مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر بىرلىشىپ بىر بىرلەشمە جەمئىيەت قۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتچىلار ۋە ئۇيغۇر ئاكتىپلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر جەمئىيەتنى قۇرۇشتىن مەقسەت بۇندىن كېيىكىنى سىياسىيسىي دەۋادا تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈم يارىتىش ئىكەن.
ئورتاق نۇقتىلاردا ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك سىستېمىلىرىنى بەرپا قىلىپ، شەخسىي ۋە خاس ھالدىكى دەۋا پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئاكتىپلارنىڭ يەنە بىر تاللىشى بولماقتا. ئىلگىرىكى ھەر مىللەت-ھەر قۇۋۇم ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقىنى بايقىغان پائالىيەتچىلەر، دەۋا يوللىرىدىكى تەقدىرداشلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بۈيۈك بىر سەپ ھاسىل قىلماقتا.
يېقىنقى زامانلاردىن بىرى دىنىي جەھەتتىكى قېرىنداشلار ئىتتىپاقى بولسۇن، مەيلى مىللەت تەۋەلىكىدىكى قانداشلىق بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت نامى بىلەن شۇ ساھەلەردە يەر ئېلىشى بارغانسېرى كۆلەملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
گوللاندىيىدە تۈرك سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاكتىپلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن جەمئىيەت ئەزالىرىدىن بۇرھان جارلاق ۋە سادىقجان سەلەي ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. بۇرھان جارلاق ئەپەندى مەزكۇر «ياۋرو-ئاسىيا تۈرك بىرلىكى ئىتتىپاقى» نىشان قىلىنغان جەمئىيەت ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ۋەكىللىرى ۋە شەخسىي ئاكتىپلىرىدىن توپلانغان بىرلەشمە جەمئىيەتتۇر. ئۇنىڭدا تۈركىيە ۋە تۈركىيەنىڭ سىرتلىرىدىكى تۈرك تۇپراقلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان، ئەزەربەيجان، بالقان، ئىراق تۈركمەنلىرى ۋە ئافغانىستان تۈركمەنلىرى قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئاكتىپلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ياردەملىشىش ۋە قول تۇتۇپ تەڭ يۈكسىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان توپلامدۇر. ئۇنىڭدا ھېچكىم-ھېچكىمنىڭ ئۈستىدە ئەمەس، بىز خۇددى بىر تۇغقاننىڭ بالىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىپ، دەۋالىرىمىزنى تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ۋە تونۇتۇش يولىدا، ئىمكانلىرىمىزدىن تەڭ پايدىلىنىش ۋە پايدىلاندۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ قۇرۇلغان جەمئىيەتتۇر.
بىز ھەممىمىز بىر بىرىمىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى، تارىخىمىزنى، غەملىرىمىزنى ۋە ئىمكانلىرىمىزنى بىلىشىمىز لازىم. تونۇشىمىز لازىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر توپلام ھاسىل قىلىپ داۋاملىق ئۇچۇرۇشۇپ تۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر قۇرۇلۇشنى بەرپا قىلىۋاتىمىز. مەيلى تەشۋىقات ساھەسىدە بولسۇن، مەيلى ئىجتىمائىي ياكى سىياسىي پائالىيەت بولسۇن پۇرسەت بىلىشكە تېگىشلىك ھەممە تۈرلەردە ياردەملىشىشكە چاقىرىق قىلىدىغان بىر قۇرۇلۇش بولغۇسى دەپ كېلىۋاتىمىز.
-قانچىلىك ئەزالىرىڭىز بار؟
-ئۇيغۇرلار، قىرىم تۈركلىرى، ئىراق تۈركلىرى، ئەزەرى تۈركلىرى، ماكېدونىيە، بۇلغارىيە ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەردىن ئەزالىرىمىز بار. قازاقلارمۇ بار. ئىشقىلىپ بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىمىز.
-ئۇيغۇرلار بۇ گۇرۇپپىغا قاچاندىن بىرى قوشۇلدى؟ قانداق رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ؟
-ئۇيغۇرلار بۇ ئىشنىڭ بېشىدىن تارتىپ بار ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ كۆزىمىزنىڭ قارىسىغا ئوخشاشتۇر. جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن ئۇزاق بولسىمۇ، پىكىر جەھەتتىن، زىكىر قىلىنىش جەھەتتىن ئەڭ يېقىن قېرىنداشلىرىمىزدۇر. بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تىلەكداشمىز. ئارىمىزدا بىر ئۇيغۇر دوستمىز بار.
-مىللىي ۋە دىنىي بىرلىك ئاساسىدىكى بۇنداق بىر توپلام قۇرۇلۇشى گوللاندىيىدەك بىر دۆلەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىمامدۇ؟ يەنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا، دۆلەت تەرىپىدىن زەربىگە ئۇچراشتىن قورقۇشتەك بىر ھېس بار. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
-تۈركلەرمۇ 50 يىلنىڭ ئالدىدا بۇ يەرگە كەلگەندە سىلەردەك ئاز ئىدى. ھازىر 2000 غا يېقىن ۋەتەنداشلىرىڭىز بارلىقى مەلۇم. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقىنى ئاللا ئۆزى بىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولسۇن، ياكى باشقىچە ئۆزگىرىش قىلسۇن بەرىبىر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردىكى يىلتىزى قۇرۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي خاسلىق جەزمەن ساقلىنىشى لازىم. بىزغۇ داۋاملىق مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىنشا ئاللا شۇنداق بولغۇسى. بۇ يەردىكى قانۇن مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ يەر دېموكراتىك بىر دۆلەتتۇر. بۇنداق ئىشلارغا راھەتسىز بولمايدۇ. گوللاندىيەلىكلەر بۇنىڭغا ئوخشاش ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە غەلىبىلىك پائالىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ھەرگىز قارشى ئەمەستۇر.
-سىز ئۇيغۇر دەۋاسىنى قاچاندىن بىرى بىلىسىز؟
-دۇنياغا كۆز ئاچقىنىمدىن بىرى، بىز پۈتۈن تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قارىتا سەگەك بىر كۆزىتىش باردۇر. قەيسەرىي شەھىرىدىمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بار. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى؛ تارىخ، جۇغراپىيە ۋە باشقا جەھەتلەردە تولۇق بىر چۈشەنچىسى بولمىسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.
مەزكۇر جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك خىزمەتلەرنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان سادىقجان سەلەي ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى تەسىرىنى چوڭايتىشقا مەزكۇر بىرلىكنىڭ ئالاھىدە رولى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كەلگۈسىدىكى ئۈمىد-تىلەكلىرى ھەققىدە توختالدى.