ھېيتگاھ مەيدانىدىكى پانۇس بايرىمى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تەنقىدكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 24‏-فېۋرالغا توغرا كەلگەن پانۇس بايرىمىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشتۇرۇلۇشى ۋە بايرامنىڭ ھېيتگاھ جامىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلۈشى بەزى تور بەتلىرىدە تەنقىدكە ئۇچرىدى.

بىر تورداش پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ھېيتگاھ جامىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمەن.» ئوخشاشلا يەنە بىر تورداش «بۇ پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق» دەپ تەكىتلىگەن.

باشقا بىر تورداش پىكىر بىلدۈرۈپ: «بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-ئايەملىرىدە بۇنداق بولمايدۇ. پانۇس بايرىمىنى مەسچىت ئالدىدا ئۆتكۈزۈش بەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىك. ئەڭ ئەقەللىيسى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېگەن.

يەنە بىر تورداشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى كۈچەپ تەرغىب قىلغانلىق. مەقسەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىشتۇر. بۇ پىكىرلەر تورداشلارنىڭ «شىنلاڭ مىكروبلوگى» غا پىكىر يېزىپ، 24‏-فېۋرال ھېيتگاھ جامىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن پانۇس بايرىمى پائالىيىتىگە بىلدۈرگەن ئىنكاسى. «ئۇيغۇربىز» تورى «شىنلاڭ مىكروبلوگى» دىكى نارازىلىق ۋە قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدىكى پانۇس بايرىمىغا ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توقسۇ، يوپۇرغا، قەشقەر قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلىرىدە چوڭ تىپتىكى كوچا ئويۇنلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن تەڭ پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەشكە ئۇيۇشتۇرغان. ئەنئەنىۋى مىللىي تونلىرىنى كىيگەن ئۇيغۇر قىز-يىگىتلەر ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىغان. خىتايلار بولسا كونا دەۋرگە خاس كىمخاب تونلىرىنى كىيىشىپ شىر ئويۇنى، ياغاچ پۇت ئويۇنى، ئەجدىھا ئويۇنى قاتارلىق ھەر خىل ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى كۆرسەتكەن.

بۇ خىل چوڭ تىپتىكى كوچا ئويۇنلىرىنى تەشكىللەپ، پانۇس بايرىمىنى بىرگە تەبرىكلەش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەردىكى بىر ئوقۇتقۇچى ھېيتگاھ مەيدانىدىكى كوچا ئويۇنىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ‹شەھەرنىڭ ئىگىسى بىز› دېگەننى بىلدۈرۈپ قويماقچى. ئۇلار ئوغرىنىڭ خۇدۈكى بولغاچقا شۇنداق قىلىدۇ. مۇستەملىكىچىلىك روھىي ھالىتى ئۇلارنى بۇ ۋەسۋەسىگە سېلىۋاتىدۇ» دېگەن. بىراق ھېيتگاھ جامىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمى خىتايلارنىڭ ھېيتگاھ مەيدانىدا كوچا ئويۇنى ئويناپ، پانۇس بايرىمىنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ مۇنازىرە مەيدانىدىكى پىكىرلەردە بەزى تورداشلار ئۇيغۇر كادىرلىرىنى تەنقىد قىلىپ، بۇنى پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ چاكىنىلىقىغا باغلىغان. بۇ قاراشتىكى بىر تورداش «خەنزۇلار رەھبەرلەر نەدە ئۇسۇل ئويناپ، نەدە ناخشا ئېيتسا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇنى بىلىدىغان بىرەر ئۇيغۇر رەھبەر چىقىپ، تۈزىتىشنى تەلەپ قىلمىغان» دەپ كۆرسەتكەن. بىراق، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇقۇشماسلىق مەسىلىسى ئەمەس. ئۇ، بۇ پائالىيەتنىڭ ھېيتگاھ مەيدانىغا مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىي ۋە كېلەچەك ئىستىقبالىدا تۇتقان ئورنى پەۋقۇلئاددە مۇھىم. ھېيتگاھ جامىسى ۋە ھېيتگاھ مەيدانى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مۇسۇلمانلىقىنىڭ سىمۋولى.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئانالىزچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنداق بىر يەردە خىتاينىڭ كوچا ئويۇنلىرىنى قويۇپ، پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولۇپلا قالماي، شەكلى ئۆزگەرگەن ئاسسىمىلياتسىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھېيتگاھتىكى پانۇس بايرىمىنىڭ قاتتىق نارازىلىققا ئۇچراپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن روزا ۋە قۇربان مەزگىلىدە ھېيتگاھ مەيدانىنى تاقاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت كۈنى ساما ئوينىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە غۇرۇرىغا تېگىدىغان بۇ خىل ھەرىكەتلەر نارازىلىقنى كۈچەيتىپ، توقۇنۇشنى ئۇلغايتىپلا قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل قىلمىشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.

«شىنلاڭ مىكروبلوگى» دىكى ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە يەنە بىر تورداش سامانىڭ چەكلىنىپ، پانۇس بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، «‹تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ› دېگەن مانا بۇ. سېنىڭ ساما ئوينىشىڭغا يول قويمايدۇ. ئۆزى بولسا تەپ تارتماي جامائەنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ سەنەمگە دەسسەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن غەلىتىلىك» دەپ تەكىتلىگەن.

پانۇس بايرىمى خىتاي كونا يىلنامىسىدە ھەر يىلى قەمەرىيە كالېندارىنىڭ تۇنجى ئېيىنىڭ 15‏-كۈنى ئۆتكۈزىدىغان خىتايلارنىڭ تىپىك مىللىي بايرىمى. بۇ يىللىق پانۇس بايرىمى 24‏-فېۋرالغا توغرا كەلگەن. خىتاينىڭ بەزى تارىخىي مەنبەلىرىدە مەزكۇر بايرامنىڭ خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ۋېندى زامانىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، بىراق مەزكۇر بايرام ھەققىدە ھەر خىل چۈشەندۈرۈشلەر بار. خىتايلارنىڭ ئىزچىل تىپىك مىللىي بايرىمى بولۇپ كەلگەن بۇ فېستىۋالغا بۇ يىل قەشقەردە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.