نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاق پىكىرى بىردەك «1970-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان» دەپ خۇلاسە چىقىرىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكسىلىشىنىڭ ماھىيەتتە ئۇنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ساھەدىكى «ئۇرۇش بۆرىسى» تەبىئىتىنى ئاشكارىلىشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىمۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىدىن چەتتە قالغىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قوپال دىپلوماتىيە ۋە ئىغۋاگەرلىككە تولغان ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ھازىرقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە خىتاينىڭ «ئىستراتېگىيەلىك رەقىب» بولۇشى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ يول خەرىتىسىدىن ئورۇن ئالدى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئەنە شۇ تەرىقىدە يامانلىشىپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن ساقلىنىش قىيىن، دەۋاتقاندا 3-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىغا يېڭىدىن باش قوماندان تەيىنلىگەنلىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق رەسمىي يوسۇندا خەۋەر قىلىندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «سىنا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بۇ ئەھۋال تەپسىلىي خەۋەر قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 1963-يىلى تۇغۇلغان ھەمدە گېنېرال لېيتېنانت ئۇنۋانىدىكى ۋاڭ خەيجياڭ رەسمىي ھالدا خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە ۋاڭ خەيجياڭ 1980-يىللاردىن تارتىپلا خىتاي ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ئىلگىرى «تىبەت ھەربىي رايونى» نىڭ باش قوماندانى بولغان ئىكەن. ئەمما خەۋەردە ئۇنىڭ بۇ قېتىم باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرىلا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىي قىسىمغا دائىر بۇ زور تەڭشەش ھەققىدە سۆز بولغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت «بۇ بىر قېتىملىق تاسادىپىي ئادەم ئالماشتۇرۇش ئەمەس» دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ رايونلار ۋەزىيىتى داۋالغۇشقا تولۇۋاتقان، سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشتا زور ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئەندىشىسى ئېشىۋاتقان، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي كونتروللۇق ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئۆز تىزگىنىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئىستىكى كۈچىيىۋاتقاندا كۆرۈلگەن بۇ قارار ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسىنىمۇ ئىپادىلەيدىكەن. چۈنكى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم كونتروللۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ باش قوماندانى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە قابىل گېنېراللىرىدىن بىرىنى تاللىشى ئېنىق ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر دىيارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربكە كېڭىيىشىدىكى مۇھىم بازا بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قەدەر مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى ھەرگىزمۇ ئۇ جايدىن چىقىۋاتقان تەبىئىي بايلىقلاردىن كەم ئەمەس ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان ھەربىي توقۇنۇش بىر بولسا خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە، بىر بولسا ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ باش قوماندانىنى ئالماشتۇرۇشى ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىشتىن ئۆتمەي تۇرۇپ ئىشقا ئاشمايدىكەن.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەنمۇ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋاتقاندا كۆرۈلگەن بۇ قېتىملىق ھەربىي قوماندان ئالماشتۇرۇش ماھىيەتتە لاگېر سىياسىتىنىڭ باش ئىجراچىسى بولغان چېن چۇەنگونىڭ تېخىمۇ يۈرەكلىك ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىش كۆرۈشىگە ئوڭايلىق يارىتىش رولىنى ئوينايدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ ھال ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يۇمشايدىغانلىقىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق بولغان كونتروللۇق تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن بېشارەت بېرىدىكەن. چۈنكى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تەنقىدلىرى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئېمبارگو چارىلىرى، يامىنى كەلسە دۇنياۋى ھەربىي توقۇنۇشنىڭ تەسىرى دېگەنلەر بىرلىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى چەكلىمىسە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ ئۆزلۈكىدىن بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىپ قويمايدىكەن. چۈنكى بۇ ھادىسە دۇنيا تارىخى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بولسۇن ھەرقاچان مۇشۇ خىل شەكىلدە داۋام قىلغان ئىكەن.
بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا دىلشات رىشىتمۇ مۇشۇنداق قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر جەھەتتىكى قىممىتىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەنىكەن، ئۇلار بۇ رايوننىڭ قولدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەممىلا چارىنى ئىشقا سېلىشتىن قىلچە ئىككىلەنمەيدىكەن. بۇ قېتىمقى ھەربىي ساھەدە كۆرۈلگەن بۇ پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىكنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا تېخىمۇ ئېغىر بولغان بىر مەيدان سىياسىي ۋە ھەربىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.