خىتاينىڭ «ھاۋا يولى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر ئېلىنى نىشانلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئانالىز
2023.02.02

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا يولى قاتنىشىدىكى تەرەققىياتلارغا ئالاقىدار خەۋەرلەر كۆزىمىزگە كۆپ چېلىقىدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، تاش يول قۇرۇلۇشى، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئايرودروم قۇرۇلۇشلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 31-يانۋار كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە، «شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھى» ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە يەنە 8 ئايرودروم قۇرۇپ، پۇقراۋى ئايرودروم سانىنى 33 كە يەتكۈزۈپ، زامانىۋى ئايرودروم تورى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى يېزىلغانىدى. مەزكۇر خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ھاۋادىكى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا ھاۋا يولىدىن 4 نى ۋە ئۇيغۇر رايونىغا بىۋاسىتە كىرىپ-چىقىدىغان ھاۋا يولىدىن 8 نى كۆپەيتىپ، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئايروپىلاندىن مال توشۇش مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.
بۇ يەردە دىققىتىمىزنى تارتىدىغان بىر نۇقتا بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ھاۋادىكى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتمەكچى بولۇشىدۇر. ئۇ ھالدا «ھاۋادىكى يىپەك يولى» نى كۈچەيتىشتە خىتاي يەنە قانداق غەرەزلەرنى كۆڭلىگە پۈككەندۇ؟ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۇيغۇر ئېلى، قىسقىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن؟
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككىنچى قېتىملىق «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنى، ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» دىكى «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىي رايونى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىزچىل مەھرۇم قالدۇرۇپ كەلگەن خىتاينىڭ، بۇ يىللاردا تۇيۇقسىز «يىپەك يولىنى قايتا گۈللەندۈرۈش» كە تەرەددۇت قىلىشى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلمىغانىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار دەل شۇ پىلان ئاستىدا لاگېرلارغا قامالغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان.
ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇنداق بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئەسلىدە خىتاينىڭ ئىسلاھات سىياسىتىدە ئالدىن تەرەققىي تاپقان دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنى ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا باغلاشنى مەقسەت قىلغان.
بۇ خىل باغلىنىشنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بارلىقى ھەققىدە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات مەركىزى، خىتاي چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جيەنيىڭنىڭ 2015-يىلى يانۋاردا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىلگەن. شۈ جيەنيىڭ ماقالىسىدە خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارالىق ئىقتىساد چەمبىرىكى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ھەمدە دۆلەت ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى يازغان.
بىزگە مەلۇم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆزدە تۇتقان بىخەتەرلىك مەسىلىسى، شەكسىزكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان. خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يوق قىلىش شەرت. بىز بۇ خىل قاراشنىڭ مەنبەسىنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ دېگەن بىر شاھمات تاختىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» دېگەن تەشۋىقاتلىرىدىن ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
بولۇپمۇ خىتاينىڭ 2010-يىلىدىكى «تۇنجى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى «شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» دەپ بېكىتىلدى. 2014-يىلى ئاۋغۇستتا ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن خىتاينىڭ «ھەقىقەت» تورىدا «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەيلى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە «شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئۈچ مۇھىم ئىش»، يەنى، بىرىنچىسى، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى؛ ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى؛ ئۈچىنچىسى، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، «ئىككى يۈز يىللىق پىلانى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى» گە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جاڭ چۈنشيەننىڭ مەزكۈر ماقالىسى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىن ۋە مۇقىم بولۇشى، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۇنياغا خوجا بولۇش پىلانىدا ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي يورۇتقان.
2015-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى» غا ئالاقىدار بىر مۇھىم يىغىن ئېچىلغان. جاڭ چۈنشيەن رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان بۇ يىغىن، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان 60 يىلدىن بۇيانقى خىتايدا ئېچىلغان تۇنجى يىغىن بولۇپ قالغان. مەزكۇر يىغىندا «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپ» كۆزدىن كەچۈرۈلگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ بارلىق كۈچنى توپلاپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قارار قىلىنغان. دەرۋەقە بۇ يىغىندا خىتاي، ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش بولسا خىتاينىڭ «دۆلەت پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكى ۋە خىتاي چۈشىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ ئاساسى» ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.
بۇرۇنقىلاردا «باي بولاي دېسەڭ، ئاۋۋال يول ياسا» دەيدىغان بىر سۆز بار. يول ياساش ھەقىقەتەنمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشمۇ ئالدى بىلەن يول ياساشتىن باشلانغان. لېكىن بۇ يوللارنىڭ ياسىلىشى، ئاقىۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. شى جىنپىڭ ۋەزىپىدە تۇرغان ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ياسالغان تاش يوللارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 217مىڭ 300كىلومېتىرغا يەتكەن. پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق ناھىيە، شەھەر ۋە يېزىلىرىغىچە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك دۆلەت تاش يوللىرى، شۇنداقلا يېزا تاشيوللىرى ياسالغان. تۆمۈر يول لىنىيەلىرىمۇ ئاۋۋالقى لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولى بىلەن باغلىغان. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب، شىمال ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ، جەنۇب بىلەن شىمالدا ئىككى ئايلانما تۆمۈر يول چەمبىرىكى ھاسىل قىلغان. بۇ ئىككى تۆمۈر چەمبىرىكى بۈگۈن خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنى ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۆمۈر يول تۈگۈنىگە ئايلانغان. شۇنداق قىلىپ شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئون يىل ئىچىدە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت بەرپا قىلىش پىلانى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئېشىپلا قالماي، خىتاينىڭ غەربكە كېڭىيىشى ئۈچۈن تاش يول ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تاماملانغان.
خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەقسىتى دۇنياغا خوجا بولۇشتەك «خىتاي چۈشى» نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. بۇ ۋەجىدىن ئالدى بىلەن خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا توسالغۇ بولىدىغان بارلىق ئامىللارنى يوقىتىش خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلاندى.
قارايدىغان بولساق خۇددى خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئىزچىل زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن، غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ئاساسەن ئوخشاش. يەنى ھەر ئىككىسى خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش يولىدىكى تەھدىت دەپ قارالغان ئامىللاردۇر. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى ھەم خەلقئارادىكى خىتايغا تەھدىت دەپ قارالغان كۈچلەرنى يوقىتىش پىلانى پۈتۈنلەي دېڭىز ياقىسىدىكى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان خىتاي رايونلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان. يەنى، مەزكۇر خىتاي رايونلىرى خىتاينىڭ ئىسلاھاتىدا غەرب دۇنياسىغا يۇمشاق كۈچ بىلەن سىڭىپ كىرىشتە قوللىنىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەرنى خىتاي ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك يوقىتىشتا قورال قىلىنغان. مانا بۈگۈن خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى غەرب دۇنياسىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ، خىتاي بىرلىكسەپنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان خەلقئارالىق تور شەكىللىك سىستېما شەكىللەندۈرگىنىدەك، يەنە شۇ خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى 19 ئۆلكىسى ئۇيغۇر ئېلىنى «ياردەم بېرىش» نامىدا ئومۇميۈزلۈك بۆلۈشۈپ ئېلىشى نەتىجىسىدە، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كومپارتيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان غايەت چوڭ تور سىستېمىسى بارلىققا كەلتۈرۈلدى.
خۇلاسىلىگەندە، خىتاي كومپارتيەسى ھاكىمىيىتى بۈگۈن دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا باغلانغان بولسا، يەنە ئوخشاشلا دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى يوقىتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى قۇرۇقلۇق، تۆمۈريول بىلەن باغلىدى. دېمەك، خىتاينىڭ «ھاۋا يولى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىمۇ ئوخشاشلا «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە «خىتاي چۈشى» نىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئېنىق.
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بىز باشتا تىلغا ئالغان خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئايرودروملارنى «ھاۋادىكى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېڭەيتىشىنىڭ سەۋەبىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلىشىمىز مۇمكىن. دەرۋەقە، خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدا «ھاۋادىكى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈشى، پەقەت خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ غەربكە كېڭىيىش ۋە دۇنياغا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي خوجا بولۇش پىلانى بولغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.