ئۈرۈمچىدىكى لاگېر ۋە يېقىن ئەتراپتىكى گۇمانلىق ئورۇنلار سىستېمىلىق بىر گەۋدىمۇ؟

0:00 / 0:00

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» ناملىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ خادىملىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان خوڭيەنچى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى لىنىيە بويىچە دائىرىدىكى جايلاشقان گۇمانلىق ئورۇنلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى بىر مەزگىللىك كۆزىتىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلارنى بايقىغان ئىكەن. مەزكۇر ئورۇننىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى 310-يول قاتناش ئاپتوبۇسىنىڭ قارلىغاچلىق يولى ئاخىرقى بېكىتىگە جايلاشقان ھەربىي گازارمىغا يانداش، قورشاۋغا ئېلىنغان بىر لاگېر بايقالغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى رەت-رەت بىنالار ۋە قورشاۋ تام، كۆزىتىش مۇنارلىرى، مەيدان قاتارلىق نۇقتىلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلەردە ئىپادىلەنگەن نۇرغۇن نۇقتىلار، ھەربىي گازارمىغا يانداش سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

لاگېردىن باشقا نۇرغۇن گۇمانلىق ئورۇنلار بىر دائىرىگە ئورۇنلاشقان

تەڭرىتاغ رايونىدىكى بۇ لاگېرنىڭ 3 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى دائىرىدە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن بايقالغان مۇھىم نۇقتىلارنى ساناپ ئۆتكەن بەختىيار ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بىر قۇرۇلۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى مەزكۇر لاگېرنىڭ ئورنى بىلەن ئىنتايىن يېقىن. ھەربىي گازارما، قەبرىستانلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئورنى 1 كىلومېتىر دائىرە ئىچىگە جايلاشقان. كىشىدە گۇمان قوزغايدىغىنى ئۇنىڭ 50 مېتىر نېرىسىدا يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئەدلىيەلىك ئاناتومىيە تەجرىبىخانىسى (乌鲁木齐市公安局法医解剖室) بارلىقى مەلۇم بولغان.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان خوڭيەنچى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى لىنىيە بويىچە بايقالغان لاگېرنىڭ كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى ئاپرېل.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ كۆزىتىشىچە، تەڭرىتاغ رايونىنىڭ قارلىغاچلىق يولىنىڭ ئاخىرىغا جايلاشقان بۇ ھەربىي گازارما دائىرىسىدىكى لاگېرنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ب بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن قارىغاندا، تۇتۇپ تۇرۇش بىناسىنىڭ ئومۇمىي سانى 3، تۇتۇپ تۇرۇش ئۆيىنىڭ ئومۇمىي سانى 64، دائىرىسىگە قاراپ تۇتۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھېسابلىغاندا، مىڭ نەپەردىن بىر مىڭ 8 يۈزگىچە ئادەم تۇتۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى تەخمىنلەشكە بولىدىكەن. بۇ جايدا لاگېر قۇرۇلۇشى باشلىنىش ۋاقتى 2017-يىلى 1-ئاي بولۇپ، شۇ يىلى 6-ئايدا ئىشقا كىرىشكەن. ئەمما لاگېرلارنىڭ قورشاۋ تاملىرىغا بېكىتىلگەن پولات كەپشەرلىك رېشاتكا ۋە توسۇقلار 2020-يىلى 15-ئىيۇندىن باشلاپ ئېلىۋېتىلگەن.

ھەربىي گازارمىغا يانداپ سېلىنغان بۇ لاگېرنىڭ ئۇدۇلىدا بىر كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان ئارىلىقتا يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنى دەپ گۇمان قىلىشقا بولىدىغان بىر زاۋۇت جايلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئالاقىدار خەرىتىلىرىدىن 2017-يىلى، 7-ئايدىن باشلاپ 2 زاۋۇت قۇرۇلۇشى كېڭەيتىلگەن. ئېنىقلاشلىرىمىز جەريانىدا لاگېرنىڭ يېنىدىكى بۇ زاۋۇتنىڭ «شىنجاڭ تەڭرىتاغ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ يېڭى تام ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى» ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

قەلبىنۇر سىدىق: بۇ دەل ئېرىم ئىشلىگەن زاۋۇت شۇ

بۇ شىركەت نامى ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئېرىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى بىلەن ئوخشاش. ئۇ ئىلگىرى ئېرىنىڭ ئۆزىگە بۇ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتىغا 2017-يىلىدىن باشلاپ جەنۇبتىكى ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردىن 114 دىن ئارتۇق ياش تۇتقۇنلار ئېلىپ كېلىنىپ، مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت يوقلۇقى ۋە ناھايىتى قاتتىق باشقۇرۇلىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغانىدى. قەلبىنۇر سىدىق خانىمغا بۇ زاۋۇتنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ۋە ئادرېسلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكىنىمىزدە، ئۇ دەرھاللا بۇ زاۋۇتنىڭ دەل ئېرى خىزمەت قىلىۋاتقان شۇ زاۋۇتنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى دەلىللىدى.

لاگېرغا يېقىن قۇرۇلۇش زاۋۇتىدا ھەر جايلاردىكى لاگېردىن كەلگەنلەر ئىشلەيدۇ

بىرقانچە كۈنلۈك تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە «شىنجاڭ تەرىتاغ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى يېڭى تام ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى» نىڭ تېلېفونى ئۇلاندى.

زاۋۇتنىڭ تېلېفوننى ئالغان خادىمى، بۇ زاۋۇتقا ھەممە جايدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىن كەلگەن ئىشچىلار بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، يېنىدىكى لاگېردىن بۇ زاۋۇتتا قانچە ئادەم ئىشلەيدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، تېلېفوننىڭ چەتئەلدىن كىرگەن تېلېفون ئىكەنلىكىنى بىلىپ جاۋاب بەرمەي تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

-بۇ تەڭرىتاغ يېڭى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتىمۇ؟

-ھە شۇنداق.

-زاۋۇتۇڭلارنىڭ ئورنى نەدە؟ ئېنىقراق دەپ بېرەمسىز؟

-خۇڭيەنچى كۆلىنىڭ ئۈستىدە 2-ئېلېكتر زاۋۇتىغا يېقىن يەردە، ئادرېسىمىز يېن ئېر ۋو(قارلىغاچلىق) يولى 260-قورۇ.

-زاۋۇتۇڭلاردا ئۈرۈمچىدىنمۇ باشقا ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردىكى كەسپىي تەربىيەلەشتىن كەلگەنلەرمۇ ئىشلەمدۇ؟

-ھەممە ئاقتۇ، ھەممە يەردىن بار، كېلىدۇ.

-يېنىڭلاردىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىدىن قانچە ئىشچى بار بۇ زاۋۇتتا؟

-سىز كىمۇ ؟. . . .

تېلېفون ئۈزۈلدى.

بۇ زاۋۇتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدە گۇمان قالمىدى.

ئەدلىيە ئارخىپى تەمىنلىگەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە رادىيومىزدىكى تەكشۈرگۈچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قايتا ئېنىقلىغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن ھەربىي گازارما، لاگېر، ئۈرۈمچى شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئەدلىيەلىك ئاناتومىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ بىر كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە ۋە قارلىغاچلىق مەھەللە رايونىدىكى بىر يول ئۈستىگە، يانمۇ-يان ئورۇنلاشقانلىقى مەلۇم بولدى. ئاناتومىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ يەنى جەسەت تەكشۈرتۈش ئورنى بىلەن ئۇدۇلدىكى ھەربىي گازارما ۋە لاگېرنىڭ ئارىلىقى 200 مېتىر كېلىدۇ.

بۇ ئورۇنلارنىڭ بىر دائىرىدە، بىر-بىرىگە يېقىن ئورۇنلىشىشى تاسادىپىيلىقمۇ؟ بۇ جايلارنىڭ ئۆز ئارا قانداق باغلىنىشى بار؟ بۇلار ھەققىدىكى ئېنىقلاش نەتىجىلىرىمىزنىڭ داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.