم دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پازىرىق قورغانى خارابىسىدىن تېپىلغان مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 400-يىلىدىكى قەدىمىي گىلەمدىن قالسىلا تارىخى ئەڭ ئۇزۇن تىۋىتلىق گىلەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە شەرق گىلەم مۇتەخەسسىسلىرى 15-ئەسىردىن ئىلگىرى شەرقتە تىۋىتلىق يۇڭ گىلەم يوقلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى خارابىلەردىن تېپىلغان گىلەم پارچىلىرى بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىدىغان پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

نىيە خارابىلىكىدىن تېپىلغان قەدىمىي پالاس پارچىسى.
نىيە خارابىلىكىدىن تېپىلغان قەدىمىي پالاس پارچىسى.
British Museum

نۇسخا ئالاھىدىلىكلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ گىلەم نۇسخىلىرىنى خەلقنىڭ ھەر بىر دەۋردىكى دىنىي ئېتىقادىغا ئاساسەن ئۆزگەرگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى شامان دىنى، مانىي دىنى، زوروئاستىر دىنى ۋە بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئىشەنگەن. بۇ سەۋەبتىن، شامان دىنىدىكى توتېم ئىبادەتلىرى ۋە بۇددا دىنىدىكى ئىنسان مەركەز قىلىنغان مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى دېيەلەيمىز.

بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىدا 11 پارچە تارىم يۇڭ پالاس ئەۋرىشكىلىرى ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر دانىسىنىڭ رەڭلىرى مۇكەممەل ساقلانغان، تەكرارلانغان گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەر ۋە «كرېست» شەكىللىك سىزىقلاردىن تەشكىل تاپقان نۇسخىلار ئۇچرايدۇ. بۇ خىل پالازلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كېپەن رولىنى ئۆتىگەنلىكى ئېھتىماللىققا يېقىن.

يەنە بىر كۆپ كۆرۈلىدىغان نۇسخا ئەگرى كىرىسىت بەلگىسى يەنە سىۋاستىكا بەلگىسى بولۇپ، قەدىمكى خوتەندە ھىندى دىنىنىڭ ھەيكەلتىراشلىق ۋە رەسساملىقتىلا ئەمەس، بەلكى توقۇمىچىلىق سەنئىتىگىمۇ مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

كروراندىن تېپىلغان گىلەم پارچىسى.
كروراندىن تېپىلغان گىلەم پارچىسى.
Museum of Ethnography, Sweden

ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي رولى

ئارخېئولوگ ۋە توقۇمىچىلىق مۇتەخەسسىسى ئېلىزابېت ۋايلاند باربېر ئۆزىنىڭ تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان مۇمىيالار ھەققىدە يازغان «ئۈرۈمچى مۇمىيالىرى» ناملىق كىتابىدا كروران خەلقىنىڭ توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئىختىراچىسى ئىكەنلىكىنى، كروران خەلقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يۇڭلارنى تۈرگە ئايرىپ ئىشلىتىشنى بىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

تارىخىي ماتېرىياللار بىزگە تارىم ئويمانلىقىدىكى رايونلاردا گىلەم، يۇڭ رەخت، پاختا رەخت ۋە يىپەك رەختلەرنىڭ باج ۋە پۇل تۆلەش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. قارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغان بىر پارچە خوتەن ۋەسىقىسىدە بىر «ئالتۇن تەڭگە» نىڭ قىممىتى 13 قول ئۇزۇنلۇقتىكى گىلەمنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ بىزگە تارىم گىلەملىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەك بەلگىسى ھېسابلىنىدىغان بىر تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تارىمدىن تېپىلغان قەدىمىي گىلەملەر ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر يۇقىرى باھالارنى بەرگەن بولۇپ، مىلادىيە 300-يىللاردىلا تارىم ۋادىسىدىكى ھۈنەرۋەن-سەنئەتكارلارنىڭ ھازىر دۇنيادا مەۋجۇت سەككىز خىل توقۇمىچىلىق تېخنىكاسىنىڭ تۆت خىلىنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لوپنۇر تەۋەسىدىن تېپىلغان ئاز دېگەندە 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدىكى كەندىرنى خام ماتېرىيال قىلغان توقۇش تېخنىكىسى پەقەتلا لوپنۇر رايونىغا ئائىت بولۇپ، لوپنۇر تەۋەسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەزەلدىنلا بۇ جايلاردا ياشاپ ئۆتكەن خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ لوپنۇر خەلقىنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى ئېنىقلاشتىمۇ مۇھىم پاكىت بولالايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يەنە تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن يۇڭ گىلەم، كىگىز، پالاس قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزىنى قامداشتىن ئېشىنىپ، يىپەك يولى ئارقىلىق خىتايلار ياشىغان رايونلار ۋە باشقا خانلىقلار بىلەن مال ئالماشتۇرۇش سودىسىدا بولغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئەزەلدىن يۇڭ توقۇلما تېخنىكاسىنى قوللىنىپ باقمىغانلىقى، پەقەت ئىمپورت ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا يۇڭ توقۇلما بۇيۇملارنى قوللانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان قەدىمكى گىلەم ئەۋرىشكىلىرى بىزگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مۇھىتىدا يارىتىلغان، تەرەققىي قىلغان تېخنىكىنىڭ قەدىمكى ئۆرنەكلىرىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردىن بىزگە يېتىپ كەلگەن گىلەم تېخنىكىسى، توقۇمىچىلىق قوراللىرى ھەققىدىكى سۆزلەم ۋە ئاتالغۇلار، كروران ۋە قەدىمكى خوتەن رايونىدا ياشىغان خەلقنىڭ يۇڭ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ مۇكەممەل دەرىجىگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

ئەمما خىتاي دۇنياغا ئۇيغۇر گىلەملىرىنى جۇڭخۇا گىلەمچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى دەپ تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن تېپىلغان قەدىمىي گىلەملەرنى خىتاي تارىخىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش ۋە تونۇشتۇرۇش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان بارلىق ئىختىرا ۋە مەدەنىيەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش نىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى «تارىخنى پەردازلاش» نەيرىڭىنىڭ بىر ئىپادىسىدىن ئىبارەت.

شۇڭا تارىم ئويمانلىقىدىكى يۇڭ توقۇمىچىلىق تېخنىكاسى ياكى گىلەم توقۇش تېخنىكاسى خىتاي داۋراڭ سالغاندەك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىرقىسمى ئەمەس، ئەكسىچە ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىدىن بولغان ئەجدادلىرى دەپ قارالغان كىشىلەر تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان ۋە قوللانغان تېخنىكا دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.