ئۆلۈمدىن ئىبرەتلەنگەن ھايات ۋە ھىممەت

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق پائالىيەتكە ئەڭ ئاسان ۋە ئومۇمىييۈزلۈك تەشكىللىنىدىغانلىقىنى كۆزەتتىم. ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى جەملەشنىڭ ئەڭ جەلپكار يولىنى ئۆلۈم دەپ قارايدىغان بولدۇم. مەن مۇھاجىرەتكە قەدەم قويغان بەش يىلدىن بۇيان نامايىشلار، سۆھبەتلەر، يىغىلىشلار ۋە ھەتتا تويلارغا ئىشتىراك قىلمايدىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم ئۇزۇتۇلغان سورۇنلاردا كۆردۈم. ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مەھەللىدە ياشاپ قېلىپ ئۇچرىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن تالا-تۈزگە كۆپ چىقمايدىغان، ئۇيغۇر جامائىتى جىقراق يىغىلىدىغان مەسچىتنى قويۇپ خۇپىيانە ئىبادەتنى تاللايدىغانلارنىمۇ مىيىت نامىزىدا ئارىمىزدا كۆردۈم. شۇندىن كېيىن «ئەجەبا، كىشىلەرنى ئۆلۈم ئويغىتامدۇ؟ پەقەت ئۆلۈملا ئۇيغۇرنى تەشكىللەشكە قادىرمىدۇر؟» دەپ ئويلايدىغان بولدۇم.

يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھار ئەپەندىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.

بۈگۈن 2020-يىلى 17-دېكابىر سەھەردە لاگېر، قاماقخانا ۋە تۈرمىلەردە ئۆلۈپ كەتكەنلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ ئولتۇرۇپ «شاھىت بىز» تورىدىن شېھىت كەتكەن 177 كىشىنىڭ مەلۇماتىغا ئېرىشتىم. خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى مالتىلاش جەرياندا بۇ يىل تۈگەپ كەتكەن تۆھپىكار ئۇيغۇرلاردىن سەنئەتكار مەخمۇت سۇلايمان، يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھار، ناخشىچى جەمىلە قۇربان ۋە لەپەرچى سۇلايمان روزىلارنىڭ خەۋىرىنى ئالدىم.

لاگېرلاردا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىپ كۇچالىق بىر ئۇيغۇرنىڭ قازا قىلغانلىق ئۇچۇرىنى ئالدىم. خۇددى ئ‍ۆز قولۇم بىلەن بىر ئۇيغۇرنى دەپىن قىلغاندەك قايغۇدا بولدۇم. «شاھىت بىز» دىكى 177 نەپەر مەرھۇم كىشىنىڭ كەينىگە 1975-يىلى تۇغۇلغان، 2018-يىلى لاگېردا قازا قىلغان دېگەن مەلۇماتلارنى قوشتۇم. ئۇ كۇچا ناھىيە بەشىنجى رايۇن چىنىباغ كەنتىدىن توختى مەمەت ئىسىملىك بىر كىشى ئىدى. تىزىملىككە سىنلىق گۇۋاھلىقنى يوللاپ بولۇپ، بۇنداق ئۈنسىز ئۆلۈملەر، داۋاسىز قازالار، ئىگىسىز مىيىتلەر ھەققىدە ئېزىلىپ ئويلىنىپ قالدىم.

تەكشۈرۈپ باقسام، تىزىمغا ئېلىنغان قازا قىلغۇچىلار ئىچىدە مۇھەممەت سالىھ داموللام، خوتەنلىك ئۆلىما ئابلەت مەخسۇم، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىدىن باشقا قالغان 177 كىشى ئىچىدە كۆپىنچىسى چوڭراق ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى تارتماپتۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلار مەشھۇر بولمىغانلىقى، ئەلگە بىلىنمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟

ئىزدىنىپ باقسام، ئۇنداقمۇ ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇر مەشھۇلارنىڭ قاتارىدىن بولمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى ئوننەچچە ئاخباراتنىڭ دىققتىگە سازاۋەر بوپتۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئىسىمى ئابدۇغوپۇر ھاپىز ئىكەن. ئۇ ئاۋام ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ مەرھۇملاردىن بولۇپ، شائىرە پاتىمە سەيياھ خانىمنىڭ دادىسى بولىدىكەن. مەشھۇرلاردىن سانالمايدىغان بۇ كىشى قىزىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بوپتۇ.

پاتىمە سەيياھ خانىم دادىسىنىڭ ئۆلۈمدىن پۇچلانغان ھالىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورتاقلاشقان چېغىدا ئۇنىڭ ھەسرىتىدىن قايغۇلانغان، ئەمما جاسارىتىگە قايىل بولغان ئىدىم. پاتىمە دادىسىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق مىڭلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ لاگېرلاردا ۋە تۈرمىلەردە ئۆلۈم گىدابىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ تۆھپىسى بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى جامائەتكە جاكارلاش، ئاخباراتلارغا يەتكۈزۈش، مۇخبىرلارغا سۆزلەش ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ ئۆلۈم تەھىدىتىدە قالغان ھاياتىنى چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قايغۇسى سۈپتىدە دۇنيا جامائىتىگە سۇنۇشتۇر.

ئەلۋەتتە، ۋەتەندىن ئۆلۈم خەۋىرى چىققاندا يىغلاپ بىچارە كۆرۈنمەي، قايغۇلۇق كۆرۈنمەي دېسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشى ئەمەس. ھېچ بىر ئىنسان يىغلىغان چاغدا ساھىپجامال كۆرۈنۈپ كەتمەيدۇ، ئەمما بېشىڭىزغا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرت كەلگەندە بولسىمۇ «ھە خىتاي، دادام قېنى! ئانامنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىدىم، جەسىتىنى بولسىمۇ كۆرسەت، زالىم!» دەپ چۇقان سالالمىسىڭىز ئالمىدەك چىرايىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ چالمىدەك ھېممىتىڭىز بولمىسا قىممىتىڭىزمۇ بولمايدۇ. قەدىردانىڭىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغاندا خەقنىڭ قانداق قارىشى، قانداق ئويلىشى ۋە جەلىپكارلىقىڭىز توغرىلىق ئارىسالدى بولۇپ يۈرۈشىڭىز ئىنسانلىققىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. ئىكراننىڭ ئالدىدا يىغلىيالىغان ئادەم ئۇيغۇر جامائتىنىلا ئەمەس، دۇنيا جامائىتىنىمۇ زۇلۇمنىڭ قۇربانى بولغان ئۆلۈملەرگە قارشى قوزغىتالايدۇ. پاتىمە شۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپتۇ. شۇڭا مەرھۇم دادىسىنىڭ ئۆلۈمى ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنىپتۇ.

مەن لاگېردا قازا قىلغانلارنى ئاخباراتلارنىڭلا ئەمەس، مۇھاجىرەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ مىيىت نامىزىنى ئ‍وقۇپ بولۇپلا ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. 177 قازا قىلغۇچىنىڭ مەلۇماتىغا قارىسام، بەزىلىرىگە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆزى مەلۇم ئەمەس، ھەتتا تولۇق ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى ۋە ئالاقە ئۇچۇلىرىمۇ يوق. شۇنىسى ئېنىقكى، لاگېرلاردا قازا قىلغان تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلۈمىگە، ئۇنىڭ سەۋەبىگە ۋە جەريانىغا قىزىقىدىغان ھەر قانداق مۇخبىر، سىياسىيۇن ياكى تەتقىقاتچى بۇنداق ئىگىسى نامەلۇم گۇۋاھلىقلارنى دىققەتكە ئالمايدۇ.

بەزى كىشىلەرنىڭ مەخمۇت سۇلايماننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن قوزغالغان ئىجتىمائىي تەسىرنىڭ خوتەن گۇمالىق ئۆلىما مەمتىمىن يۈنۈس داموللامنىڭ لاگېردىكى شېھىتلىكىدىن كۈچلۈك بولغاننى سېلىشتۇرۇپ: «ئۇيغۇرلار ناخشىچىسىنى تونۇپ، ئۆلىماسىنى تونىمايدۇ» دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە، مەمتىمىن يۈنۈس داموللامنى تونۇيدىغانلار، قولىدا ئوقۇغانلار، تەبلىغلىرىنى ئاڭلىغانلار ئاز ئەمەس، ئەمما بىرمۇ گۇۋاھچىسى يوق ئىدى. مەرھۇم داموللامنى ئابلىكىمخان مەخسۇمنىڭ شاگىرتى، ۋارىسى دەپ ھۆرمەت قىلىدىغان مىڭلىغان كىشى بار ئىدى مۇھاجىرەتتە، ئەمما ئۇ 2016-يىلى تۇتۇلغاندا، 2018-يىلى تۇتقۇن ئۆلىملار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندە، ھېچ بىر كىشى شاھىتلىققا چىقمىدى. مەرھۇمنىڭ كانادادا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا پەرزەنتلىرى بارلىقى، ئىستانبۇلدا ئۇنچە كۆپ قوللىغۇچىسى بارلىقى ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مىيىت نامىزىدا بىلىندى. ئەمما سىموۋۇللۇق مىيىت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن نە پەرزەنتلىرى، نە قوللىغۇچىلىرى داموللامنى ئۆلتۈرگەن خىتايدىن ھېساپ ئالىدىغانلىقىغا دائىر بىرەر باياننى، مەرھۇمنى خىتاينىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىگە دائىر بىرەر باياناتنى بېرىشكە، مەرھۇمنىڭ قىساسىنى ئېلىشقا، داۋاسىنى قىلىشقا تىرىشىپ باقمىدى.

مەخمۇت سۇلايماننىڭ ۋەتەندە دادىسىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە يازما يازغان، مەيدانغا چىققان قىزىنىڭ ھېممىتى مۇھاجىرەتتىكى مۇسىبەتتە ئاتىسى ئۈچۈن ياش تۆككەن، مۇشت تۈگمىگەن پەرزەنتلەردە بولغان بولسا، مەخمۇت سۇلايماننىڭ ئ‍ۆلۈمىگە قايغۇرۇپ مەرسىيەلەر يېزىشقان قوللىغۇچىلارنىڭ ھېممىتى مۇھاجىرەتتىكىلەردە بولغان بولسا، دۇنيا ئۇيغۇرغا قارشى بىر قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئاسانراق چىنپۈتكەن بولاتتى. مەخمۇت سۇلايمان ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تەقدىرنىڭ پۈتكىنىگە تاشلاپ قويماي، بېشىغا نېمە كۈن كېلىشىنى بىلىپ تۇرۇپ غۇلغۇلا قىلىدىغانلار، خىتاينىڭ قەست قىلغانلىق ئېھتىماللىقنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار بولمىغان بولسا، توردا مۇنازىرە بولمىغان بولاتتى. ۋەتەندە تۇرۇپمۇ ھېلىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى قوزغىتىش قۇدرىتىگە ئىگە شەخسلەرنى ئ‍ۆلتۈرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىدىغانلاردا بولغان جاسارات چەت ئەللەردە ياشاۋاتقانلاردا بولغان بولسا ئىدى، جەزمەنكى دۇنيانىڭ دىققىتى شۇ ئۆلۈملەرگە تارتىلغان بولاتتى.

خىتايدا ئۇيغۇرنىڭ مىيىتى يەرلىككە قويۇلغاندىن كېيىنلا سەبرى قىلىدىغانلىقى ئاللىقاچان بىلىنىپ بولغان ۋە ساقچى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن كەڭرى سۈيئىستىمال قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ بىرەر كىشى قازا قىلسا ئۆلۈمنى ئۇزىتىش بىلەن بولۇپ داۋانى ئۇنتۇپ كېتىدىغان، مۇسىبەتكە سەبىر قىلىپ كېتىدىغان، ئۆلتۈرگۈچىنى ۋە سەۋەپنى سۈرۈشتە قىلىپ بەك ئىنچىكىلەپ كەتمەيدىغانلىقىنى خىتايلارغا بىلىنگەچكە، تۈرلۈك ھادىسىلەردە قازا قىلغان ئۇيغۇرنىڭ تۆلەم پۇلى خىتايدىن تۆۋەن بولاتتى. مەن بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ قازاغا ئۇچرىغاندىن كېيىن سىياسىي كېڭەشتىن مۇئاش ئالىدىغان موللىلارنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرى بىلەن دەپن قىلىشقا كۆندۈرۈلۈپ تۆلەمنىمۇ ئالالمىغانلىقىغا شاھىت بولغانمەن. ئەگەر مۇشۇ پاسسىپ ئادەت ۋەتەننىڭ سىرتىغىمۇ قېرىنداشلار بىلەن بىللە ھىجرەت قىلىپ چىقمىغان بولسا، قېنى شېھىت كەتكەن 177 كىشىنىڭ 17 داۋاگەرى؟ قېنى مۇھاجىرەتتە ئۆلۈمگە توپ بولۇپ قاتناشقان جامائەتنىڭ شۇ ئۆلۈمنىڭ سورىقىنى توپ-توپ بولۇپ قىلغىنى؟ ئەگەر ئەركىن دۇنيادا ئۆلۈمگە تۇتقان پوزىتسىيە خىتاي ئالدايدىغان مەھەللىمىزدىكى پاسسىپلىقتىن ئۆزگەرگەن بولسا ئىدى، خىتاي ئۆلتۈرگەن 177 شېھىت ھەققىدە ھېساپ بېرىشكە، بۇ ئۆلۈمنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە جاۋاپ بېرىشكە، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن يالغان سۆزلەشكە بولسىمۇ مەجبۇر بولاتتى.

مەن ۋەتەندىن چىققان مۇسىبەت خەۋەرلىرى ۋە خىتاي تارقاتقان ۋىرۇس سەۋەبلىك يېنىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقانلار ئۆلۈملەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئۇيغۇرنى تەشكىللەيدىغانلىقىغا، تەشكىللىنىشلەرنىڭ ھەرىكەتكە، ھەرىكەتنىڭ بەرىكەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇيغۇرنى تەشكىللىگەن، ھازىدىن ھىممەتكە ۋە ھەرىكەتلەرگە ئۈندەيدىغان ئۆلۈملەرنىڭ دۇنيانى قوزغايدىغانلىقىغا ئەسلا گۇمانىم يوق، چۈنكى ئىنسانىيەتنى تەسىرلىنىشكە، تەپەككۇرغا، ھەرىكەتكە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرنى قىرغىنچىلىقتىن قوغداشقا ئۈندەشكە ئۆلۈمدىن كۈچلۈك ئىبرەت، ئۆلۈمدىن پاجىئەلىك ئاقىۋەت يوق.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە سۈيىقەستىدە، مۇھاجىرەتتە كىشىلىرىمىز خىتاي دۇنياغا پۈركىگەن كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر ۋەتەندىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى مۇھاجىرەتتە مىڭ ئۇيغۇرنى ئويغىتالىسا، ھىممەتكە ۋە ھەرىكەتكە جاسارەتلەندۈرەلىسە، بىز ئۆلۈمدىن قۇرئاندا بۇيرۇلغاندەك ھېكمەتلەنگەن، ئىبرەتلەنگەن بولىمىز. ئەگەر بۈگۈن ياشانغان بىر دادىنىڭ شېھىتلىكى، بىر مەسۇم ئانىنىڭ مۇسىبىتى مۇساپىرەتتە ياشاۋاتقان مىڭلىغان پەرزەنتلەرنى شاھىتلىققا چاقىرالىسا، مىڭلىغان كىشىلەرنى ھازىدار قىلىپ ئۇلارنى قاماقتىكى قەدىردانلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلىسە بىز ئۆلۈمدىن «قۇرئ‍ان» ۋەدە قىلغان ھاياتلىقنىڭ ھىدىنى پۇرىيالايمىز، شۇنداقلا ئاللاھ ھىممەتلىكلەرگە ۋەدە قىلغان ئۆلۈمسىز ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز. خۇددى دۆلەت مارشىمىزدا ئېيتىلغاندەك تارىختا «جاھاننى سورىغان ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز»، ئەمدى بۈگۈن دۇنيا بىزدىن شۇ تەۋەرۈك ھىممەتنى سوراۋاتىدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.