دېموكراتىيە قولاققا چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان، ھەركىمنى قايىل قىلىدىغان بىر سۆزدۇر. ھازىرقى كۈندە ئىنسانلار دېموكراتىيە سايىسىدىلا ئۆزلىرىنىڭ تولۇق قانۇنلۇق ھەق - ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولماقتا.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردىن دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلماقتا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا تېخىمۇ تولۇق ئېرىشمەكتە.
يېقىندا، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس تور بېكىتىدە «ئىسلام ۋە دېموكراتىيە» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
دېموكراتىيە - گرېك تىلىدىكى: DEMOS (يەنى خەلق) ۋە KRATIA( يەنى ھۆكۈم) دېگەن ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، «خەلق ھاكىمىيىتى» ياكى«خەلق ھۆكۈمرانلىقى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
دېموكراتىيىنى يۇقىرىقى تەرىپى بويىچە چۈشەنگەن كىشىلەرگە ئايانكى، ھەقىقىي مەنىدىكى دېموكراتىيە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ماسلىشىدۇ. تارىختىن بۇيانقى مۇستەبىت ھاكىممۇتلەقلەرنىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش، ھاياتلىقنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش نەتىجىسىدە، ئىنسانلار تېخى يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان دېموكراتىيە تۈزۈمى ئىسلام دىنى ئون تۆت ئەسىر ئىلگىرى تۇنجى قېتىم قارار قىلغان ھەق - ھوقۇقلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. مەسىلەن: ئىسلام دىنىدا دۆلەت باشلىقىنى پەيغەمبەر تەيىنلەپ بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇنى خەلق ئۆزى سايلاپ چىقىدۇ. ئىسلام دىنى جامائەت ياقتۇرمايدىغان بىرىنىڭ ئۇلارغا نامازدا ئىمام بولۇشىنى يامان كۆرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ئۈچ خىل ئادەمنىڭ ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى جامائەت ياقتۇرمايدىغان ئىمام...». نامازدىكى ئەھۋال شۇنداق بولغان يەردە، پۈتۈن ھاياتلىق ۋە بارلىق سىياسەت ئىشلىرىدا ئەھۋال قانداق بولۇشى كېرەك؟ بىر ھەدىستە: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىقلىرىڭلار سىلەر ياقتۇرىدىغان ۋە ئۇلارمۇ سىلەرنى ياقتۇرىدىغان، سىلەر ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدىغان كىشىلىرىڭلاردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ يامان باشلىقلىرىڭلار سىلەر ياقتۇرمايدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرنى ياقتۇرمايدىغان، سىلەر ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرگە لەنەت ئوقۇيدىغان كىشىلىرىڭلاردۇر» دەپ كەلگەن.
مۇسۇلمانلار دېموكراتىيەدىن پايدىلىنىشى كېرەك
دۇنياغا داڭلىق دىنىي ئالىم دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋى مۇنداق دەپ يازغان:«ئىسلام قانۇنشۇناسلىرىغا كۆرە، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋى دىنلارنىڭ شەرىئەت قانۇنلىرىدا كەلگەن پرىنسىپلار ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەر ئىنسانلار ئىدراك قىلالايدىغان، چۈشىنىپ قوبۇل قىلالايدىغان ۋە ھەممە بىردەك قوللايدىغان ئىشلاردۇر، مەسىلەن: ئۇلارنىڭ ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى ياقتۇرۇپ، ھەقسىزلىقنى ۋە زۇلۇمنى يامان كۆرگىنىگە، ۋاپادارلىقنى ياقتۇرۇپ، خىيانەتنى يامان كۆرگىنىگە ئوخشاش. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ پرىنسىپلىرىدىن بولغان خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى ئۆزلىرى تاللاش ھەققى، ئەركىن سايلام، كۆپ سانلىقنىڭ رايى بويىچە ئىش كۆرۈش، كۆپ پارتىيە قۇرۇش، ئاز سانلىقنىڭ ھەققىنى قوغداش، تەشۋىقات ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى، خەلق مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل بولۇش ھەققى قاتارلىقلارمۇ ئىنسانلار قوبۇل قىلىدىغان ۋە قوللايدىغان ئىشلاردۇر. ھازىرقى دۇنيادا مۇسۇلمانلار ھەممىلا جايدا ئېزىلمەكتە ۋە ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا. ئۇلار پەقەت دېموكراتىيە سايىسىدا ئۆزلىرىنىڭ بەزى ھەق - ھوقۇقلىرىغا ۋە ئىنسانىي ھۆرمىتىگە ئىگە بولماقتا. مەسىلەن: ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلار شۇ دۆلەتلەردىكى دېموكراتىيە سايىسىدىلا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئەركىن، ئازادە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردۇغانمۇ شۇ دېموكراتىيە سايىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ تۈركىيەنى يېڭى بىر دەۋرگە ئېلىپ كىرمەكتە. ھازىر ئىنسانلار پايدىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى تۈزۈم دېموكراتىيە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. دېموكراتىيە كوممۇنىست تۈزۈمىدىن ۋە تەخت ۋارىسلىق تۈزۈمىدىنمۇ يامانمىدۇ؟
دېموكراتىيە دىنغا زىت ئەمەس
دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋى يەنە مۇنداق دەپ يازغان بەزى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار، دېموكراتىيە دېگەن خەلق ھۆكۈمرانلىقى دېگەن مەنىدە بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ھاكىمىيىتىنى خەلققە ئېلىپ بەرگەنلىك بولىدۇ ۋە قۇرئان كەرىمدىكى» ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا ئائىتتۇر«دېگەن پرىنسىپقا زىت كېلىدۇ، دەيدۇ. بىز دەيمىزكى، بۇ ھەرگىز زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى دېموكراتىيەگە چاقىرغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ھاكىمىيىتىنى رەت قىلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ چاقىرىدىغىنى پەقەت دىكتاتورلۇق تۈزۈمگە قارشى چىقىش، خەلقنىڭ يەلكىسىگە مېنىۋالغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى رەت قىلىپ، خەلق ئۆزىنىڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرى ئەركىن سايلاپ چىقىدىغان ۋە ئەگەر ئۇلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇلاردىن ھېساب ئالىدىغان بىر تۈزۈم بويىچە ئىش كۆرۈشنى خالايدۇ، بەس. بۇ تۈزۈم زامانىمىزدا دېموكراتىيە دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ خەلقى ئۈستىدىكى ھاكىمىيىتى ھەق ۋە راستتۇر. بۇ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1.ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ھاكىمىيىتى بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭ كائىناتتىكى تەسەررۇپلىرى، تەقدىر قىلىشى ۋە ئىرادە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كائىناتتا ھەممە ئىش ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ.
2.ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن قانۇن تۇرغۇزۇشتىكى ھاكىمىيىتى بولۇپ، دىننىڭ بۇيرۇغان ۋە توسقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھېچقانداق بىر دېموكراتچى مۇسۇلمان يۇقىرىقى بۇ ئىككى تۈرلۈك ھاكىمىيەتنىڭ ئاللاھ تائالاغا خاس ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئۇ دېموكراتىيەنى پەقەت ئىسلام پىرىنسىپلىرى ئىچىدىكى باشلىق سايلاش، شۇرانى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەقسىزلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا چارە - تەدبىر ئورنىدىلا قوللىنىدۇ، بەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېموكراتىيە تۈزۈمى بىلەن كېتىپ بېرىۋاتقان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا:«دۆلەت دىنى ئىسلام، جىمى قانۇنلارنىڭ مەنبەسى ئىسلام شەرىئىتىدۇر» دەپ قەيت قىلىنغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىقرار قىلغانلىق ۋە ئۇنى تەكىتلىگەنلىك ئەمەسمۇ؟ مىسىرلىق ئاتاغلىق يازغۇچى ۋە ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئۇستاز ئابباس ئاققاد ھازىرقى دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ جەۋھىرى ئىسلام دىنىدىن كەلگەنلىكىنى دەلىللەپ «ئىسلام دېموكراتىيىسى» ناملىق بىر كىتاب يازغان. دېمەك، ھەقىقىي مەنىدىكى دېموكراتىيە ئىسلامنىڭ روھىغا مۇۋاپىقلىشىدۇ.»
دېموكراتىيە دەۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى دېموكراتچى ئەمەس
دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋى يەنە مۇنداق دەپ يازغان «شۇنىمۇ ئەسكەرتىش لازىمكى، ھازىرقى زاماندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان«دېموكراتىيە»لەرنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي دېموكراتىيەگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تولىسى قۇرۇق شۇئار بولۇپ، مۇستەبىت، ھاكىممۇتلەقلىق ۋە تەخت ۋارىسلىق تۈزۈملەرمۇ ئەنە شۇ چىرايلىق «دېموكراتىيە»شۇئارى ئاستىدا داۋام قىلماقتا. مۇنداقلارنىڭ تولىسى ئۆزلىرىنى تېخى«دېموكراتىك دۆلەت» ۋە «دېموكراتىيەنىڭ پاسىبانى» دەپ ئاتىۋالىدۇ. ئەمما ئۇلاردا دېموكراتىيەنىڭ ئەسىرىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇلاردا سايلانغان رەئىس جۇمھۇرلارمۇ ئۆمۈر بويى سايلىنىدۇ، ئۇلار تەختنى پەقەت ئۆلۈم ياكى ئۆرۈلۈش بىلەنلا بوشىتىدۇ. ئىشنىڭ قىزىق يېرى، بەزى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرمۇ ئۆزلىرىنى دېموكراتىك دۆلەت دەپ ئاتىۋالىدۇ، خەلق دۆلىتى دەيدۇ - يۇ، خەلققە ھېچ نەرسە بەرمەيدۇ، ھەتتا ئۇلاردا مەسئۇللىرىنى سايلاش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ.»
0:00 / 0:00